ئامېرىكا خىتاي سۆھبىتىدە نېمىلەر مۇزاكىرە قىلىندى؟

ئامېرىكا- خىتاي مۇناسىۋەتلىرى

ئارمان 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 26-ئىيۇل

 

شۇ جاي ۋاقتى 26-ئىيۇل دۈشەنبە كۈنى خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋېندى شېرمان (Wendy Sherman) خانىم خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى (Wang Yi) ۋە مۇئاۋىن مىنىستىرى شىيېفىڭ (Xie Feng) بىلەن ئايرىم- ئايرىم ھالدا تيەنجىن شەھىرىدە كۆرۈشۈش سۆھبىتىدە بولدى. ئامېرىكا پرېزدىنتى جو بايدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىم خىتايغا بارغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى بۇ ئەمەلدارى خىتاي بىلەن زادى قانداق سۆھبەتلەردە بولدى؟

 

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا خىتاي تەرەپ تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتىغا يىغىنچاقلىغان ئاساستا ئۆزلىرىنىڭ تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان. بىرىنچىدىن: ئامېرىكا تەرەپ سۆز- ھەرىكەتلىرىدىكى شۇنداقلا ئىدىلوگىيە جەھەتلىرىدىكى خاتالىقلىرىنى تېزدىن توغرىلاش كېرەك. تەپسىلىي جەھەتتىن ئېيتقاندا: شەرتسىز ھالدا كومپارتىيە خادىملىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا قارىتا يۈرگۈزگەن ۋىزا چەكلىمىسىنى دەرھال بىكار قىلىش؛ خىتاي ئەمەلدارلىرى شۇنداقلا ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا يۈرگۈزگەن ئېمبارگو سىياسەتلىرىنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ خىتاي شىركەتلىرى، كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى، ۋە خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن تەكشۈرۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ ئامېرىكىدىكى خىتاي مېدىئالىرىغا قارىتىلغان ھەر تۈرلۈك چەكلىمە سىياسەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ ئامېرىكىنىڭ مىڭ ۋەن جۇ ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن شىكايەتلىرىنى پۈتۈنلەي بىكار قىلىش قاتارلىقلار. يەنە بىر نۇقتىدىن: خىتاي تەرەپ يۇقىرىدىكى تەلەپلىرىنى قويغاندىن سىرت يەنە ئامېرىكىدىكى خىتاي كونسۇللىرى شۇنداقلا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئاتالمىش » ھۇجۇم» لارغا ئۇچراۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا تەرەپتىن بۇلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

 

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋېندى شېرمان خانىم بۈگۈن بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتىكى ئۆزىنىڭ شۇنداقلا ئامېرىكا تەرەپنىڭ مەيدانىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: » بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش ئامېرىكا- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى جىددىيچىلىكنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم قەدەم، ئىككى تەرەپ ھازىرقى توقۇنۇشلۇقلارنى پەيدا قىلىۋاتقان بەزى نېگىزلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ باردۇق، شۇنداقلا ئامېرىكا تەرەپ كۆڭۈل بۆلىدىغان بەزى نۇقتىلارنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. مەسىلەن: خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى، خوڭكوڭ دېمۇكراتچىلىرىغا قارىتىلغان باستۇرۇشلار شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىقتىسادى كۈچىگە تايىنىپ تۇرۇپ بەزى دۆلەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان زومىگەرلىك سىياسەتلىرى، تەيۋەن ۋە جەنۇبى دېڭىز ئەتراپىدىكى كېڭەيمىچىلىك سىياسەتلىرى، ۋىرۇس مەنبەسىگە قارىتىلغان تەكشۈرۈشلەرگە بولغان قارشىلىقلار قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئەندىشىلىرىمىزنى تەكىتلەپ ئۆتتۇق». ئۇ يەنە ئامېرىكىنىڭ مەيدانىنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن: » ئامېرىكا رىقابەتلىشىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ، خىتاينىڭ تەرەققىياتى چوقۇم خەلقئارالىق ئەھدە نىزامنامىلەرگە بويسۇنغان ھالدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك، باشقا دۆلەتلەرنى بوزەك قىلماسلىقى كېرەك. كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى قانداقتۇر بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشى بولۇپ قالماستىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىدە ئىمزا قويۇلغان دۇنيا خاراكتېرلىك كېلىشىمنامىدۇر».

 

ئۇ يەنە خىتايدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئامېرىكا ۋە كانادا پۇقرالىرىنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

Uyghur Reporter

Next Post

ماراكەش ھۆكۈمىتى: ئىدرىس ھەسەن-خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقىغا ئاساسەن تۇتۇلغان

چا ئىيۇل 28 , 2021
ماراكەش دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى ئېلان قىلغان باياناتقا ئاساسلانغاندا،«ئىدىرىس ھەسەن خەلقئارالىق ساقچى تەشكىلاتىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقىغا ئاساسەن ئايرودۇرۇمدىلا تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، ئىدىرىس ھەسەن تېررورلۇق تەشكىلاتىغا چېتىشلىق گۇماندار ».

You May Like