تەييارلىغۇچى: كۆكئالىپ
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
2019-05-30
2019- يىلى 30- ماي، ئامېرىكىنىڭ موڭغۇلىيە پايتەختى ئولانباتۇردا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى شەرقىي تۈركىستاندىكى رامزان ۋەزىيىتى ھەققىدە رەسمىي تىۋىتتىر ھىسابىدا تىۋىت يوللىدى. بۇ ئۇچۇرنىڭ تەرجىمىسى تۆۋەندىكىچە:
« بىز بۇ رامزان ئېيىدا بارلىق مۇسۇلمانلارغا سالامەتلىك، ئۈمىد ۋە خوشاللىق تىلەيمىز، بىز بولۇپمۇ خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى (شەرقىي تۈركىستان-ت) ئۆز ئېتىقادى سەۋەپلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمانلارنى ئالاھىدە ئەسلەيمىز.»
We wish for health, hope, and happiness for all Muslims this #Ramadan, and we are especially thinking of those Muslims in #Xinjiang #China, who are persecuted for their faith by the Chinese government. #Ramazan https://t.co/748V5ujcIs
— U.S. Embassy in UB (@usembmongolia) May 30, 2019
بۇ يىل رامزاندا، ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرى ئارقا- ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ روزا تۇتۇشتىن مەھرۇم بولغانلىقى ۋە دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلىمىغا ئۇچراۋاتقانلىقى توغرۇلۇق تىۋىتتىر ۋە فېيسبوك سەھىپىلىرىدە ئۇچۇر يوللىدى.