ئامېرىكا خىتاينىڭ سودا مەخپىيەتلىك ئوغرىلىقىغا قارىتا تەدبىر تۈزدى

ئامېرىكا ۋال كوچىسى گېزىتى ئىچكى ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر كىشىدىن نەقىل قىلىپ، تىرامپ ھۆكۈمىتى تاموژنا بېجى سىياسىتىدىن تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك بولغان بىر يۈرۈش تەدبىرنى قارار قىلدى، جۈملىدىن ئېكسپورتنى تىزگىنلەش، قانۇن شىكايىتى ۋە باشقا ئۇسۇل ۋاسىتەلەردىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئامېرىكا ئەقلىي مۈلۈك ھوقوقى ئوغرىلىقىغا قارشى تۇرماقچى. يېقىندا ئامېرىكا تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن ھەرىكەت قوللىنىش ئارقىلىق ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ كىرىستال لامپا ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەت مېكروننى قوغداپ قالدى. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى، تېخىمۇ كۆپ ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئەقىلى مۈلۈك ھوقوقىنىڭ

فىرانسىيە ئاۋازى خىتايچە تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018-يىلى 16-نويابىر

تەرجىمە قىلغۇچى: ھىدايەتۇللا

تەھرىر: ئابدۇقادىر ئابلىز

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

   

ئامېرىكا ۋال كوچىسى  گېزىتى ئىچكى ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر كىشىدىن نەقىل قىلىپ، تىرامپ ھۆكۈمىتى تاموژنا بېجى سىياسىتىدىن تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك بولغان بىر يۈرۈش  تەدبىرنى قارار قىلدى، جۈملىدىن ئېكسپورتنى تىزگىنلەش، قانۇن شىكايىتى ۋە باشقا ئۇسۇل ۋاسىتەلەردىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئامېرىكا ئەقلىي مۈلۈك ھوقوقى ئوغرىلىقىغا قارشى تۇرماقچى.  يېقىندا ئامېرىكا تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن ھەرىكەت قوللىنىش ئارقىلىق ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ كىرىستال لامپا ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەت مېكروننى قوغداپ قالدى. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى، تېخىمۇ كۆپ ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئەقىلى مۈلۈك ھوقوقىنىڭ ئوغرىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

خەۋەردە كۆرستىلىشىچە، بۇ يېڭى سىياسەت تىرامپ ھۆكۈمىتىنى سودا ساھەسىدە ئۇتۇق قازىنىشغا ياردىمى بولىدىكەن. سودا ساھەسىدىكىلەر  ئامېرىكىنىڭ ئىلگىرىكى  پېرىزىدېنتلىرىنىڭ تاموژنا بېجى ۋە قارارلىرىنىڭ چېتىلىش دائىرىسىنىڭ ناھايىتى كەڭ دائىرىلىك لېكىن ئۈنۈمسىز بولۇۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئەقلىي بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋە سودا مەخپىيەتلىكىنى قوغداپ قالالماي، ئامېرىكا كارخانلىرىنىڭ يىلدا نەچچە يۈز مىليون دوللار زىيان تارتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى  ئىزچىل تەنقىد قىلىۋاتقان ئىدى.

بۇ يېڭى تەدبىر پەقەتلا بىر قانچە دېلونى كۆزدە تۇتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئ‍ۈستىگە  بۇ تەدبىر بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى ئىشلىتىشكە كېرەك بولغان ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئارىسىدىكى ئۆز ئارا ماسلىشىشقا ئېھتىياجىلىق. ئامېرىكا مېكرون كىرىستال لامپا  شىركىتى دېلوسى بۇنىڭ بىر مىسالى. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى فۇجيەن جىنخۇا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ياساش شىركىتىگە قارىتىلغان ئامېرىكىنىڭ تېخنىكىسىنى ئىشلىتىش ۋە مەزكۇر شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش بۇيرۇقى ئېلان قىلدى. جىنخۇا شىركىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5.7 مىليارد دوللار ياردەم مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان شىركەت بولۇپ، مەزكۇر شىركەت خىتاينىڭ دۇنيا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ سانائىتىدىكى ئۈمىدى ئىدى. بىراق جىنخۇا ئامېرىكىنىڭ تېخنىكىسىغا تايىنىپ كىرىستال لامپا ياسايدىغان بولغاچقا ئامېرىكىنىڭ بۇ شىركەتكە قاراتقان جازاسى مەزكۇر شىركەتنىڭ  ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان بىلەن ئوخشاش.

