ئامرىكىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى كىڭەش پالاتاسىدا ماقۇللاندى!

ۋاشىنگىتون، ئامرىكا پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئو ۋە بوب مىنىندىزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈن ئىككى پارتىيەنىڭ س 178-نۇمۇرلۇق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيەسىنى ماقۇللىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

تەرجىمە قىلغۇچى: ئەردەم

2019-9-11

 

  ۋاشىنگىتون، ئامرىكا پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئو ۋە بوب مىنىندىزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈن ئىككى پارتىيەنىڭ س 178-نۇمۇرلۇق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيەسىنى ماقۇللىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەزكۇر قانۇن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كەڭ كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندىچىلىكى قىلمىشلىرىغا، بىر مىلىيوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىشىغا، ھەمدە خىتاينىڭ ئامرىكا پۇقرالىرىغا ۋە ئامرىكىدا يىشىل كارتىسى بىلەن تۇرىۋاتقانلارغا تەھدىت سىلىشىغا قارشى ئىلىنغان مۇھىم بىر قەدەم ھىسابلىنىدۇ.   بوب مىنىندىز بۇ ھەقتە:« بۇ قانۇننىڭ ماقۇللىنىشى، ئامرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كۆزىنى يۇمىۋالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى مىلىيونلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ناھەق ھالدا تۈرمىلەردە يىتىۋاتىدۇ، قاتتىق نازارەتكە ئۇچراپ، دىكتاتور ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مەجبۇرى ھالدا ئەمگەك لاگىرلىرىغا سولىنىۋاتىدۇ. گەرچە ترامپ ھۆكۈمىتى  شەرقىي تۈركىستاندىكى پاجىئەلىك ۋەزىيەتنى ئالدىنقى مەسىلە دەپ قارىمىسىمۇ، بىراق مەن دۆلەت مەجلىسىنىڭ زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە كومپارتىيىسدىن مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قاتتىق دەپسەندە قىلىش، ئىنسانىيەتكە زىيانكەشلىك قىلىش جىنايەتلىرىگە مەسئۇل بولۇشىنى تەلەپ قىلغىنىدىن بەكمۇ خۇشالمەن» دىدى.   قانۇن لاھىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن: دۆلەت ئىستىخبارات ئىدارىسى ۋە دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكى مەزكۇر رايوندىكى باستۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان رايون بىخەتەرلىكى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى مەجبۇرى قايتۇرىۋەتكەن تۈركي مۇسۇلمان مۇساپىرلار ھەمدە پاناھلىق سورىغۇچىلارنىڭ سىتاتىسكىسىغا مۇناسىۋەتلىك دوكىلات تەييارلاش. مەزكۇر دوكىلات رايوندا لاگىر سىلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈشكە قاتناشقان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تىزىملىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.   FBI  ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامرىكا پۇقرالىرىدىن ئۇلارنىڭ ئامرىكا چىگراسى ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تەھدىت ۋە پاراكەندىچىلىككە يولۇققان ئەھۋاللار توغرۇلۇق ئۇچۇر ئىلىپ، دوكىلات تەييارلاش. كىرىزىس دەۋاملاشقان تەقدىردە، دۆلەت مەجلىسىدە قوش قالپاقلىق بىر خىزمەت ( شەرقىي تۈركىستان ئىشلىرى ئالاھىدە تەڭشىگۈچىسى) تەسىس قىلىش.   ئامرىكا خەلقئارا مىدىيا ئاگىنتلىقىنىڭ ئىجارىيەت باش مۇدىرىنىڭ تەييارلىشىدا، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خىزمەتچىلىرىنىڭ تەھدىتكە ئۇچراش ئەھۋالى شۇنداقلا خىتاينىڭ خەلقئارادا ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان ساختا تەشۋىقات ئويۇنلىرىنى تەھلىل قىلىپ دوكىلات تەييارلاش.    دۆلەت ئىستىخباراتى ۋە دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكى بىرلىشىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش، كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش تىخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە تىخنىكا ئۆتۈنۈپ بىرىش ئىشلىرى رايون بىخەتەرلىكىدە پەيدا قىلغان تەھدىتلەر، بۇنىڭغا قاتناشقان خىتاي شىركەتلەرنى تىزىملاپ دوكىلات تەييارلاش.   مەزكۇر قانۇن يەنە ئامرىكا يۇقىرى دىرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ماگىنىسكى قانۇنى ۋە مۇناسىۋەتلىك چەكلىمىلىرىنى ئەمىلىيلەشتۈرۈش، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قانۇن لاھىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سودا مىنىستىرلىكى ئىكىسپورت ماللارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خىرىدارىغا قارىتا چەكلىمە قويۇش ۋە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇش قاتارلىقلارنى ئىگىرى سۈرىدۇ. ئامرىكا پۇقرالىرى ۋە LPRيۈتۈپ كەتكەن ياكى تۇتقۇن قىلىنغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلەپ، سۈرۈشتە قىلسا بولىدۇ.   ئىزاھات: باياناتتىكى بارلىق شىنجاڭ ئاتالغۇلىرى بىردەك شەرقىي تۈركىستان دەپ ئىلىندى. مەنبە:   https://www.rubio.senate.gov/public/index.cfm/2019/9/rubio-menendez-applaud-senate-passage-of-the-uyghur-human-rights-policy-act      

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى ئازاپ ئىچىدە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ باستۇرۇش ئاستىدىكى تۇرمۇشىنى ئاشكارلىدى

پە سېنتەبىر 12 , 2019
تۆت نەپەر ئوقۇتقۇچى «زىمىستان » تورىغا ئۆزلىرىنىڭ كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلىدى. ئۇلار ھەر كۈنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى، ئۇيغۇر تىلىنى ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە پىسخىكىلىق ئازاپلاش قىلمىشلىرىنى يۈرگۈزىۋاتقانلىقىغا شاھىد بولىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

You May Like