ب ب س : تيەنئەنمىن مەيدانىدىكى نامايىشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى « 10000 بولغان»

ئەنگىلىيىنىڭ يېڭىدىن ئاشكارا قىلغان ھۆججىتىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ئارمىيىسى 1989-يىلى تيەنئەنمىن مەيدانىدىكى نامايىشنى باستۇرۇشتا ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ سانى ئاز دىگەندە 10000 كىشى بولغان.

ب ب س خەۋىرى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2017- يىلى 23- دېكابىر

ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: شۈكۈر

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-02-14

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

ئەنگىلىيىنىڭ يېڭىدىن ئاشكارا قىلغان ھۆججىتىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ئارمىيىسى 1989-يىلى تيەنئەنمىن مەيدانىدىكى نامايىشنى باستۇرۇشتا ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ سانى ئاز دىگەندە 10000 كىشى بولغان.

بۇ سان شۇ ۋاقىتتىكى ئەنگىلىيىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى Sir Alan Donald  ئەپەندىم تەرىپىدىن مەخپى تېلگرامما ئارقىلىق ئەنگىلىيەگە ئەۋەتىلگەن بولۇپ، باش ئەلچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ ئۇچۇرنىڭ ئەسلى مەنبەسى خىتاي گوۋۇيۈەننىڭ ئەزاسى بولغان بىركىشىنىڭ يېقىن دوستىدىن كەلگەن. بۇنىڭدىن بۇرۇنقى مۆلچەرلەردە، شۇ قېتىمقى دېمۇكىراتىيەنى ياقىلاش نامايىشىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانىنى بىر نەچچە يۈزدىن بىر مىڭغىچە بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىنغان.

 خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ 1989-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى باياناتىدا، بېيجىڭدىكى «ئەكسىلئىنقىلاب توپىلىڭى»نى  باستۇرۇشتا 200 پۇخرا ۋە  نەچچە ئون بىخەتەرلىك خادىملىرى ئۆلدى دىيىلگەن.

بۇ تېلگراممىلار ھازىر ئەنگىلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدىكى دۆلەتلىك ئارخىپخانىدا ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، 10  -ئايدا HK01 خەۋەر تورى بۇ ئۇچۇرلارنى كۆرگەندە خەلق ئاممىسىغا ئاشكارلانغان.

1989يىلى 5- ئاينىڭ 19- كۈنى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ تيەنئەنمىن مەيدانىدا ئاچلىق ئېلان قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشى

باش ئەلچى Sir Alan Donald نىڭ دىيىشىچە، بۇ ئۇچۇرنى تەمىنلىگەن كىشى بۇندىن بۇرۇن ناھايىتى ئىشەنچىلىك بىر ئۇچۇرمەنبەسى بولۇپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ كىشى ھەقىقىي ئەھۋال بىلەن پەرەز ۋە ئەپقاچتى سۆزلەرنى پەرقلەندۈرۈشتە ئىنتايىن ئىھتىياتچان بولغان.

 Sir Alan Donald نىڭ يەنە بىلدۈرۈشىچە، مەيدانغا يىغىلغان ئوقۇغۇچىلارغا بىر سائەتكىچە مەيداندىن تارقاپ كىتىش مۆھلىتى بېرىلگەن، لېكىن بەش مىنۇتتىن كېيىن برونېۋىك ماشىنىلار ئوقۇغۇچىلارغا ھۇجۇم قىلغان. «ئوقۇغۇچىلار بىلەكلىرىنى بىر- بىرىگە جۈپلەپ بىر سەپ بولۇپ تۇرغان، لېكىن ئۇلار ئاۋۋال قىرىپ تاشلىنىپ، ئاندىن برونېۋىك ماشىنىلارجەسەتلەرنىڭ ئۈستىدىن ئارقا ئارقىدىن توختىماي  ئۆتۈپ جەسەتلەرنى قېيما قىلغان، ئاندىن توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى ئارقىلىق ئەكىتىلىپ، ئاۋۋال كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىنىپ ئاندىن يەر ئاستى سۇ يولىغا تۆكۈپ بىرتەرەپ قىلىنغان.»

«تۆت يارلانغان قىز ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرمەسلىكنى تىلىگەندە، مىلتىقنىڭ نەيزىسى بىلەن نەيزىلەپ ئۆلتۈرۈلگەن.»

باش ئەلچى Sir Alan Donald نىڭ تولۇقلاپ ئېيتىشىچە، شۇ ۋاقىتتا خىتاي گوۋۇيۈەننىڭ بەزى ئەزالىرى خىتاي دۆلىتىدە ئىچكى ئۇرۇشنىڭ پارتىلىشى قاش بىلەن كىرپىك ئارىسىدا دەپ ئويلىغان.

بۇ قېتىمقى نامايىش يەتتە ھەپتە داۋاملاشقان بولۇپ كوممونىستىك خىتاي تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك بىر قېتىملىق نامايىش ھېسابلىنىدۇ. بۇقېتىمقى قىرغىنچىلىق ھازىرغىچە خىتايدا ئىنتايىن  سەزگۈر بىر مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى پائالىيەتچىلەرنىڭ بۇ ۋەقەنى ھەرقانداق شەكىلدە خاتىرلىشىنى قەتئىي چەكلەيدۇ ھەمدە توردىكى بۇ ۋەقە توغرىسىدىكى مۇنازىرىلەر ۋە تەنقىدلەرنى قاتتىق كونترول ۋە نازارەت قىلىپ كەلمەكتە. لېكىن بۇ قىتىمقى قىرغىنچىلىق ھەر يىلى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى پائالىيەتچىلەر، بولۇپمۇ خوڭكوڭ ۋە تەيۋەندىكى پائالىيەتچىلەر تەرپىدىن ھەر خىل شەكىلدە خاتىرلىنىپ كەلمەكتە.

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

 

مەنبە:

https://www.bbc.co.uk/news/world-asia-china-42465516

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

خىتاي دۇنيانى ناھايىتى ئاددى ئۇسۇل بىلەن ئەخمەق قىلماقچى بولىۋاتىدۇ

پە فېۋرال 14 , 2019
بۇ يازمىدا خىتاينىڭ لاگىر مەسلىسى چىققاندىن بېرى ئۆزىنى قايسى ئۇسۇللار بىلەن پەردازلاپ كەلگەنلىكى ۋە بۇنىڭغا قارتا قانداق تەدبىر ئېلىپ بېرش كېرەكلىكى سۆزلىنىدۇ.

You May Like