ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 21- ئاپرېل خەۋىرى
ئارمان
رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارىيس پەين (Marise Payne) نىڭ بىلدۈرۈشىچە: ھۆكۈمەت تەرەپ ۋىكتورىيە شتاتىنىڭ خىتاي بىلەن تۈزگەن «بىر بەلۋاغ بىر يول» رامكىسى ئىچىدىكى ئىككى ھەمكارلىق تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. يېڭىدىن تۈزۈلگەن قائىدە پرىنسىپلارغا ئاساسلانغاندا ئاۋسترالىيە مەركىزى ھۆكۈمىتى ھەرقايسى شتات ۋە ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ چەتئەل بىلەن تۈزگەن كېلىشىملىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەن.
مارىيس پەيننىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2020-يىللىق ئاۋسترالىيە تاشقى مۇناسىۋەتلەر قانۇنىغا ئاساسلانغاندا ۋىكتورىيە شتاتىنىڭ 2018 ۋە 2019-يىللىرى خىتاي بىلەن تۈزگەن ھەمكارلىق كېلىشىمىدىن سىرت يەنە باشقا ئىككى كېلىشىمنىڭ ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار سىياسىتىگە پايدىسىز دەپ قارالغانلىقى تۈپەيلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىكەن. ئەمما ئۇ قالغان ئىككى تۈرلۈك كېلىشىم ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بەرمىگەن.