يېڭىدىن ئاشكارىلانغان مەخپىي ھۆججەتلەردە نېمىلەر يېزىلغان؟

29-نويابىر گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز ئۆزىنىڭ تۋىتتېرسىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى چىقارغان يېڭى بىر تۈركۈم «مەخپىي» ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلىغان. ھۆججەتلەردە شى جىنپىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كومپارتىيەنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستان توغرىسىدىكى 2014-يىلىدىن بۇيان قىلغان مۇھىم يوليورۇقلىرى ئاشكارىلانغان بولۇپ، تەتقىقاتچىلار بۇلارنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك دەپ كۆرسەتكەن.


ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 30-نويابىر

29-نويابىر گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز ئۆزىنىڭ تۋىتتېرسىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى چىقارغان يېڭى بىر تۈركۈم «مەخپىي» ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلىغان. ھۆججەتلەردە شى جىنپىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كومپارتىيەنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستان توغرىسىدىكى 2014-يىلىدىن بۇيان قىلغان مۇھىم يوليورۇقلىرى ئاشكارىلانغان بولۇپ، تەتقىقاتچىلار بۇلارنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك دەپ كۆرسەتكەن.

ئادرىيان زېنز ئەپەندىنىڭ تۋىتتېرسىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، «يۇقىرى دەرىجىدىكى مەخپىي» دەپ يېزىلغان بۇ ھۆججەتلىرى جەمئىي 317بەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇ يىل سېنتەبىردىكى ئەنگلىيەدە ئېچىلغان «ئۇيغۇر سوتى»دا ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشى تەرىپىدىن تۇنجى بولۇپ ئاشكارىلانغان، ئادرىيان زېنز مەزكۇر سوتنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بۇ ھۆججەتلەرنى تەتقىق قىلغان. 

ئادرىيان زېنز تۋىتتېرسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: « ھۆججەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2016-يىلىدىن باشلاپ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ، باش مىنىستىرى لى كېچياڭ ۋە يەنە بىر مەركەزنىڭ سابىق ئەمەلدارى ئازسانلىق مىللەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي ھالدا ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە باشقا ئورۇنلارغا يۆتكەش، يىغىۋېلىپ تەربىيە قىلىش شۇنداقلا تۇغۇتنى كونترول قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە ھالدا بۇيرۇقلارنى چۈشۈرگەن، شۇنداقلا بۇ بۇيرۇقلارنى يۈرگۈزۈشكە دەۋەت قىلغان.»

ئۇ گېرمانىيە ئاۋازى رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن:« شى جىنپىڭنىڭ ئېيتقانلىرى بىلەن شىنجاڭ (شەرقى تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان.ت) ھۆكۈمىتىنىڭ يۈرگۈزگەن يەرلىك سىياسەتلىرى بىلەن چوڭقۇر باغلىنىشلىقى بار. مۇھىم نۇقتا شۇكى، شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ لاگېرلارنى قۇرۇپ چىقىشى ئۈچۈن ئاساس سېلىپ بەردى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ زاۋۇتلارغا كىرىپ ئىشلىشى كېرەكلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇتىنى كونترول قىلىپ ئاتالمىش «نوپۇسنى تەڭلەشتۈرۈش»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، بۇ سۆزلەر كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى يولغا قويۇلغان مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق سىياسەتلەر بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك.»

ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ ھۆججەتلەردە شى جىنپىڭنىڭ 2014-يىلى ئېلان قىلغان نۇتقى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ئاساسلىقى بىخەتەرلىك، نوپۇسنى كونترول قىلىش ۋە ئۇيغۇرلارنى جازالاش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بەزى ھۆججەتلەرنىڭ ئۈستىگە «قەتئىي مەخپىي» دېگەن خەت يېزىلغان بولۇپ، بۇنداق ھۆججەتلەر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسىدىكى مەخپىي ھۆججەتلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بۇنداق ھۆججەتلەردە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي تەربىيەلەش، مەجبۇرىي ھالدا كۆچۈرۈش ۋە تۇغۇتىنى چەكلەش توغرىسىدىكى بىۋاسىتە چۈشۈرگەن بۇيرۇقلىرى خاتىرىلەنگەن ئىكەن.

