ئانتونى بلىنكېن گېرمانىيە زىيارىتىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ئۈستىدە توختالدى

گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئانتونى بلىنكېن(Antony Blinken) شۇ جاي ۋاقتى 23-ئىيۇن چارشەنبە كۈنى بېرلىندا خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ «شىنجاڭ» (شەرقى تۈركىستان\ ئۇيغۇرىستان. ت) رايونىدا مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى ئارقىلىق ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتلارنى ئالماسلىققا ۋە ئىشلەتمەسلىككە چاقىردى.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 23-ئىيۇن

ئارمان

گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئانتونى بلىنكېن(Antony Blinken) شۇ جاي ۋاقتى 23-ئىيۇن چارشەنبە كۈنى بېرلىندا خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ «شىنجاڭ» (شەرقى تۈركىستان\ ئۇيغۇرىستان. ت) رايونىدا مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى ئارقىلىق ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتلارنى ئالماسلىققا ۋە ئىشلەتمەسلىككە چاقىردى.

ئانتونى بلىنكېن بۈگۈن گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېيكو مائاس(Heiko Maas) بىلەن بىرلىكتە قاتناشقان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: » مېنىڭچە مەجبۇرىي ئەمگەكتىن كېلىپ چىققان مەھسۇلاتلارنىڭ دۆلىتىمىزگە ئېقىپ كىرىشىنى چەكلەش ئۈچۈن ھەممىمىز قولىمىزدىن كەلگىنىنى قىلىشىمىز كېرەك، بۇ بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز»، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ گېرمانىيەدىكى شىركەتلەرگە خىتاب قىلىپ ئىنسانلارنى ئاساسى ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىپ ئۇلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان تېخنىكا ياكى مەھسۇلاتلارنى خىتايغا ئېكسپورت قىلماسلىققا چاقىردى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋىرىدە گېرمانىيە ۋولكسۋاگېن (Volkswagen) شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە زاۋۇت قۇرغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

Uyghur Reporter

Next Post

فرانسىيە پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينىڭ "ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق"سىياسىتىنى ئەيىبلەش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى

يە ئىيۇل 18 , 2021
فرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىنىڭ 29-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە شۇ كۈنى فرانسىيە دۆلەت مەجلىسىدىكى 50 كە يېقىن پارلامېنت ئەزاسى بىرلىكتە ئىمزالىق دوكلات تاپشۇرۇپ فرانسىيە دۆلەت مەجلىسىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى "ئىرقىي قىرغىنچىلىق" دەپ بېكىتىشىنى تەلەپ قىلغان.

You May Like