ۋال كوچىسى گېزىتى ئوباما ھۆكۈمىتنىڭ سودا مىنىستىرلىقىدىكى بىر ئەمەلدارنىڭ، جىنخۇا شىركىتى ئامېرىكا مېكرون شىركىتىنىڭ تېخنىكىسىنى ئوغرىلاپ ئىشلىتىش دېلوسى ئامېرىكا تارىخىدا مىسلى كۈرۈلمىگەن دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دېگەن سۆزىنى نەقىل قىلدى. بۇ ئەمەلدار يەنە ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئامېرىكىنىڭ تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئامېرىكا  دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلدىغان ھەرقانداق شىركەتنى چەكلەش ۋە مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكا بازارىدا سېتىشنى چەكلەش ھوقۇقى بار. ئىلگىرى بۇنداق قىلمىشقا قارىتا پەقەتلا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېنىقلىمىسىلا بېرىلەتتى، ئەمدى بولسا بۇ تېخنىكا بىلەن تېررورچىلارنى قوللاش،  ئىران ۋە چاۋشيەنگە سېتىپ بېرىش، تاموژنىدا تاموژنا قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى يۈز بەرگەندىن كېيىن تېخىمۇ ئ‍ېھتىياتچان ۋە تەپسىلىي قارايدىغان بولدى دېگەن سۆزىنى نەقىل قىلدى.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى جىنخۇا ۋە تەيۋەننىڭ ليەنخۇا ئېلېكتىر شىركىتىنى ئەرز قىلىپ ئىقتىسادى جاسۇسلۇق گۇناھى بىلەن ئەيىبلىدى ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى يۇقىرىقى ئىككى شىركەتنى تارىختا ئوخشىشى بولمىغان ئىقتىسادى ھەق تەلەپ داۋاسى بىلەن ئەيىبلەپ مەزكۇر شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكا بازىرىدا سېتىشنى چەكلىدى.

تىرامپ ھۆكۈمىتى كەلگۈسىدە يەنە بۇ سىياسىتىنى ئىشلىتىپ، جۇڭگو ئۈزىنىڭ تېخنىكىسىغا تايىنىپ ئىشلەپچىقىرالمايدىغان، ئەمما چەتئەل تېخنكىلىرىغا تاينىپ مەھسۇلات ئىشلەيدىغان بارلىق جۇڭگو شىركەتلىرىگە قارشى تۇرماقچى. مېكرون، كورىيەنىڭ سامسۇڭ، ھاينىكىس شىركەتلىرى بولسا دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئەقلى ئۆزەك ئىشلەش تېخنىكىسىغا ئىگە، ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەر. بۇ شىركەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تېخنكىسىنى دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى (قورغان) دەپ قارايدۇ، جۇڭگو جىنخۇا شىركىتىنىڭمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆزەك ئىشلەپچىقىرالىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. لېكىن يېڭىدىن قۇرۇلغان بۇ شىركەت ئامېرىكا تەمىنلىگەن تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنىلەر بىلەن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرالايدۇ .

خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلگەن، بۇ سىياسەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقى يەنە تىرامپنىڭ ئۆزىدە. تىرامپ يىل بېشىدا  سودا مىنىستىرلىقىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ خىتاي جۇڭشىن ئالاقە شىركىتى ئېھتىياجلىق بولغان تېخنىكا ۋە ئەسلىھەلەرنى ساتماسلىق قارارى ئېلان قىلغان، بۇ قارار جۇڭشىن شىركىتىنىڭ ئاساسەن پالەچ بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان. ئەمما تىرامپ خىتاي رەئىسى شىنىڭ ۋەزخانلىق قىلىشى بىلەن چەكلەش بۇيرۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىدى.

 

مەنبە: http://synurl.com/CYYT50

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

شەرقىي تۈركىستاندا تاجاۋۇزچى خىتايلارنىڭ قارا قوللىرى مۇسۇلمان ئۇيغۇر قىزلىرىغا سوزۇلماقتا

جۈ نويابىر 16 , 2018
كىم بىلەن توي قىلىش ئىنسانلىق ئالىمىدىكى ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇق بولسىمۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا بەزى مۇسۇلمان ئۇيغۇر قىزلىرى بۇ ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، خىتاي ئەرلىرى بىلەن مەجبۇرىي توي قىلدۇرۇلماقتا.

You May Like