لوندوندىكى ئۇيغۇر سوتى ھۆججەتنى ئاشىكارلىغۇچىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، مەزكۇر ھۆججەتلەرنىڭ تولۇق مەزمۇنىنى سىرتقا ئاشكارىلىمىغان. ئەمما بەزى ھۆججەتلەرنىڭ مۇھىم تېكىستلىرىنى، مۇندەرىجىسىنى شۇنداقلا بىر قىسىم ئۈزۈندىلىرىنى ئاشكارىلىغان. ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەلىك تەتقىقاتچىلار ئەسلى ھۆججەتلەر توغرىسىدا ئانالىزلارنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە بۇ ھۆججەتلەر جەمئىي 11 نۇسخا،300 نەچچە بەتتىن تەركىب تاپقان ئىكەن. ئاساسلىقى 2014-يىلى 4-ئايدىن 2018-يىلى5-ئايغىچە بولغان ۋاقىتتىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئادرىيان زېنزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ھۆججەتلەر 2019-يىلىدىكى نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى ئاشكارىلىغان ھۆججەتلەر بىلەن ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدىكەن، ئەمما بۇ قېتىمقى ھۆججەتلەردە ئىلگىرى سىرتقا ئاشكارىلانمىغان نۇرغۇن ئۇچۇرلار بار ئىكەن.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىئوسى تورى بۇ ھەقتە تەپسىلىي خەۋەر ماقالىسى ئېلان قىلغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، 2016-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقى تۈركىستاندا ئىلگىرى يۈرگۈزۈپ باقمىغان بىر قاتار سىياسەتلەرنى يۈرگۈزگەن بولۇپ، بۇ سىياسەتلەر يۈرگۈزۈشتىن بۇرۇن يەرلىك ئەمەلدارلارغا مەركەز رەھبەرلىرىنىڭ قىلغان مۇھىم سۆزلىرىنى يەتكۈزۈپ ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشى تەلەپ قىلىنغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ كېيىنكى تەدبىرلەرنى قوللىنىشى ئۈچۈن تەييارلىق ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن.

قايتا تەربىيەلەش نامىدىكى لاگېرلارنىڭ قۇرۇلۇشى

شى جىنپىڭنىڭ 2014-يىلى  قىلغان سۆزلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇنىڭ ۋەكىل خارەكتىرىلىك تاشقى سىياسەت تۈرى بولغان «بىر بەلۋاغ، بىر يول» سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشى ئۈچۈن دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى ئەڭ مۇھىم ھېسابلىنىدىكەن. ئۇ سۆزىدە ئەگەر جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى كونترول قىلىنمىسا، پۈتۈن دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى شۇنداقلا خىتاي دۆلىتىنىڭ 21-ئەسىردىكى ئۈمىد ئارزۇلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىشى مۇمكىنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇ بۇ سۆزلەرنى قىلىشتىن بىر قانچە ھەپتە بۇرۇن پۈتۈن دۆلەتكە خىتاب قىلىپ شۇ يىلى 1-مارتتا يۈننەندە يۈز بەرگەن قاتىللىق ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ۋە «شىنجاڭ بۆلگۈنچىلىرى»گە قەتئىي زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.  

شى جىنپىڭ شۇ يىلى يەنە بىر قېتىملىق سۆزىدە مۇنداق دېگەن:« جەنۇبى شىنجاڭنىڭ تەبىئىي شارائىتى ياخشى ئەمەس، ئىقتىسادى ئاساسى ئاجىز، خىزمەت تېپىش تەس، نوپۇس قۇرۇلمىسى ئاددىي(پەقەت ئۇيغۇرلار ياشايدۇ دېمەكچى.ت) ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى كۆپ، دىنىي مۇھىتى بۇرمىلانغان، ئەتراپتىكى مۇھىتمۇ بىر قەدەر مۇرەككەپ، كۈرەش ۋەزىيىتى مۇشۇنداق مۇرەككەپ بولغان شارائىتلار ئاستىدا ئالاھىدە سىياسەتلەرنى يۈرگۈزمىسەك قانداق قىلىپ جەنۇبى شىنجاڭنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلالايمىز؟ جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قانداق ساقلايمىز؟» ئۇ سۆزىدە يەنە دىننى «زەھەرلىك دورا» دەپ تەرىپلەپ خەلقنى تەربىيەلەشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. ئادرىيان زېنزنىڭ قارىشىچە، شى نىڭ قىلغان بۇ سۆزلىرى كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى تەربىيەلەش نامىدا قۇرۇلغان كامپىلار ئۈچۈن ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن.

يەنە بىر ھۆججەتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» باش سېكرېتارى چېن چۈەنگو ئەمەلدارلارغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ « قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى چوقۇم تۇتۇش، چوقۇم سوت ئېچىپ ھۆكۈم قىلىش كېرەك، لازىم بولغاندا ھەرقانداق ئادەمنى قانۇن تورىدىن قاچۇرۇپ قويماسلىق كېرەك.» دېگەن. ئۇ يەنە «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» ئەسلىھەلىرىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك داۋاملاشتۇرۇش كېرەك دەپ تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇرلار نوپۇسىنى كونترول قىلىش

