ئامېرىكا خىتايغا پايدا يارىتىدىغان 144 يىللىق پوچتا كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقماقچى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى

تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇقادىر ئابلىز

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

ئاق ساراي 10-ئاينىڭ 17-كۈنى جاكارلىشىچە، ئامېرىكا بۈگۈندىن باشلاپ تەرتىپنى قوزغىتىپ، 144 يىللىق تارىخقا ئىگە ئۇنىۋېرسال پوچتا ئىتتىپاقى (UPU) دىن چېكىنىدۇ. سىرتتىكىلەرنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، بۇ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو مەھسۇلاتلىرىنىڭ UPU تەمىنلىگەن ئەرزان باھالىق پوچتا ھەققىدىن پايدىلىنىپ، دۇنياغا تۆكمە قىلىپ سېتىشتەك ئادىل بولمىغان سودىغا زەربە بېرىشتە قوللانغان يەنە بىر تەدبىرى.

ئاق ساراي 10-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئامېرىكىنىڭ بىر يىللىق چېكىنىش تەرتىپىنى قوزغىتىدىغانلىقىنى ئۇنىۋېرسال پوچتا ئىتتىپاقىغا ئۇقتۇرىدۇ، سەۋەبى «ئۇنىۋېرسال پوچتا ئىتتىپاقىنىڭ نىزامنامىسىنىڭ ئىسلاھاتى يېتەرلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشەلمىگەن». بۇ مەزگىلدە، ئامېرىكا قوش ۋە كۆپ تەرەپلىك كېڭىشىش سۆھبىتىنى قانات يايدۇرىدۇ، ئەگەر نەتىجىلىك بولسا، ئامېرىكا UPU دىن چېكىنىش ھەرىكىتىنى بىكار قىلىدۇ.

مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاق ساراينىڭ باياناتىدا جۇڭگو تىلغا ئېلىنمىغان، بىراق ئاق ساراينىڭ سودا مەسلىھەتچىسى ناۋارو ئەنگلىيەنىڭ «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» گە بەرگەن ماقالىسىدا ئەيىبلىشىچە، جۇڭگو ئۇنىۋېرسال پوچتا ئىتتىپاقىنىڭ ئېتىبار بىرىش شەرتىدىن پايدىلىنىپ، دۇنيا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى بۇرمىلاپ، جۇڭگو شىركەتلىرى ئامېرىكا ئېلېكتىرونلۇق سودا ماگناتى ئامازون ياكى جۇڭگو ئېلېكترونلۇق سودا ماگناتى ئالى بابا ئارقىلىق، ئامېرىكىلىق ئىستىمالچىلارغا ئەرزان باھالىق «تەقلىدىي مەھسۇلات» لارنى ساتىدۇ، جۇڭگو ئۇنىۋېرسال پوچتا ئىتتىپاقىدا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولغانلىقتىن، خەلقئارا توشۇش ئىتىبارىدىن بەھرىمەن بولغاچقا، جۇڭگو ياسىغان تەقلىدىي مەھسۇلاتلارنىڭ توشۇش تەننەرخى تېخىمۇ ئەرزان.

ناۋارونىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىلىق كەسىپدارلار ئامېرىكىدا ياسىغان ھەقىقىي مەھسۇلاتلارنىڭ دۆلەت ئىچى پوچتىسىنىڭ توشۇش ھەققى، جۇڭگودىن ئامېرىكىغا يوللانغان تەقلىدىي مەھسۇلاتنىڭ پوچتا ھەققىدىن قىممەت، ئۇنىڭ مۆلچەرىچە، ئامېرىكا پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى (USPS) جۇڭگودىن ئامېرىكىغا توشۇپ كەلگەن كىچىك ئورالمىنىڭ ھەر بىرىدە تەخمىنەن بىر دوللار زىيان تارتىدۇ.

ئۇنىۋېرسال پوچتا ئىتتىپاقىنىڭ نىزامنامىسىدا، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە پوچتا ھەققىدە ئېتىبارلىق ھەق نىسبىتى بويىچە ھەق ھېسابلىنىدۇ، 1969-يىلىدىن بۇيان، جۇڭگو ۋە ئافرىقىدىكى دۆلەتلەر ئاساسلىق نەپ ئالغۇچىلاردۇر، بولۇپمۇ ھەجمى ۋە ئېغىرلىقى مەلۇم دائىرىدىن تۆۋەن بولغان كىچىك خەلقئارا پوچتا ئورالمىلىرى، ناۋارونىڭ ئەيىپلىشىنىڭ ئاساسى يوقمۇ ئەمەس.

ئامېرىكا پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئېغىرلىقى 2 كىلوگرامدىن تۆۋەن بولغان كىچىك ئورالمىلارنى مىسال قىلغاندا، جۇڭگودىن ئامېرىكىغا توشۇشنىڭ پوچتا ھەققى، ئۇنىۋېرسال پوچتا ئىتتىپاقىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە بەرگەن ئېتىبارىغا ئاساسلانغاندا، ئەڭ يۇقىرى باھاسى تەخمىنەن 5 دوللار. بىراق، ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئورالمىنىڭ، USPS نىڭ ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدە لوس ئانژېلىستىن نىيۇيوركقا ئەۋەتكەندىكى باھاسى 2 ھەسسىدىن 4 ھەسسىسىگىچە يېتىشى مۇمكىن.

ئامېرىكا 2016-يىلىلا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان، يېقىندا ئۇنىۋېرسال پوچتا ئىتتىپاقى تۈركىيەدە ئۆتكۈزگەن يىغىندىمۇ جۇڭگو بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئېتىبارلىق مۇئامىلىنى تەكشۈرىدىغانلىقى، توشۇش تەننەرخىدىكى ئادىل بولمىغان رىقابەتنى ئازايتىدىغانلىقىنى قارار قىلغان، ئەمما تىرامپ كۆپ تەرەپلىك ئورگانلارنىڭ ئىسلاھاتى ۋاقىت ئىسراپ قىلىدۇ دەپ قاراپ، ئامېرىكا بىۋاسىتە چېكىنىشنى يەنە بىر قېتىم تاللاپ، بۇ ئارقىلىق كۆپ تەرەپلىك ئورگانلار ئىسلاھاتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە مەجبۇرلىغان.

ئۇنىۋېرسال پوچتا ئىتتىپاقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەخسۇس ئورگىنى بولۇپ، ئاساسلىق ۋەزىپىسى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا پوچتا ئالاقىسى، ئۇ 1874-يىلى قۇرۇلغان، باش ئىشتابى شىۋىتسارىيەنىڭ بونىردا تەسىس قىلىنغان.

 

مەنبە: cn.rfi.fr/政治/20181017-美国宣布即日起启动退出万国邮政联盟程序?ref=fb_i

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

ب د ت دا كەڭ كۆلەملىك «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» نامايىش ئېلىپ بېرىش چاقىرىقى

چا ئۆكتەبىر 17 , 2018
ئەزىز ۋەتەنداشلار، 2018 – يىلى 4 – ئاينىڭ 27 – كۈنى دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىن يىغىلغان مىڭلىغان ئۇيغۇرلار ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، جازا لاگىرلىرىغا ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان تۈرلۈك زۇلۇم سىياسەتلىرىگە قارشى نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلىگەن، بۇ ئارقىلىق ياۋرۇپا پارلامېنتى ۋە ياۋرۇپا كومىسيونى ھەمدە دۇنيا جامائىتىنىڭ كۈچلىك دىققىتىگە سازاۋەر […]

You May Like