ئامېرىكىدا يەھۇدىيلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تەشكىلات قۇرۇپ، نامايىش تەشكىللىدى

ئۇيغۇلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان يەھۇدى ياشلارنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن قۇرۇلغان «ئۇيغۇر يېغىلىشى» ناملىق تەشكىلات ۋە تور بېكىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ختتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سياستىگە نارازىلىق بىلدۇرۇش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

2019-يىلى 5-فىۋرال، نيۇيورك.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-02-06

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

 

ئۇيغۇلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان يەھۇدى ياشلارنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن قۇرۇلغان «ئۇيغۇر يېغىلىشى» ناملىق تەشكىلات ۋە تور بېكىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ختتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سياستىگە نارازىلىق بىلدۇرۇش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشتا سۆزلىگۇچىلەر نوپۇزلۇق يەھۇدى، مۇسۇلمان، خىرىستئان ئالىملىرىدىن باشقا يەنە ئۇيغۇرلارمۇ بولۇپ، پائالىيەتچى روشەن ئابباس خانىم ۋە ئوقۇغۇچى ئەرافات ئەركىن ئۆز ئائىلىسى دۇچ كەلگەن قسمەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ سۆز قىلدى.

نيۇيوركتىكى دوكتۇر مەمەت ئىمىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە،نامايىشقا 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان بولۇپ، ناھايتى كۆپ مۇخبىرلار نەق مەيدانغا كىلىپ زىيارەت ئېلىپ بارغان.

 

روشەن ئابباس خانىمنىڭ بىلدۈرىشچە، بۇ قېتىملىق نامايىشنىڭ ئەھمىيتى يەھۇدىيلارنىڭ، خىرىستىئانلارنىڭ باش بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۇچۇن سۆزلىشى ۋە قۇتقۇزۇشقا چاقىرىق قىلىشى بىلەن، مۇخبرلارنىڭ نەق مەيدانغا كۆپلەپ قاتنىشىشى ئىكەن.

يېغىندا سۆز قىلغۇچىلاردىن يەنە،ئىمام خالىد لەتىف،Reverend Brian E. McWeeney،Sami Steigmann،Imam Suhaib Webb قاتارلىقلار بار ئىكەن.

سۆز قىلغۇچىلار، نامايىش تەشكىللىگۈچىلەر بىردەك ختتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سياستىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ ھىسابلىغان ۋە ئامېرىكا، بىرلەشكەن دۆلەتلىرى، مۇسۇلمان ئەللىرىنى ختتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سياستىنى توختىشقا چاقىرىشقا دەۋەت قىلغان.

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقۇقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ۋاشىنگىتون ئۇيغۇرلىرى «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزدى

چا فېۋرال 6 , 2019
5- فېۋرال كۈنى، «ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى»نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى، ۋاشىنگىتون ئەتراپىدا تۇرىدىغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا،1997-يىلى غۇلجا شەھىرىدە يۈز بەرگەن «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى»نى خاتىرىلەش نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى.

You May Like