ئاشقازاننىڭ ئىسسىقىنى ياندۇرۇشتىكى يەتتە خىل ئۈنۈملۈك چارە

اشقازاننىڭ ئىسسىقى ئۆرلەپ قالغاندا ئارتۇقچە ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق، ۋاقتىدا ئوزۇقلۇق ۋە تۇرمۇش ئادىتى جەھەتتىن تەڭشەش ئېلىپ بارسىلا بولىدۇ. ئاشقازاننىڭ ئىسسىقىنى ياندۇرۇشتىكى تۆۋەندىكى يەتتە خىل ئۈنۈملۈك چارىنى ئىگەللىۋېلىش كېرەك

اشقازاننىڭ ئىسسىقى ئۆرلەپ قالغاندا ئارتۇقچە ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق، ۋاقتىدا ئوزۇقلۇق ۋە تۇرمۇش ئادىتى جەھەتتىن تەڭشەش ئېلىپ بارسىلا بولىدۇ. ئاشقازاننىڭ ئىسسىقىنى ياندۇرۇشتىكى تۆۋەندىكى يەتتە خىل ئۈنۈملۈك چارىنى ئىگەللىۋېلىش كېرەك. 1. ئاچچىق يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش ئاشقازاننىڭ ئىسسىقى ئۆرلەپ قالسا، بۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىلنى تېپىپ چىقىش كېرەك، مەسىلەن يېمەكلىك قاتارلىقلار. نۇرغۇن كىشىلەر يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلمايدۇ، دائىم غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى يەپ، ئىسسىقىنى ئۆرلىتىپ قويۇش ئارقىلىق ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ نورمال ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىسسىقنىڭ تېخىمۇ ئېشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئىمكانقەدەر ئاچچىق يېمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇش كېرەك. 2. سۇ تولۇقلاش ئەگەر بەدەننىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كەتسە، بەدەندىكى ئىسسىقلىقنىڭ زىيادە تېز تاراپ كېتىشى، سۇ تەركىبىنىڭ خوراپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇ چاغدا سۇ ۋە تۇزنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى تەڭشەش، مۇۋاپىق مىقداردا سۇ تولۇقلاش ئارقىلىق بەدەندىكى ئىچكى مۇھىتنىڭ نورماللىقىنى ساقلاش، ئىچكى ئاجراتمىنىڭ نورمالسىز بولۇشىدىن ساقلىنىش كېرەك. 3. ئىسسىقنى ياندۇرىدىغان يېمەكلىك ئەندىزىسى. بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، زەھەرنى تازىلاش رولى بولىدۇ، مەسىلەن قىزىل تۇرۇپ، كۆك پۇرچاق، تاۋۇز قاتارلىقلار. ئادەتتە ئىسسىقنى ياندۇرىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق ئاشقازان ۋە ئۈچەيدىكى ئارتۇق ئىسسىقلىقنى ياندۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. 4. ھاراق، تاماكا تاشلاش ئادەتتە ھاراق ئىچمەسلىك كېرەك، ھاراقتىكى ئىسپىرت ئاشقازان ۋە ئۈچەينى غىدىقلاپ، ئېغىر ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا تاماكا ئاسانلا قۇرۇق ئىسسىق ۋە ئاسان خاپا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەگەر ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەندىمۇ تاماكا چەككەندە تېخىمۇ ئېغىر بولغان ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 5. ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش زىيادە چارچاپ كەتكەندە بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلاپلا قالماي يەنە ئىسسىقى ئۆرلەپ كېتىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ئاشقازاننىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلەر يەنە ھەر كۈندىكى ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى، قېنىپ سەككىز سائەت ئۇخلاش ئارقىلىق بەدەندىكى زەھەرنىڭ ھەيدىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. 6. يېمەك-ئىچمەكنىڭ پاكىز بولۇشى ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشى، يېمەك-ئىچمەك تازىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئەگەر بۇلغانغان يېمەكلىكلەرنى يەپ سالغاندا، ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ كېسەللىك ئالامىتى ئېغىرلاپ كېتىدۇ. شۇڭا بۇ جەھەتتە چوقۇم ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىش، ھەزىم قىلىش يولىنىڭ ۋىرۇسلاردىن يۇقۇملىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. 7. جۇڭيىچە كۈتۈنۈش نۇرغۇن جۇڭيىچە دورىلارنىڭ ئاشقازان ۋە ئۈچەينى تەڭشەش رولى بولۇپ، ئىسسىقنى ياندۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. جۇڭيىچە دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئاشقاغان ۋە ئۈچەينىڭ ئىسسىقىنى ياندۇرىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ، لېكىن ھەرگىزمۇ ئۆزى خالىغانچە دورا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

سىز ئالدىنىپ كېلىۋاتقان تۇرمۇش ساۋاتلىرى (1)

پە ئاپرېل 26 , 2018
بىرىنچى: بۇرۇن قانىغاندا ئېڭەكنى كۆتۈرۈش بۇ ئۇسۇلنىڭ بىردىنبر پايدىلىق تەرىپى، بۇرۇندىن ئاققان قان يەرگە تېمىپ كەتمەيدۇ

You May Like