ئامېرىكا خىتاينى تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنى ھېيتتىن بۇرۇن قۇيۇپ بېرىشكە چاقىردى

2019- يىلى 29- ماي، ئامېرىكا خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندا خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قۇيۇپ بېرىشكە چاقىرىپ، ئۇلارنىڭ ھېيتنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئۆتكۈزىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

تەييارلىغۇچى: كۆكئالىپ

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-05-30

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

2019– يىلى 29- ماي، ئامېرىكا خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندا خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قۇيۇپ بېرىشكە چاقىرىپ، ئۇلارنىڭ ھېيتنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئۆتكۈزىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس (Morgan Ortagus) چارشەنبە كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇملىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى :

« بىز رامزاننىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە ھېيتنى كۈتۈۋاتقان پەيتتە، خىتاينىڭ شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستان-ت) كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشى ۋە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەققىدە سۆز قىلىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم. ئامېرىكا خالىغانچە ۋە ناھەق تۇتقۇن قىلىنغان بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىدۇ؛ ئېغىر جازا ۋە ۋەھشىيلىكلەر، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋە ياكى ئىنساننىڭ غۇرۇرىنى خورلايدىغان مۇئامىلىلەر ھەققىدىكى ئاخباراتلار؛ باشتىن-ئاخىر يۇقىرى تېخنىكىلار بىلەن كۆزىتىش؛ ۋە كىشىلەرنى ئۆز ئېتىقادىغا زىت ئىشلارنى قىلىشقا زورلاش قاتارلىقلار. بۇ ھەرىكەتنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى بولسا ئۆز پۇقرالىرىنى مىللى كىملىكى ۋە ئىسلام ئېتىقادىدىن ۋاز كەچتۈرۈش. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغاندىن باشلاپ بارلىق دىنى ئېتىقادلارغا بولغان دۈشمەنلىكىنى كۆرسىتىپ كەلدى، لېكىن ئۇلۇغ ئايدا (رامزاندا) خىتاي مۇسۇلمانلىرىغا (شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى) ئېلىپ بارغان باستۇرۇش بولسا ئىنتايىن رەزىللىك ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققانلىق. شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستان-ت) كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە خاتىمە بېرىلىشى كېرەك ۋە ھازىرلا توختىىتىلىشى كېرەك. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنى قۇيۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلىمىز، ئۇلار ئۆيلىرىگە قايتىپ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ھېيت ئۆتكۈزەلىشى كېرەك.»

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.  

 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئامېرىكىنىڭ موڭغۇلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى رامزان ۋەزىيىتى ھەققىدە تىۋىت يوللىدى

پە ماي 30 , 2019
2019- يىلى 30- ماي، ئامېرىكىنىڭ موڭغۇلىيە پايتەختى ئولانباتۇردا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى شەرقىي تۈركىستاندىكى رامزان ۋەزىيىتى ھەققىدە رەسمىي تىۋىتتىر ھىسابىدا تىۋىت يوللىدى. بۇ ئۇچۇرنىڭ تەرجىمىسى تۆۋەندىكىچە: «

You May Like