ئاق ساراي: بەلكىم خىتاينى دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىن قوغلاپ چىقىرشىمىز مۇمكىن

ئاق ساراي ئىقتساد مەسلھەتچىلەر مەجلىسى رەئىسى دۈشەنبە كۈنى،ئەگەر خىتاي داۋاملىق قائىدىگە خىلاپ شەكىلدە ھەركەت قىلسا ئامېرىكا ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتنىڭ باشقا ئەزالىرىنىڭ خىتاينى بۇ تەشكىلاتتىن قوغلاپ چىقىرشى كېرەك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى

پىتى كاسپروۋىز

ئېلان قىلنغان ۋاقتى : 2018- يىل 13- ئاۋغۇسىت

 تەرجىمە قىلغۇچى: رۇسسو

ئۇيۇشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

ئاق ساراي ئىقتساد مەسلھەتچىلەر مەجلىسى رەئىسى دۈشەنبە كۈنى،ئەگەر خىتاي داۋاملىق قائىدىگە خىلاپ شەكىلدە ھەركەت قىلسا ئامېرىكا ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتنىڭ باشقا ئەزالىرىنىڭ خىتاينى بۇ تەشكىلاتتىن قوغلاپ چىقىرشى كېرەك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

كېۋىن خاسسىت مۇنداق دېدى« خىتاي ئۇزۇندىن بېرى ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلماي كىلۋاتىدۇ. ئەگەر بۇنداق داۋاملىشىۋەرسە خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلىدۇ .»

«خىتاي كاللىسىنى ئىشلىتشى كېرەك .» دېدى خاسسىت ، « ئۇلار بۇ دۆلەتلەر ئائىلسىدە قېلشنى خالامدۇ يوق ؟ ئولار دۇنيا سودا تەشكىلاتنىڭ باشقا ئەزالىرىغا ئوخشاش ھەرىكەت قىلىپ ، بۇ تەشكىلاتنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ قېلشنى خالامدۇ ـ يوق؟»

خاسسىت يەنە ،« ئەگەر خىتاي بۇنداق قىلشنى خالىمىسا ، بۇ ئىتپاقنىڭ ئەزالىرى بولغان بىز ، بۇ توغرۇلۇق نىمە قىلىش كىرەكلىكىنى ئويلىشىشىمىز كېرەك. ئەجىبا بىز ئولارنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا تۇرشىغا يەنە رۇخسەت قىلىمزمۇ ؟ » دېدى .

خاسسىت بۇ سۆزلەرنى خىتاي ئامېرىكا سودا ئۇرشى تازا قىززىۋاتقان بىر پەيتتە قىلدى. ئۆتكەن ھەپتە خىتاي ۋە ئامېرىكا ھەر ئىككى تەرەپ بىر بىرىنىڭ جەمئي 16 مىليارد دوللار قىممىتدىكى ئىمپورت تاۋارلىرىغا قارتا تاموژنا بېجى ئۆستۈرۈش ئېلىپ بارغان ئىدى.

تىرامىپ ھۆكۈمىتى خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ ، ئەگەر خىتاي يەنە ئەقىلي مۈلۈك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلماي تېخنىكا ئوغۇرلاشنى داۋاملاشتۇرسا ، بۇ قېتىم 200 مىليارد دوللارلىق خىتاي تاۋارلىرىغا قارتا يەنە تاموژنا بېجى ئۆستۈرۈش تەدبىرى قوللىندىغانلىقى بىلدۈردى.

« ئىقتساد نوقتسىدىن قارىغاندا، خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرشكە ئىھتىياجلىق ، لىكىن ئولار بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىچىدە باشقا تەرەققىي قىلۋاتقان دۆلەتلەرگە ئوخشاش ھەرىكەت قىلشى كېرەك. » دېدى خاسسىت .

ئو قوشۇمچە قىلىپ شۇنىلارنى تەكىتلەپ ئۆتتى. « ئەگەر مەن بۇ يېڭى نەرسىلەرنى كەشىپ قىلغان بولسام ، گىرمانىيە بۇلارنى مەندىن ئوغۇرلاپ كەتسە ، سىلەر چوقۇم بەك ھەيران قالسىلەر ۋە بۇ ئوغۇرلانغان كەشپىيات بىلەن گىرمانىيە شىركەتلىرى قورۇلۇشقا باشلايدۇ ، لىكىن خىتاي ھۈكۈمىتى بۇنداق ئوغۇرلۇقنى ھەردائىم قىلىپ كىلۋاتىدۇ ، شۇنداقتمۇ ئولار يەنىلا دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا .»

مەنبە:

https://www.washingtonexaminer.com/news/white-house-we-may-have-to-kick-china-out-of-the-wto

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

خىتاينىڭ 500 مىليارد دوللارلىق قوزغاتقۇچ پۇل سىياسىتى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

شە ئۆكتەبىر 20 , 2018
خىتاي زۇۋانى ھىساپلىنىدىغان شىنخۇا ئاگىنتلىقى ئالدىنقى ھەپتە مەملىكەت مىقياسىدا 5.3 مىليوندىن ئارتۇق يىڭى ئۆي قۇرۇلىشى ئىلىپ بىرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ غايەت زورقۇرۇلۇش تۈرىنى خىتاي خەلق بانكىسى بىسىپ چىقىرىدىغان 3.2تىرلىيۇن يۈەن (500مىليارد دوللار)ئارقىلىق ئىلىپ بارىدىكەن. ئۇنداقتا خىتاينىڭ بۇنچە زور كۆلەمدىكى بوشىتىلغان پۇل سىياسىتى نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ؟

You May Like