ئامرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيەسى ئامرىكا ئاۋام پالاتاسىدا زور غەلبە قازاندى!

2019- يىلى 4- دىكابىر، ئامرىكا شەرقىي ۋاقتى 3-دىكابىردا، ئامرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيەسىنى ، دىموكراتچىلار پارتىيەسى 221 بىلەت، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى 185 بىلەت ۋە باشقىلار 1 بىلەن بىلەن قوللاپ ، جەمئىي 407 بىلەتكە ئىرىشىپ، زور غەلبە قازاندى! بۇ تارىخ بىتىگە يىزىلغۇدەك ئالتۇن مىنۇتلار بولۇپ قالغۇسى!

  • ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى
  • 2019-12-4
  • ئەردەم

 


2019- يىلى 4- دىكابىر، ئامرىكا شەرقىي ۋاقتى 3-دىكابىردا، ئامرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيەسىنى ، دىموكراتچىلار پارتىيەسى 221 بىلەت، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى 185 بىلەت ۋە باشقىلار 1 بىلەن بىلەن قوللاپ ، جەمئىي 407 بىلەتكە ئىرىشىپ، زور غەلبە قازاندى! بۇ تارىخ بىتىگە يىزىلغۇدەك ئالتۇن مىنۇتلار بولۇپ قالغۇسى!

 

ئاۋام پالاتىسىدا ئومومىي بىلەت 435 بىلەت بولۇپ، بەش مىنۇت ئىچىدىلا قوللاش بىلىتى 400 دىن ئاشتى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بىرلا قارشى بىلەت تاشلاندى، 24 بىلەت ۋاز كەچتى.

 

نورمالدا قانۇن لاھىيەسى ئالدى بىلەن ئاۋام پالاتاسىدا 218 ۋەكىلنىڭ، كىڭەش پالاتاسىدا 51 ۋەكىلنىڭ قوللىشىغا ئىرىشىشى شەرت. ئاندىن ئامرىكا پىرىزدىنتى ئىمزا قويۇش-قويماسلىقى ئۈچۈن 10 كۈن مۆھلەت بىرىلىدۇ. ئۇ 10 كۈن ئىچىدە پىرزدىنت ئىمزا قويسا قانۇن بولىدۇ، رەت قىلسا، پارلامىنتقا قايتىپ كىتىدۇ.

 

ئەگەر قانۇن لاھىيەسى ئاۋام ۋە كىڭەش پالاتاسىدا 2/3 دىن ئارتۇق ۋەكىللنىڭ قوللىشىغا ئىرىشسە، پىرىزدىنتكە سۇنۇلۇپ 10 كۈن ئىچىدە قول قويسا ياكى ھىچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىسە، لاھىيە رەسمى قانۇن بولىۋىرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا پىرىزدىنتنىڭ رەت قىلىشىنىڭ بەك چوڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ.

 

ھازىر بولسا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيەسىنىڭ رەسمىي قانۇن بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ساناقلىقلا كۈن قالدى!

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

مەنبە: 

 

https://live.house.gov/?date=2019-12-03

 

 

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيەسىدىكى ئاساسلىق نۇقتىلار

چا دېكابىر 4 , 2019
3- دىكابىر، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيەسى ئاۋام پالاتادا مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن زور غەلبىگە ئىرىشىپ، قانۇن بولۇپ يۈرگۈزۈلۈشكە ساناقلىقلا كۈن قالدى. مەزكۇر قانۇن لاھىيەسىدە نېمىلەر دىيىلگەن ؟ تۆۋەندە يىغىنچاق مەزمۇنىنى سۇندۇق.

You May Like