ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» نامىدىكى سىن يىغىنى فرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلدى، پارىژ چوڭ مەسچىتىنىڭ مۇدىرى بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلدى

خىتاينىڭ فرانسىيەدە تۇرۇشلۇق كونسۇلىنىڭ توربېتىدە كۆرسىتىلىشىچە 9-ئىيۇل خىتاينىڭ فرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى (فرانسىيەنىڭ مارسېل، ستراسبۇرگ، لېئون قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى تارماق كونسۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) بىلەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى» نىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشىدا «شىنجاڭ ياخشى جاي» نامىدىكى تور سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 12-ئىيۇل

ئارمان

خىتاينىڭ فرانسىيەدە تۇرۇشلۇق كونسۇلىنىڭ توربېتىدە كۆرسىتىلىشىچە 9-ئىيۇل خىتاينىڭ فرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى (فرانسىيەنىڭ مارسېل، ستراسبۇرگ، لېئون قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى تارماق كونسۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) بىلەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى» نىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشىدا «شىنجاڭ ياخشى جاي» نامىدىكى تور سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىنغا خىتاي باش كونسۇل خادىملىرى شۇنداقلا «ئاپتونوم رايونلۇق» ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرى قاتناشقاندىن سىرت قورچاق ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىدىن زۇمرەت ئوبۇل، جەرۇللاھ ھىسامىدىن قاتارلىقلارمۇ قاتناشقان.

جەرۇللاھ ھىسامىدىن سۆزىدە خىتاينىڭ ئاتالمىش «ياخشى» سىياسەتلىرىنى ماختاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نەقەدەر بەخت -سائادەت ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان، ھەمدە ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربتىكى خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ خىتاي دۆلىتىگە قارا چاپلاۋاتقانلىقىنى شىكايەت قىلىپ بىلجىرلىغان. يېقىندىن بۇيان فرانسىيە مۇخبىرىنى ھاقارەت قىلىپ تور دۇنياسىدا قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان خىتاي كونسۇلى لۇ شا يې مۇ بىر قاتار سەپسەتىلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ جىنايىتىنى ئاقلاشقا تىرىشقان.

يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بولۇپمۇ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدىكى كۈچلۈك ئىنكاسلىرىنىڭ نەتىجىسىدە خىتاي يۇقىرىقىدەك ئاتالمىش سۆھبەت يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ئۆزلىرىنى ئاقلاشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ئېنىقكى بۇ خىلدىكى يىغىنلار ھېچ زامان غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كېلەلمىگەن، شۇنداقتىمۇ خىتاي بۇ خىلدىكى سەپسەتە يىغىنلىرىنى كۆپلەپ ئۇيۇشتۇرۇپ دۆلەت ئىچىدىكى تەشۋىقاتلىرى ئۈچۈن پايدىلانماقتا. شۇ ۋەجىدىن خىتاينىڭ بۇ تۈردىكى يىغىنلىرىغا تەكلىپ قىلغان ئاتالمىش «مۇتەخەسسىسلەر» نىڭ كۆپچىلىكى ئاساسەن چەتئەللەردىكى خىتاي سىياسىتىنى قوللايدىغان خىتايپەرەس كىشىلەردىن تەركىب تاپىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

بۇ قېتىمقى يىغىندا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتقان نۇقتا شۇ بولدىكى: فرانسىيەدىكى شۇنداقلا ياۋروپادىكى تارىخى ھەم كۆلىمى جەھەتتىن بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان «پارىژ چوڭ مەسچىتى»نىڭ مۇدىرى، فرانسىيەدىكى تونۇلغان ئىسلامى ئۆلىما شەمشىدىن ھافىز (Chems-Eddine Hafiz) نىڭ تەكلىپ بىلەن قاتنىشىشى بولدى. خىتاي تەرەپنىڭ بەرگەن خەۋىرىدە ئۇنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ» رەھبەرلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغانلىقى توغرىسىدا قىسقىچە توختالغانلىقىدىن سىرت باشقا ھېچقانداق تەپسىلىي ئۇچۇرلار بېرىلمىگەن. توردىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە: شەمشىدىن ھافىز بۇندىن بىر ئاي بۇرۇن يەنى 7- ئىيۇن خىتاي كونسۇلخانىسىدا لۇ شا يې بىلەن ئايرىم سۆھبەتتە بولغان ئىكەن.

» پارىژ چوڭ مەسچىتى» مۇدىرىنىڭ خىتاي ساختا تەشۋىقات يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تور دۇنياسىدىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. <<ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى>> مۇدىرى دىلنۇر رەيھان خانىم ئۆز تىۋىتتېرسىدا نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: » بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شۇنداقلا فرانسىيەدە ياشاۋاتقان بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىم بىلەن پارىژ چوڭ مەسچىتى مۇدىرىدىن چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلىمەن. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۆز جىنايىتىنى ئاقلايدىغان قىلمىشلىرىغا ھەمشېرىك بولۇۋاتىدۇ. مەن شۇنداقلا پۈتۈن فرانسىيەدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭمۇ ئۇنىڭدىن چۈشەنچە تەلەپ قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن». دىلنۇر خانىمنىڭ بۇ تۋىتسى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى، نۇرغۇن كىشىلەر جۈملىدىن فرانسىيەدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار ئىنكاس قالدۇرۇپ شەمشىدىننىڭ بارلىق مۇسۇلمانلارغا ۋەكىل بولالمايدىغانلىقىنى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

بۈگۈنگە قەدەر «پارىژ چوڭ مەسچىتى» تەرىپىدىن ياكى شەمشىدىن ھافىز تەرىپىدىن بۇ ئىش توغرىسىدا چۈشەنچە بەرگەنلىك ئۇچۇرلىرى چىقمىدى. دىلنۇر رەيھان خانىم ئۆزىنىڭ فەيسبۇك بېتىدە بارلىق ئۇيغۇرلارغا خىتاب قىلىپ بىرلىكتە ھەرىكەتكە ئۆتۈپ «پارىژ چوڭ مەسچىتى» نىڭ نومۇسسىزلارچە قىلمىشىنى شىكايەت قىلىشىنى، ئۇلاردىن چۈشەنچە تەلەپ قىلىشىنى ئىلتىماس قىلدى.

This image has an empty alt attribute; its file name is 111.1.jpg

 
 
 
 
 
 

Uyghur Reporter

Next Post

فرانسىيە بالىلار گېزىتى: "بىز ھەرگىزمۇ كەچۈرۈم سورىمايمىز" !

يە ئىيۇل 18 , 2021
فرانسىيەدە نەشردىن چىقىدىغان بالىلار گېزىتى " مېنىڭ كۈندىلىكىم" (Mon Quotidien) ژۇرنىلى 30-ئىيۇن ۋە 2-ئىيۇل كۈنلىرى ئايرىم- ئايرىم ھالدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى تەسۋىرلەنگەن رەسىملىك ماقالىسىنى ئېلان قىلغان . ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىمىزمۇ بۇ ھەقتە 3-ئىيۇل خەۋەر بەرگەن ئىدۇق.

You May Like