ئامېركا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ 2018-يىللىق جۇمھۇرىيەت بايرىمىمىزنى خاتىرلەش پائالىيىتى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى

ھەممىڭلارنى پات ئارىدا يېتىپ كېلىدىغان جۇمھۇرىيەت بايرىمىمىز بىلەن قۇتلۇقلايمىز!

20-ئەسىردە ۋەتىنىمىزدە قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆر ۋە ئەركىن ھاياتتا ياشاش شۇنداقلا مۇستەقىل مىللىي دۆلەت بەرپا قىلىش يولىدىكى تەۋرەنمەس مىللىي ئىرادىسىنىڭ يىمىرىلمەس تارىخىي دەلىلىدۇر.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار،

ھەممىڭلارنى پات ئارىدا يېتىپ كېلىدىغان جۇمھۇرىيەت بايرىمىمىز بىلەن قۇتلۇقلايمىز!

20-ئەسىردە ۋەتىنىمىزدە قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆر ۋە ئەركىن ھاياتتا ياشاش شۇنداقلا مۇستەقىل مىللىي دۆلەت بەرپا قىلىش يولىدىكى تەۋرەنمەس مىللىي ئىرادىسىنىڭ يىمىرىلمەس تارىخىي دەلىلىدۇر.

1930-يىللارنىڭ باشلىرىدىكى مىللىي قۇتۇلۇش ئىنقىلابىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى (1933-1934) ۋە 1944-يىلىدىكى ئىلى ئىنقىلابىنىڭ نەتىجىسىدە غۇلجىدا ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى (1944-1949) ئوخشاش بىر كۈندە، يەنى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى دۇنياغا جاكارلانغان.

شۇندىن بۇيان 12-نويابىر شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ جۇمھۇرىيەت بايرىمى سۈپىتىدە خاتىرلىنىپ كەلمەكتە.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 2018-يىللىق جۇمھۇرىيەت بايرىمىمىزنى خاتىرىلەش پا’ئالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى. خاتىرىلەش پا’ئالىيىتىدە ئالدى بىلەن مەشھۇر تارىخچىلىرىمىز ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ تارىخى، ھازıرقى تەسىرى ۋە بۇنىڭدىن ئەلىنغان ساۋاقلار ھەققىدە مەخسۇس لېكسىيە سۆزلىنىدۇ. ئاندىن كلاسسىك ۋە ھازىرقى زامان مۇتەپپەككۇرلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىدىن جەۋھەرلەر تاللىنىپ دېكلاماتسىيە قىلىنىدۇ. پا’ئالىيىتىمىزگە ئەگەر ئۆزلىكىدىن نومۇر تەقدىم قىلىشنى خالايدىغانلار قېرىنداشلىرىمىز بولسا قىزغىن قارشى ئالىمىز.

ئەزىز قەرىنداشلار، پات ئارىدا يېتىپ كېلىدىغان جۇمھۇرىيەت بايرىمىمىزنى بىرلىكتە مەنىلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئامېرىكىدا ياشايدىغان بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئا’ئىلە تاۋابىئاتلىرىنى تەكلىپ قىلىمىز.

جۇمھۇرىيەت بايرىمىمىز بىزنىڭ ھەم سىزنىڭ بايرىمىڭىز، شۇنداقلا پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بايرىمىدۇر.

ئورنى:

4401 sideburn rd, Fairfax, VA 22030

ۋاقتى: 2018-يىلى 11- ئاينىڭ 11- كۈنى (يەكشەنبە) سا’ئەت 2:00-7:00 چۈشتىن كىين

ھۆرمەت بىلەن، ئامېركا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ئىدارە ھەيئىتى

2018- يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۇنى

UT-Uyghur Reporter 11

Next Post

ئامېركىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلام نەتىجىسى ۋە ئامېركا -خىتاي ئوتتۇرسىدىكى سودا ئۇرۇشى

چا نويابىر 7 , 2018
ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدا ترامپنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى كېڭەش پالاتادا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ ئاۋام پالاتادا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىيەلمىدى. ئەمما مۇتلەق كۆپ قىسىمدىكى كۆز قاراشلار سودا ئۇرۇشىنىڭ تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. تۆۋەندە بىرقانچە تاراتقۇلارنىڭ بۇ توغۇرلۇق ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىنى يىغىنچاقلايمەن.

You May Like