ئاياللار 35 ياشتىن ئاشقاندا بۇ بەش خىل ئادەتنى تاشلاش كېرەك

1. پىخسىقلىقنى تاشلاش:

پىخسىقلىقنى تاشلىغاندىلا ئاياللار ئاندىن قەلبىدىكى باياشاتلىققا ئېرىشەلەيدۇ. 35 ياشقا كىرگەندە سىز مەيلى ئېرىڭىز ياكى بالىڭىزغا نىسبەتەن بىر سالاپەتلىك ئايالنىڭ لازىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز، بۇ سالاپەت سىزنىڭ مىجەز خۇلقىڭىز ۋە قىياپىتىڭىزدە ئىپادىلىنىدۇ، چىرايلىق بولۇشىڭىز شەرت ئەمەس، لېكىن چوقۇم تەربىيە كۆرگەن بولۇشىڭىز كېرەك، بۇ سىزنى ھۆرمەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.

پىخسىقلىقنى تاشلاش ئۆزىگە مەبلەغ سېلىش دېگەنلىك، باشقىلارنىڭ سۆزلىرىنى بەك مۇھىم بىلىپ كەتمەڭ، ئۆزىڭىز توغرا دەپ قارىغان ئىشنى قىلىڭ.

2. يېشى سەۋەبلىك ئۆزىنى كەمسىتىشنى تاشلاش

35 ياش ئادەمنىڭ ئوتتۇرا ياش باسقۇچى، ئامال بار ئۆزىنىڭ يېشىدىن تەشۋىشلىنىش ۋە كەمسىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك، 35 ياشلىق ئايال گەرچە 18 ياشلىق قىزلاردەك چىرايلىق بولمىسىمۇ، لېكىن يەنىلا گۈزەل ياشىغىلى بولىدۇ، ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئۆزىگە ئىشەنچىسى بولۇشى كېرەك.

3. تايىنىشنى تاشلاش، ھەر ۋاقىت مۇستەقىل بولۇش.

تايىنىۋېلىش ئاياللار ئاسانلا يېتىلدۈرىۋالىدىغان يامان ئادەت، مەيلى ھېسسىيات جەھەتتىن ياكى ئىقتىساد جەھەتتىن بولسۇن مۇستەقىل بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك، ئىقتىساد جەھەتتىكى مۇستەقىللىق سىزنى ماددىي جەھەتتىن قانائەتلەندۈرىدۇ، ھېسسىيات جەھەتتىكى مۇستەقىللىق بولسا سىزنى مەنىسىز تۇرمۇشتىن قۇتۇلدۇرىدۇ، ئۆزىڭىزنىڭ مۇستەقىل قارىشى بولسۇن.

4. ساددىلىقنى تاشلاش

باشقىلار نېمە دېسە شۇنى دېيىش سىزنى يەڭگىلتەك كۆرسىتىپ قويىدۇ، ئاساسى يوق ئۆسەك گەپلەرگە ئارىلاشماڭ، كۆپرەك كىتاب كۆرۈڭ، شۇنداق قىلغاندىلا شەيئىلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىسىز، 35 ياشقا كىرگەندە ساددىلىقنى ھەرگىز ئوماقلىق دەپ قارىماڭ.

5. ئالدىراڭغۇلۇقنى تاشلاڭ

35 ياشقا كىرگەندە سالماق بولۇشىڭىز كېرەك، تىت-تىت بولۇش، ئالدىراقسانلىقنى تاشلاڭ، تەمتىرىمەڭ، شۇنداق بولغاندىلا كىشىلىك تۇرمۇشىڭىز بىر قەدەر مۇقىم بولىدۇ.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئاياللار 35 ياشتىن ئاشقاندا بۇ بەش خىل ئادەتنى تاشلاش كېرەك

پە ئاپرېل 26 , 2018
ئاياللار 35 ياشتىن ئاشقاندا بۇ بەش خىل ئادەتنى تاشلاش كېرەك

You May Like