ئۇيغۇر قىزى ئارفىيە ئەرى ياپونىيە ئاۋام پالاتا سايلىمى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن

ئۇيغۇر قىزى ئارفىيە ئەرى ياپونىيە ئاۋام پالاتا سايلىمى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن

ئۇيغۇر قىزى ئارفىيە ئەرى ياپونىيە ئاۋام پالاتا سايلىمى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن

يۈسۈپجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 25-فېۋرال

ياپونىيەدە تۇغۇلغان ئۇيغۇر قىزى (Eri Arfiya) ئارفىيە ئەرى  2023-يىلى ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياپونىيە ئاۋام پالاتاسى سايلىمىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن.

ياپونىيە NHK تورىنىڭ 21-فېۋرال بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە شىبا (Chiba) ناھىيەسى 5- رايونىنىڭ ۋەكىلى ئارفىيە ئەرى يېقىندا 70 تىن ئارتۇق رىقابەتچىسىنى يېڭىپ بۇ يىل 4-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياپونىيە ئاۋام پالاتاسى نامزاتى سايلىمىغا قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان.

21-فېۋرال ياپونىيە لىبېرال دېموكراتىيە پارتىيەسى شىبا ناھىيەسىدە يىغىلىش ئېلىپ بېرىپ ئىلگىرى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى»دا خىزمەت قىلغان ئارفىيەنىڭ رەسمىي ھالدا مەزكۇر ناھىيە 5- سايلام رايونىغا ۋەكىل بولۇپ پارلامېنت ئاۋام پالاتا سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ياپونىيە لىبېرال پارتىيەسى شىبا رايونلۇق سايلام كومىتېتى رەئىسى كوبا تاكا مۇخبىرغا مۇنداق دەيدۇ: «ھوقۇقتىكى پارتىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن نامزات سايلاش ئىشلىرىغا چوقۇم ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك، ئالدىمىزدىكى مۇشەققەتلىك سايلام كۈرىشى ئۈچۈن تەييارلىقىمىز پۇختا… »

25-فېۋرال ئارفىيە خانىم ياپونىيە لىبېرال پارتىيەسى باش شتابىدا مەخسۇس كۈتۈۋېلىنغان بولۇپ، مەزكۇر پارتىيەنىڭ باش رەئىسى شۇنداقلا نۆۋەتتىكى ياپونىيە باش ۋەزىرى  Kishida Fumio ئەپەندىم ئۆز قولى بىلەن ئارفىيە خانىمغا سايلامغا قاتنىشىش گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرغان.

ئارفىيە ئەرىنىڭ شەخسىي تور بېتىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ 1988-يىلى ئۆكتەبىردە ياپونىيەنىڭ فۇكۇكا ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، دادىسى ئۇيغۇر، ئانىسى ئۆزبېك مىللىتىدىن ئىكەن. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇغان بولۇپ، ياپونچە، خىتايچە، ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە ۋە ئەرەبچە تىللىرىنى ناھايىتى پۇختا ئىگىلىگەن.ئۇ  2010-يىلى ئامېرىكا جورج توۋىن ئۇنىۋېرسىتېتى دىپلوماتىيە ئىنستىتۇتىدا خەلقئارا سىياسەت كەسپىنى پۈتتۈرۈگەندىن كېيىن، ۋاشىنگتون CSIS خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى، ياپونىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى(نيۇ-يورك)، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (جەنۋە) قاتارلىق خەلقئارا ئورگانلاردا خىزمەت قىلغان. 

خەۋەر قىلىنىشىچە ئارفىيە ئەرى 2022-يىلى ياپونىيە پارلامېنتى سىناتورلۇق سايلىمىغا قاتنىشىپ 60 مىڭدىن ئارتۇق سايلام بېلىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، نەتىجىدە سايلىنالمىغان. 

 سۈرەتلەر ئارفىيە خانىمنىڭ شەخسىي تور بېتى ۋە تىۋىتتېرىدىن ئېلىندى

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى: كوۋىد ۋىرۇسى خىتاي تەجرىبىخانىسىدىن ئېقىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن

دۈ فېۋرال 27 , 2023
ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى: كوۋىد ۋىرۇسى خىتاي تەجرىبىخانىسىدىن ئېقىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن

You May Like