ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پۇقرالارغا مىليونلىغان خىتايدا ئىشلەنگەن ۋىرۇس تەكشۈرگۈچنى ئەۋەتمەكتە

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پۇقرالارغا مىليونلىغان خىتايدا ئىشلەنگەن ۋىرۇس تەكشۈرگۈچنى ئەۋەتمەكتە

تۇرسۇنجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 8-فېۋرال،2022-يىلى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پۇقرالارغا ھەقسىز تەمىنلىگەن ۋىرۇس تەكشۈرگۈچنىڭ خىتايدا ئىشلەنگەنلىكى نۇرغۇن كىشىلەرنى بىئارام قىلماقتا.

يېقىندا پۇقرالارغا ئەۋەتىلگەن تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى خىتايدا ئىشلەنگەن بولۇپ،نەچچە ئون مىليون ساندىكى بۇ ئۈسكۈنە يەنە خىتايغا نەچچە يۈز مىليون دوللارلىق كىرىم يارىتىدۇ.

خىتاينىڭ ئىقتىسادى تاجاۋۇزچىلىقى، ئامېرىكا بازارلىرىنى مونوپول قىلىۋالغانلىقى ھەققىدە سۆزلەۋاتقانلىقىغا ئون يىلدىن ئاشتى،ئەمما بۇ ھەقتە ھەقىقىي ھەرىكەت تېخى ئۈنۈمىنى كۆرسەتكىنى يوق. خىتاي ئامېرىكىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلدا 500 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مال ساتىدۇ.بۇ ئەڭ چوڭ سودا سوممىسى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئالاقىدار مەھسۇلاتلار چەكلەنگەن بولسىمۇ، بۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنىنىڭ ياخشى ئىجرا بولمىغانلىقى ھەققىدە ئىككى دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى پرېزىدېنت بايدىنغا خەت يازغان.

مارك رۇبىئۇ يېقىندا فوكس تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېگەن: « خىتاي مەھسۇلاتلىرى ئامېرىكا بازارلىرىنى قاپلاپ كەتتى،بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم مەھسۇلاتلىرىمىزنى خىتاي ‍ئىشلەۋاتىدۇ، بۇ بىزنىڭ مالىيە كۈچىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، خىزمەت مەسىلىمىز ئۈچۈنمۇ زىيانلىق، ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن خەتەرلىك .ئەگەر تىز سۈرئەتتە خىتايغا تايىنىشنى ئازايتمىساق، مۇستەقىل سىياسەت چىقىرالمايمىز.»

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

خىتاي ئولىمپىكى مەزگىلىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى يەنە قىزىق تېمىغا ئايلاندى

سە فېۋرال 8 , 2022
خىتاي ئولىمپىكى مەزگىلىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى يەنە قىزىق تېمىغا ئايلاندى

You May Like