ئامېركا مۇئاۋىن پىرىزدىنتى پەنس خىتاي باش ئەگكەنگە قەدەر تاموژنا بېجى توختىمايدىغانلىقى ھەققىدە قەسەمياد قىلدى

ئامېرىكا مۇئاۋىن رەئىسى مايك پەنس شەنبە كۈنى مۇنداق دېدى، بېيجىڭ ئامېرىكىنىڭ تەلەپلىرىگە كۆنمىگۈچە، ئامېرىكا خىتاي بىلەن بولغان سودا تالاش-تارتىشلىرىدا يول قويمايدۇ، ھەتتا تاموژنا بېجىنى بىر ھەسسە ئاشۇرىدۇ.

رۇيتېرس ئاگېنتلىقى

2018-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى

تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

   

ئامېرىكا مۇئاۋىن رەئىسى مايك پەنس شەنبە كۈنى مۇنداق دېدى، بېيجىڭ ئامېرىكىنىڭ تەلەپلىرىگە كۆنمىگۈچە، ئامېرىكا خىتاي بىلەن بولغان سودا تالاش-تارتىشلىرىدا يول قويمايدۇ، ھەتتا تاموژنا بېجىنى بىر ھەسسە ئاشۇرىدۇ.

پاپۇئا يېڭى گۋىنىيىسىدە ئېچىلغان ئاسىيا – تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا، پەنس قاتتىق سۆزلەر بىلەن، خىتايغا بۇ رايۇندىكى سودا ۋە بىخەتەرلىك ھەققىدە خىرىس قىلدى.

پەنس، » بىز خىتاي بىلەن بولغان سودا تەمپۇڭسىزلىقىنى بىتەرەپ قىلىش ئۈچۈن كەسكىن تەدبىرلەرنى قوللاندۇق. بىز خىتاينىڭ 250 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى مېلىغا تاموژنا بېجى قويدۇق، بەلكىم بىز بۇ ساننى يەنە بىر ھەسسە ئاشۇرۇشىمىز مۇمكىن.» دېدى.

» بىراق، خىتاي ئۆز لىنىيەسىنى ئۆزگەرتمىگۈچە ئامېرىكا يولىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.»

بۇ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن. چۈنكى، پۇل مۇئامىلە بازىرى خىتاي – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشىنى، ھەتتا بۇ ئاي ئاخىرىسىدا ئارگېنتىنادا ئېچىلماقچى  بولغان 20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىدا كېلىشىم ئىمزالىشىنى ئۈمىد قىلغانىدى.

ئاسىيا – تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلمىغان دونالد ترامپ، ئارگېنتىنادا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى.

پەنسنىڭ شەنبە قىلغان ئاگاھلاندۇرۇشى ترامپنىڭ جۈمە كۈنىدىكى نۇتىقى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولدى. ترامپ، خىتاي ئامېرىكىغا بىر پارچە جىددىي سودا ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا قوللىنىشنى خالايدىغان ھەل قىلىش تىزىملىكى يوللىغاندىن كىيىن، بەلكىم تېخىمۇ كۆپ تاموژنا بېجى ئالماسلىقى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

ترامپ 250 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى خىتاي مەھسۇلاتىغا تاموژنا بېجى قويۇش ئارقىلىق خىتاينى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىدىغان بىر يۈرۈش شەرتلەرگە يول قۇيۇشقا زورلىغانىدى.

ۋاشىنگتون بېيجىڭدىن ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي بازىرىغا كىرىشىنى ئاسانلاشتۇرۇشنى ۋە ئۇلارنىڭ بىلىم – مۆلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى، سانائەت قوشۇمچە ياردىمىنى ئازايتىشنى، سودىدىكى پايدىسىز بالانسنى كىچىكلىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

پەنستە مۇرەسسە قىلىدىغان ئالامەتلەر يوق.

ئۇ مورېسبينىڭ (پاپۇئا يېڭى گۋىنىيىسى پايتەختى) فەيرفەكس پورتىدىكى بىر كېمىگە يىغىلغان ۋەكىللەرگە » ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خىتاي ئامېرىكىدىن كۆپ پايدا ئېلىپ ئالدى. ئۇ كۈنلەر ئەمدى كەلمەسكە كەتتى. «دېدى.

ئۇ يەنە خىتاينىڭ تىنچ ئوكياندىكى زېمىن تەمەسىنى ، بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ  قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارقىلىق ئاسىيا ، ئافرىقا، ۋە ياۋروپا ئارىسىدىكى باغلىنىشنى كېڭەيتىشنى پىلان قىلغان بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسنى نىشانغا ئالدى.

پەنس مۇنداق دېدى، » بىز تارايتىدىغان بەلباغ ۋەياكى تاق يۆنىلىشلىك يول ئۇتتۇرىغا قويمايمىز.»

پەنس گەرچە خىتاينىڭ بۇ رايۇندىكى تالاش – تارتىشتا قالغان ئاراللارغا ئىگىلىك ھوقۇقى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بېۋاستە تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكىنىڭ دېڭىز – ئوكيان ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداشقا تىرىشىپ ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

» بىز خەلقئارا قانۇن يول قولغان دائىرە ۋە مەنپەئەتىمىز زۆرۈر تاپقان ھەرقانداق يەردە كېمە ۋە ئايروپىلانلىرىمىزنى ھەيدەيمىز. قالايمىقانچىلىق بىزنىڭ ئىرادىمىزنى قەتئىيلەشتۈرىدۇ خالاس.»

نەچچە مىنۇت ئىلگىرىلا، شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى ۋە بۇ رايۇننىڭ ئەركىن سودىغا ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇزۇن سۆز قىلغانىدى.

شى جىنپىڭ ئۆز تەشەببۇسى ھەققىدە توختۇلۇپ، » بۇ يا ئەزا بولمىغانلارغا ئىشىكى تاقاق مەخسۇس كۇلۇب، ۋە ياكى بەزى كىشىلەر ئېيتقاندەك تۇزاق ئەمەس.» دېدى.

ئۇ يەنە سودا قورۇقچىلىقى بولسا » كالتە پەملىك »  ، » مۇقەررەر مەغلۇپ بولىدۇ» دېدى.

شى جىنپىڭ ، » تارىخ شۇنى كۆرسەتتىكى، تىركىشىش، مەيلى سۇغۇق ئۇرۇش بولسۇن، ئىسسىق ئۇرۇش بولسۇن ۋە ياكى سودا ئۇرۇشى بولسۇن ھېچ قايسىسىدا يەڭگۈچى بولمايدۇ.» دېدى.

مەنبە: apec-summit-usa/pence-vows-no-end-to-tariffs-until-china-bows-idUSKCN1

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

ئامېركا مۇئاۋىن پىرىزدىنتى مايىك پەنسنڭ خىتاي ھەققىدىكى نۇتۇقى ئۇيغۇرلار ئارىسدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى !

دۈ نويابىر 19 , 2018
ئامېركا مۇئاۋىن پىرزدىنتى مايىك پەنس 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى ئامېركا پايتەختى ۋاشنگىتوندىكى ھادسۇن ئىنستېتۇتىدا ئامېركا -خىتاي مۇناسۋىتى ھەققىدە بىر مۇھىم تارىخى نۇتۇق سۆزلىگەن بولۇپ، مەزكۇر نۇتۇق ئامېركا ۋە خىتاينىڭ سياسى ساھەسىنىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى، مەزكۇر نۇتۇقنى ئامېركا -خىتاي مۇناسۋىتى ھەققىدە تارىخى بىر بۇرۇلۇشتىن دېرەك بېرىدۇ دەپ قارالغانىدى.

You May Like