ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى: خىتاي مەسچىتلەرنى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يۇقىتىۋاتىدۇ

2019- يىلى 13-ئىيۇن، ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى رەسمىي تىۋېتتىر ھىسابىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇملىرى ھەققىدە ئۇچۇر يوللىدى. بۇ ئۇچۇردا مۇنۇلار بىلدۈرۈلگەن:

تەييارلىغۇچى: كۆكئالىپ

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-06-14

 

2019- يىلى 13-ئىيۇن، ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى رەسمىي تىۋېتتىر ھىسابىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇملىرى ھەققىدە ئۇچۇر يوللىدى. بۇ ئۇچۇردا مۇنۇلار بىلدۈرۈلگەن:

« خىتاي مەسچىتلەرنى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يۇقىتىۋاتىدۇ: بۇ مەسچىت بولسا (كېرىيە ھېيتگاھ چوڭ جامەسى) خىتاي ھۆكىمىتى 2016- يىلىدىن ئېتىبارەن خىتايدىكى شىنجاڭ رايونىدا (شەرقىي تۈركىستان-ت) چېقىۋەتكەن ۋە ياكى قىسمەن پارچىسىنى چۇۋۇپ تاشلىغان 31 مەسچىت ۋە ئىككى تاۋاپگاھنىڭ ئىچىدىكى بىرى. بۇ يەكۈننى ئەنگلىيىنىڭ مۇھاپىزەتچى گېزىتى  ۋە Bellingcat دىن ئىبارەت ئىككى تەكشۈرۈرپ خەۋەر ئىشلەش گۇرۇپپىسى سۈئىي ھەمراھ رەسىملىرىنى ئانالىز قىلىپ ئېرىشكەن.»

 

ئامىرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ رەسمىي تىۋېتتىر ھىسابىنىڭ 826 مىڭ ئەگەشكۈچىسى بار بولۇپ، نەچچە يۈز كىشى بۇ ئۇچۇرنى تارقاتقان.

 

ئەلچىخانا بۇ ئۇچۇرنىڭ ئاستىغا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق ShareAmerica تورىغا قۇيۇلغان تەپسىلىي خەۋەرنىڭ ئۇلىنىشىنى ھەمبەھىرلىگەن. بۇ تور بېكەتنىڭ ئىنگلىزچە ۋە خىتايچە نۇسخىلىرىدا ئۇزۇندىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلمى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ۋە ماقالىلەرنىڭ ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق ئەلىچىخانىلىرى رەسمىي ئىجتىمائىي ئالاقە ھىسابلىرىدا بۇ خەۋەرلەر ۋە ماقالىلەرنى تارقىتىپ كەلمەكتە.  

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۈمەنىدىن چاقىرىق

جۈ ئىيۇن 14 , 2019
6-ئاينىڭ 25-ۋە 26-كۈنلىرى ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىردە «ئۇيغۇر كىرزىسى: ئۆتمۈش، بۈگۈن ۋە كەلگۈسى»تىمىسىدا مىللىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.يىغىندا ئۇيغۇر تەتقىقاتىدا كۆزگە كۈرۈنگەن تەتقىقاتچىلار دوكلات بىرىدۇ. بۇ يىغىننى ياپونىيە كاگوشىما خەلىقئارا ئۈنىۋېرسىتېسى، تۈركىيە 18-مارت چاناققەلئە ئۈنىۋېرسىتېسى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۈمەنسى بىرلىشىپ ئۇرۇنلاشتۇغان. بۇ يىغىن ياپونىيە مەتبۇئاتى ۋە جامائىتىگە شەرقى تۈركىستاندىكى شىددەتلىك كۈلتۈرەل قەتلىئام ھەققىدە بايانات ئىلان قىلىشتەك كۈنتەرتىپكىمۇ ئىگە

You May Like