دۇنياغا ئۈلگە : ئامېرىكا تارىخىدا تۇنجى قېتىم بىر قارا تەنلىك ئايال ئالىي سوت سوتچىسى بولدى

دۇنياغا ئۈلگە : ئامېرىكا تارىخىدا تۇنجى قېتىم بىر قارا تەنلىك ئايال ئالىي سوت سوتچىسى بولدى

 دۇنياغا ئۈلگە : ئامېرىكا تارىخىدا تۇنجى قېتىم بىر قارا تەنلىك ئايال ئالىي سوت سوتچىسى بولدى

تۇرسۇنجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 8-ئاپرېل

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى7-ئاپرېل بىلەت تاشلاپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن تەرىپىدىن نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن قارا تەنلىك ئايال سوتچى كاتانجى جونسوننى ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىلىقىغا مۇئەييەنلەشتۈردى.

بۇ ئامېرىكىنىڭ 232 يىلدىن بىرى تۇنجى قېتىم بىر قارا تەنلىك ئايالنى ئالىي سوتقا تەيىنلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.شۇنداقلا بۇ ئامېرىكىنىڭ ئاياللار ھوقۇقى ۋە قارا تەنلىكلەر ھوقۇقىدا زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقى دەپ ھېسابلاندى.
ئامېرىكا سوتىدا ئاق تەنلىك ئاياللار بولغان، قارا تەنلىك ئەرلەر بولغان، ئەمما قارا تەنلىك ئايال بولمىغان.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ كۆپ قىسمى بۇ نامزاتلىققا قارشى تۇردى.ئەمما نەتىجىدە 47 گە قارشى 53 ئاۋاز بىلەن نامزات مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. جۇمھۇرىيەتچىلەر مەزكۇر نامزاتنى سولچىل، دېموكراتلارغا مايىل نامزات دەپ قارشى تۇرماقتا، دېموكراتلار جۇمھۇرىيەتچىلەرنى بۇ ئايالنىڭ ئىرقى ۋە جىنسنى كەمسىتتى دەپ تەنقىد قىلماقتا.

بۈگۈن ئاق سارايدا ئىلىپ بېرىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يېغىنىدا، سوتچى كاتانجى جونسون قىلغان تەسىرلىك نۇتقىدا مۇنداق دېدى : «مەن تارىختىكى قۇل قىلىنغان قارا تەنلىكلەرنىڭ ئارزۇسى. مەن كەلگۈسىدىكى ئەركىنلىككە، ئارزۇسىغا ئىشەنگۈچى قىزلارنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئاشدىغانلىقىنىڭ پاكىتى، ئامېرىكىدا ھەممە نەرسە ئەمەلگە ئاشىدۇ.» 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۇيغۇر تايمىز-ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا يەتكۈزىدۇ

شە ئاپرېل 9 , 2022
ئۇيغۇر تايمىز-ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا يەتكۈزىدۇ

You May Like