ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىشلىرىنى تېزلىتىشكە چاقىرىق قىلىش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىشلىرىنى تېزلىتىشكە چاقىرىق قىلىش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

 ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىشلىرىنى تېزلىتىشكە چاقىرىق قىلىش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 3-مارت

زۇلپىقار

2022-يىل3-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۇيغۇر پاناھلىق ئىشلىرىنى تېزلىتىشكە چاقىرىق  بىرلەشمە نامايىشى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى باش شتاب بىناسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ نامايىشنى پاناھلىقى ھەل بولمىغانلار گۇرۇپپىسى ئورۇنلاشتۇرغان.  ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن: «ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى»، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى»، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە جەمئىيىتى»، «ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى»، «ئۇيغۇر ھەرىكىتى»، «بوستون ئۇيغۇر بىرلەشمىسى»، «ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى»، «ئۇيغۇر زىيالىيلار بىرلىكى»، «ئۇيغۇر فوندى» قاتارلىقلار يېقىندىن قوللىغان بولۇپ، نامايىشقا 150 كە يېقىن ئادەم قاتناشقان.  نامايىش جەريانىدا توققۇز ئۇيغۇر تەشكىلاتى ئورتاق ئىمزا قويغان «ئۇيغۇر پاناھلىق مەسىلىسىنى تېزلەشتۈرۈش» مەكتۇپىنى تەشكىلاتلارغا ۋاكالىتەن «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» نىڭ ۋەكىلى ئارسلان ھىدايەت ئوقۇپ ئۆتتى. «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» ۋەكىلى مۇستاپا ئاقسۇ تەشكىلىي ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى ھەققىدە سۆزلىدى. «ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى» ۋەكىلى ئەلفىدار خانىممۇ نامايىشقا قاتنىشىپ تەشكىلىي ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ قېتىملىق نامايىش ھەر ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر پاناھلىق ئىشلىرىنى تېزلەشتۈرۈش نامايىشىنىڭ 4- قېتىملىقى بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى ئالدىدىكى نامايىشتا مەسئۇل خادىملار بىلەن  كۆرۈشۈشكە ئېرىشەلمىگەندىن كىيىن ھەممەيلەن يەنە بۇرۇندىن دائىم قىلىۋاتقان كۆچمەنلەر ئىشخانىسى بىناسى ئالدىغا قايتىپ ئۆزلىرىنىڭ ماتېرىياللىرىنى ئىشخانا مەسئۇل خادىمغا تاپشۇردى. 

تەشكىلاتلارنىڭ ياردەمدە بولۇشى ۋە خەلقنىڭ بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلىشى نەتىجىسىدە مۇشۇ 4ئاي ئىچىدە 40 قا يېقىن ئائىلىنى كۆرۈشۈشكە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، لېكىن نەتىجىسىنى بەرمىگەن. تېخىچە كۆرۈشۈشنى ساقلاۋاتقان ھەم سوتقا يوللىنىپ كەتكەن ئىككى مىڭ ئادەمنىڭ مەسىلىسى تېخىچە ھەل بولمىغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نامايىش ۋە باشقا پائالىيەتلەر داۋاملىق ئېلىپ بېرىلماقچى.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: 3-دۇنيا ئۇرۇشى يادرو ئۇرۇشى بولىدۇ

پە مارت 3 , 2022
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: 3-دۇنيا ئۇرۇشى يادرو ئۇرۇشى بولىدۇ

You May Like