ئاقسارايدا يەنە كىملەر مۇسبەت چىقتى؟

ئامېرىكا سايلىمىغا يەنە بىر ئاي بار، پرېزىدېنت ترامپ ئۆزىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ، دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلىشى، بۇ قېتىملىق پەۋقۇلئاددە مەزگىلدىكى سايلامنى تېخىمۇ نامەلۇم ئەھۋالغا ئېلىپ كىردى.

ب ب س، 2020-10-03
تەرجىمە قىلغۇچى: بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020-10-03

 

ئامېرىكا سايلىمىغا يەنە بىر ئاي بار، پرېزىدېنت ترامپ ئۆزىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ، دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلىشى، بۇ قېتىملىق پەۋقۇلئاددە مەزگىلدىكى سايلامنى تېخىمۇ نامەلۇم ئەھۋالغا ئېلىپ كىردى.

 

شەنبە (3- ئۆكتەبىر) كۈنى، ترامپ دوختۇرخانىغا كىرىپ بىر كېچە بولغاندا، ئاقساراي دوختۇرى شوئىن كانلەي (Sean Conley) داۋالاش گۇرۇپپىسىنىڭ «ئۇنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالىدىن ئىنتايىن رازى» ئىكەنلىكى بىلدۈردى.

 

دوختۇرلار يەنە ھەر قانداق بىر ئەگەشمە كېسەلنىڭ بار-يوقلىقىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرىۋاتقانلىقىنى، ترامپنىڭ مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدىكى بەدەن تېمپۇراتۇرىسىنىڭ نورمال، ئوكسىگىن تولۇقلاشقا ئېھتىياجىنىڭ يوقلىقىنى، بىرىنچى خانىمنىڭ ئەھۋالىنىڭمۇ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

 

ترامپنىڭ يۇقۇملانغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇنىڭدىن ھال سورىدى ۋە تىلەك تىلىدى. شى جىنپىڭ شەنبە كۈنى تېلېگرامما ئەۋەتىپ ترامپتىن ھال سورىدى. شىمالىي كورىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كىم جوڭئۇنمۇ ترامپ ۋە خانىمىنىڭ تېزراق ساقىيىشىنى چىن دىلىدىن ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

مۇشۇ ھەپتىنىڭ سىشەنبە كۈنى ترامپ بىلەن ئوخشاش بىر سەھنىدە مۇنازىرە قىلغان دېموكراتچىلار پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى بايدىن، بۈگۈن خانىمى ئىككىسىنىڭ مەنفى دەپ دىئاگنوز قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ تۋىتتېردا پرېزىدېنت ۋە بىرىنچى خانىمنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن تىلەك تىلىدى.

 

يەنە كىملەر مۇسبەت چىقتى؟

 

دوكلات قىلىنىشىچە، ترامپنىڭ سايلام رىقابىتى گۇرۇپپىسىنىڭ دىرېكتورى بىل ستەفېن (Bill Stepien) ئامېرىكا شەرق ۋاقتى جۈمە (2- ئۆكتەبىر) كۈنىدىكى تەكشۈرتىشى مۇسبەت چىققان. «سىياسىئون» (Politico) ژۇرنىلىنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭدا «يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ يېنىك ئالامەتلىرى» بار ئىكەن. ئوخشاش كۈندە، سابىق ئاقساراي مەسلىھەتچىسى كېلىيان كانۋەي (Kellyanne Conway)، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى پارلامېنت ئەزاسى مايىك لى (Mike Lee) ۋە توم تىللىس (Thom Tillis) لارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ۋىرۇس تەكشۈرتىشىنىڭ مۇسبەت چىققانلىقىنى ئېلان قىلغان.

 

بۇ ئۈچەيلەن ئالدىنقى شەنبە (26- سىنتەبىر) ئاقسارايدا ئېچىلغان ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سودىيە نامزاتى ئەيمىي كانىي باررېت (Amy Coney Barrett) نىڭ نامزات كۆرسىتىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ئىكەن.

 

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئەمەلدارنىڭ ئامېرىكا تاراتقۇلىرىغا دېيىشىچە ئەيمىي كانىي باررېتمۇ بۇ يىل خىتاي ۋىرۇسى تەكشۈرتىشىدە مۇسبەت چىققان، ئەمما ھازىر ساقىيىپ بولغان ئىكەن.

 

خەۋەرنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:
https://www.bbc.com/zhongwen/simp/world-54382923

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ئوبزور :ئۇيغۇلارنىڭ ئامېرىكنىڭ ئىككى سياسى پارتىيەسىگە بولغان قاراشلىرى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

شە ئۆكتەبىر 3 , 2020
ھەممىمىزنىڭ خەۋىرى بولغىنىدەك، ئامېرىكىدا 4 يىلدا بىر قېتىم بولىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكىدىكى ئىككى چوڭ پارتىيە — جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى بىلەن دېموكراتچىلار پارتىيىسى ئارىسىدىكى ۋە ئۇلارنىڭ پرېزىدېنت نامزاتلىرى بولغان دونالد ترامپ بىلەن جوۋ بايدىن ئارىسىدىكى رىقابەت كەسكىنلەشمەكتە.

You May Like