ئامېرىكا ئەمەلدارى: ئامېرىكا تىنچ ئوكيان رايونى دۆلەتلىرىنى خىتايغا ئۇتتۇرۇپ قويماقتا
تۇرسۇنجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 29-ئاپرېل
ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەرگە ئەۋەتكەن ئالاھىدە سۆھبەت ئەلچىسى جوزىف يۇن ھادىسۇن ئىنستىتۇتىدا مۇنداق دېدى: « ئامېرىكا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەردە ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىشى، خىتاينىڭ بۇ جايدىكى نەتىجىلىرىگە يېتىشىۋېلىشى كېرەك، بىز بۇ جايلاردا كېيىن قالدۇق. خىتاي كومپارتىيەسى بىز ئۈچۈن تەھدىت ۋە جىددىي رىقابەتچى. بۇ رايوندىكى مىكرو دۆلەتلەر ئامېرىكىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى سىياسىتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىمدۇر. ئەگەر بىز جىددىي ھەرىكەت قوللانمىساق، بۇ رايونلارنى خىتاينىڭ تەسىرىگە ئۇتتۇرۇپ قويىمىز»
جوزيف يۈ-كورىيە پۇشتىدىن بولغان، 30 يىللىق تەجرىبىگە ئىگە ئامېرىكا دىپلوماتىيە بولۇپ، شىمالى كورېيە مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى، ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ مالايشىيادىكى باش ئەلچىسى بولغان. ئامېرىكىنىڭ شەرقى ئاسىيا مەسىلىسىدىكى ئەڭ تەجرىبىلىك دىپلوماتى ھېسابلىنىدۇ.