ئانا تىل كۈنىدە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەر

ئانا تىل كۈنىدە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەر

 ئانا تىل كۈنىدە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەر 

ئامىنە سەدەف

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 23-فېۋرال

نۆۋەتتە ئۇيغۇر تىلى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا ئېغىر خىرىسقا ئۇچراۋاتقان بولۇپ ، بۇ ئەھۋال مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ئانا تىلنى قوغداش ۋە ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن باش قاتۇرۇشقا، ھەرىكەت قىلىشقا ئۈندىمەكتە. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتەپلىرى ۋە زېھنى ئوچۇق زىيالىيلار ئانا تىلنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن خىلمۇخىل خىزمەتلەرنى ئىشلىمەكتە . ئانا تىلنى خاتىرىلەش  كۈنى بولسا مۇشۇ مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ‌، بۇ كۈندە ئۇيغۇرلار ياشايدىغان نۇرغۇن دۆلەتلەردە مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر بىلەن تەبرىكلەندى. 

19-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر ئاياللار ئىلىم چېيى گۇرۇپپىسى ئىستانبۇلدا ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئانا تىلنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. تەخمىنەن ئىككى ئايغا يېقىن تەييارلىق قىلىنغان بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئەنقەرە، ساكاريا ۋە ئىستانبۇلنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھەرقايسى كەسىپلەردە ئوقۇغان 40 خانىم ئانا تىلنى قوغداش ۋە ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇھىملىقى، ئانا تىل ئوقۇتۇشىدىكى زۆرۈر بولغان چارە تەدبىرلەر، ئائىلىدە ئانا تىلنى قوللىنىشنىڭ مۇھىملىقى، مۇھاجىرەتتىكى ئانا تىلى مەكتەپلىرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، تەرجىمە خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئەدەبىي تەرجىمىنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق تېمىلاردا  چاي ئەزالىرىنىڭ تەييارلىغان نادىر يازمىلىرىنى ئاڭلىدى ۋە مۇلاھىزە قىلدى. پائالىيەتتە يەنە ئانا تىل ھەققىدىكى شېئىرلار دېكلاماتسىيە قىلىندى. پېشقەدەم ئانا تىلى ئوقۇتقۇچىسى ھەنىپە مۇئەللىم‌ ۋە ئايدىن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور گۈلمىرە  بەرداش مۇئەللىم ئانا تىلنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە سۆز قىلدى‌. ئىلىم چېيىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى ، قىز بېشى ئامىنە ۋايىت سەدەفنىڭ ئوقۇغان داڭلىق فىرانسىيە يازغۇچىسى دائودېتنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى دەرس» دېگەن ھېكايىسى سورۇندىكىلەرنى چۇڭقۇر ئويغا سالدى . 3 سائەت داۋام قىلغان پائالىيەت ھاياجان ئىچىدە ئاخىرلاشتى . 

21-فېۋرال زەيتۇن بۇرنۇ ئاق دېڭىز سالونىدا « تاڭنۇرى» مەكتىپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئانا تىل كۈنىگە ئاتاپ‌ چوڭ تىپتىكى پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. تاڭ نۇرى مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى  جاراڭلىق دېكلاماتسىيەلىرى، چۇڭقۇر مەزمۇنلۇق ئىتوتلىرى ئارقىلىق ئانا تىلغا بولغان مۇھەببىتىنى نامايان قىلدى . پائالىيەت ئاخىرىدا ياش مۇئەللىمە گۈلگىزەنىڭ يېڭىدىن نەشردىن چىققان « بەردەمجاننىڭ يۇرتىغا قايتىش  ھېكايىسى » ناملىق كىتابى ئوقۇغۇچىلارغا مۇكاپات قىلىپ تارقىتىلدى . 

ئوخشاش بىر كۈندە يەنە ئەنقەرە ۋە كونىيادىمۇ ئوخشاشلا ئانا تىل كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۇرۇش باشلاندى، پۇتىن ئۇكرائىناغا ھەربىي يۈرۈش ئېلان قىلدى!

پە فېۋرال 24 , 2022
ئۇرۇش باشلاندى، پۇتىن ئۇكرائىناغا ھەربىي يۈرۈش ئېلان قىلدى!

You May Like