سىدنېي، 2025-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى —
ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بۈگۈن سىدنېيدا يىللىق سايلام يىغىنى ئۆتكۈزدى. بۇ يىغىنغا جەمئىيەت ھەيئەت ئەزالىرى ۋە جامائەتتىن بىر قىسىم كىشىلەر قاتناشتى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، سايلامدىن ئىلگىرى، جەمئىيەتنىڭ سابىق رەئىسى مەھمەت ئوبۇل ۋە كاتىۋى مەھمەت جەلەبجى ئالدىنقى 3 يىللىق خىزمەتلىرى ھەققىدە دوكلات بەرگەن. مەھمەت ئوبۇل ئۆز دوكلاتىدا ئۆتكەن مەزگىلدىكى جەمئىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ نەتىجىلىرى ۋە مەۋجۇت يېتەرسىزلىكلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنداقلا مالىيە ئەھۋالى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بېرىلگەن.
سايلام نەتىجىسىدە، بەختىيار بۆرە يېڭى نۆۋەتلىك جەمئىيەت رەئىسى، جەلەبجى بولسا كاتىپ بولۇپ سايلاندى. يېڭى سايلانغان رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى كەلگۈسى مەزگىلدە ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى پىلانلارنى ئىلىپ بارىدىكەن.
ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، تىل ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىنى قوللاش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينايدىغان تەشكىلات ھېسابلىنىدۇ.
مەنبەسى: گۈلمىرە زۇنۇن