ئامرىكا، كانادا، ئەنگىلىيە قاتارلىقلار خىتاي ۋە پاكىستاننى ئاز سانلىقلار توپلومىغا زىيانكەشلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

نيۇ يوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر يىغىنىدا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە كانادالار خىتاي ۋە پاكىستاننىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى باستۇرۇش مەسىللىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەمدە بۇ ئىككى ئاسىيا دۆلىتىنى ئۆزىنىڭ دىنىي ئازسانلىق توپلۇمىغا زىيانكەشلىك قىلىش ۋە بېسىم قىلىش بىلەن ئەيىپلىدى.

 

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

ئايخان تەرجىمىسى

2019-8-25

 

نيۇ يوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر يىغىنىدا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە كانادالار خىتاي ۋە پاكىستاننىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى باستۇرۇش مەسىللىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەمدە بۇ ئىككى ئاسىيا دۆلىتىنى ئۆزىنىڭ دىنىي ئازسانلىق توپلۇمىغا زىيانكەشلىك قىلىش ۋە بېسىم قىلىش بىلەن ئەيىپلىدى.

ئۇلار  خىتايدىكى ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ۋە ھىندىستاندىكى خرىستىئانلار، ئەھمەدىيچىلەر، ھىندىلار ۋە باشقا ئاز سانلىقلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان كەمسىتىشلىرىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. پاكىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى مەركىزىنىڭ باشلىقى نەۋىد ۋالتىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا خىتاي ۋە پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتلىرىدىكى ئاز سانلىقلارغا بولغان «بىر تەرەپلىمە قىلمىشلىرى» ھەققىدە دوكلات بەردى. ئۇ «بۈگۈن نۇرغۇنلىغان ئىنسانلار ئۆز جەمىيىتى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلماقتا. ئۇنداق ناھەق قىلمىشلار باشقا يەرلەردىمۇ بار ، پاكىستاندىكى ئەخمەتلەرمۇ بۇنىڭغا دۇچار بولۇۋاتقان بىر گۇرۇھتۇر. خىتايغا ئوخشاش كۆپلىگەن دۆلەتلەر دۆلەت بىخەتەرلىكىنى باھانە قىلىپ دىننىڭ ئومۇمىي خەلق ئارىسىدىكى رولىنى چەكلەپ قويماقتا » دىدى. خىتاي ۋە پاكىستان خەلقئارا تەرىپىدىن دۆلىتىدىكى دىندار توپلۇلۇملارنىڭ ھاياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن تەنقىد قىلىندى. خىتاي ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىپ ئۇلارنى كەڭ دائىرىلىك توپلاما كامپلىرىغا ئەۋەتكەنلىكى ، ئۇلارنىڭ دىننىي پائالىيەتلەرگە دەخلى تەرۇز قىلغانلىقى ۋە بۇ توپلۇمنى مەجبۇرىي قايتا تەربىيلەش ۋە مىڭە يۇيۇشقا دۇچار قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەندى.   مەنبە: https://economictimes.indiatimes.com/news/international/world-news/us-uk-canada-slam-china-pakistan-for-persecuting-minorities/articleshow/70798877.cms?from=mdr

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

تەرجىمە: نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى: خارۋارد ئۇنىۋېرسىتى خىتتاينىڭ «بەشمو ئارمىيىسى» ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ باردى

يە ئاۋغۇست 25 , 2019
خىتتاي دۆلەت ئىچىدە ئىنتېرنېتنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، خەلقنىڭ ھۆكۈمەت كونتروللىقى ئاستىدىكى تور سۇپىلىرىدا نېمىنى كۆرۈشى ياكى ئېلان قىلىشىنى چەكلەپ تۇرىدۇ.

You May Like