شى جىنپىڭ بىر قېتىملىق سۆزىدە:« نوپۇس نىسبىتىنى تەڭشەش شۇنداقلا نوپۇس بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقنىڭ ئاساسى» دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە جەنۇبى «شىنجاڭ»دىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇتتىكى ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان يەرلەردە ھەممە مىللەت باراۋەر بولۇشى كېرەك دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ بىڭتۇەنگە قىلغان سۆزىدە:« بىڭتۇەننىڭ ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنى تەڭشىشى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى، نوپۇس بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇشى شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق ھەر مىللەت كىشىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشىنى، مۇقىملىق خىزمىتىدىكى مۇھىم ئورنىنى قوغدىشى كېرەك» دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەنى 2020-يىلى 7- ئايدا «شىنجاڭ»نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر يەرلىك ئەمەلدارى شى نىڭ سۆزلىرىنى نەقىل قىلىپ تۇرۇپ جەنۇبى «شىنجاڭ» دا خىتاي نوپۇسىنىڭ بەكلا ئازلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەخپىي ھۆججەتلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۇبى «شىنجاڭ»دىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ قوبۇل قىلغۇسىز دەرىجىدە ئازلىقىنى تەكىتلەپ، 2022-يىلىغا بارغۇچە مەزكۇر رايونغا 300مىڭ خىتاينى يۆتكەشنى شۇنداقلا «بىڭتۇەن» نىڭ بۇ ئىشلارنى باشقۇرۇشىنى قارار قىلغان. 

ئۇيغۇرلارنى زاۋۇتلارغا يۆتكەش

ئادرىيان زېنزنىڭ مۇخبىرغا دېيىشىچە، بۇ مەخپىي ھۆججەتلەردە شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر ئىشچىلارنى يۆتكەش توغرىسىدا قىلغان سۆزلىرىمۇ خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشى ئۈچۈن يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگەن. مەلۇم بىر ھۆججەتتە شى جىنپىڭنىڭ سۆزى نەقىل ئېلىنىپ مۇنداق يېزىلغان:« شىنجاڭدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە نۇرغۇن نۇقسانلار مەۋجۇت، جەمئىيەتتىكى كۆپلىگەن ئىشسىز كىشىلەر قالايمىقانچىلىق چىقىرىشى مۇمكىن …ئەگەر ئۇلار كارخانىلاردا ئىشلىسە مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئالاقە ئىشلىرىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگىمۇ پايدىلىق. ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئادەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دىنى ئاشقۇنلۇقىنى پەسەيتىش ئۈچۈنمۇ پايدىلىق.»

ئۇنىڭدىن سىرت خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ بىر قېتىملىق سۆزىدە «شىنجاڭ»دىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئومۇمى سانى بىلەن خىزمەت قۇرۇلمىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا زور پەرقنىڭ بارلىقىنى، خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ يېتىشمەسلىكى سەۋەبلىك ئىشسىزلارنىڭ كۆپلۈكىنى بولۇپمۇ يېزىلاردا خىزمىتى يوق، ئېتىزى يوق كىشىلەرنىڭ كۆپلۈكىنى، بۇنداق كىشىلەر كۆپ بولغاندا جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە ئۇيغۇر توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭدا مۇنداق بىر گەپ بار «باشقا يۇرتتا شورپا ئىچكەندىن، ئۆز يۇرتىدا قوناق غاجىغان ئەۋزەل». بۇ بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ئۆز يۇرتىغا بولغان مۇھەببىتىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى كۆرسىتىپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ سىرتلاردا ئىشلەشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ خىل ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن سەۋرچانلىق ۋە ۋاقىت كېتىدۇ، شۇنداقلا يېڭى خىزمەتكە ئورۇنلاشماقچى بولغان خادىملارنى تەربىيەلەپ باشقۇرۇش كېرەك.» 

ئەنگلىيە «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ 29-نويابىردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، «شىنجاڭ» ھۆكۈمىتى 2017-يىلى 2-ئايدىن باشلانغان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈشتىن ئاۋۋال ھەرقايسى دەرىجىدىكى يەرلىك ئەمەلدارلارغا ۋە كادىرلارغا ھەپتىدە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم ھەر قېتىمدا ئىككى سائەتتىن شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرىنى ئۆگىنىشكە بۇيرۇلغان.

ئادرىيان زېنز گېرمانىيە ئاۋازى مۇخبىرىغا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «كۆپىنچە ۋاقىتلاردا، شى جىنپىڭ يەرلىك ئەمەلدارلاردىن ئۆزىنىڭ سۆزىنىڭ مەزمۇنىنى تەتقىق قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، چۈنكى بۇ سۆزلەر ئۇلارنىڭ كېيىنكى خىزمەت نىشانلىرىنى بەلگىلەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. يەرلىك ئەمەلدارلار يەنە قەرەللىك ھالدا تەتقىق يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈپ تۇرىدۇ، شۇڭا بۇ ئىسپاتلار شى جىنپىڭنىڭ گەپلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىش بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىسپاتلاپلا قالماي، كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بارلىقىنىمۇ ئىسپاتلايدۇ.»

مەنبە: گېرمانىيە ئاۋازى رادىئوسى

تەرجىمە قىلغۇچى: ئارمان

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

فىرانسىيەدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىقى بار دەپ قارالغان شىركەتلەر تەكشۈرۈلمەكتە

سە نويابىر 30 , 2021
فىرانسىيەدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىقى بار دەپ قارالغان شىركەتلەر تەكشۈرۈلمەكتە

You May Like