ئامېرىكا -خىتاي سودا ئۇرۇشى تارىختىن بۇيانقى يۇقىرى پەللىسىگە چىقتى

2019-08-24
23-ئاۋغۇست خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدىن خىتايغا سېتىلىدىغان ماشىنا ۋە ماشىنا زاپچاسلىرى قاتارلىق 5078 خىل تاۋارلىرىغا قارىتا ئالدىغان 75 مىلياردلىق تاموژنا بېجىغا 10%، 5% جازا بېجى قوشۇپ ئالدىغانلىقىنى، بۇ قارارنىڭ 2019 – يىلى 1-سېنتەبىر ۋە 2019 – يىلى 1 – دېكابىر ئىككىگە بۆلۈپ ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تەييارلىغۇچى: ھىدايەتۇللاھ

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-08-24

23-ئاۋغۇست خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدىن خىتايغا سېتىلىدىغان ماشىنا ۋە ماشىنا زاپچاسلىرى قاتارلىق 5078 خىل تاۋارلىرىغا قارىتا ئالدىغان 75 مىلياردلىق تاموژنا بېجىغا 10%، 5% جازا بېجى قوشۇپ ئالدىغانلىقىنى، بۇ قارارنىڭ 2019 – يىلى  1-سېنتەبىر ۋە 2019 – يىلى 1 – دېكابىر ئىككىگە بۆلۈپ ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2019-يىلى 15—ئاۋغۇست ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايدىن ئامېرىكىغا سېتىلىدىغان تاۋارلىرىغا قۇيۇلىدىغان 300 مىليارد تاموژنا بېجىنى 10% جازا بېجى قويۇشنى قارار قىلىپ، بۇ قارارنىڭ 2019 – يىلى 1-سېنتەبىر ۋە 2019 – يىلى 1 – دېكابىر ئىككىگە بۆلۈپ ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

23- ئاۋغۇست خىتتاي مالىيە مىنىستىرلىقى ئورگان تورىدا ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارىنى تەنقىد قىلىپ: ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارى ئامېرىكا-خىتاي ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى سۈركىلىشنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىرىدۇ ۋە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئارگېنتىنا ۋە ئوساكادىكى ئۇچرىشىشىدا ئ‍ورتاق تونۇشقا كەلگەن قارارلىرىغا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ دەپ بايانات بەردى.

خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك قارارىغا تىرامپ ئامېرىكا شىركەتلىرىنى خىتايدىن چېكىنىپ چىقىشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپ قايتۇردى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئەرەبچە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە: خىتاي 23-ئاۋغۇست ئامېرىكا تاۋارلىرىغا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تاموژنا بېجى ئېلىش قارارىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىنلا، تىرامپ  ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى شىركەتلىرىگە خىتايدىن چېكىنىپ چىقىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن.

تىرامپ يەنە ئاشكارە بىزنىڭ خىتايغا ئېھتىياجىمىز يوق، ئۇلار بولمىسا بىز ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى،  يىللاردىن بېرى خىتاي بىزگە مىرليادلارچە زىيان سالدى ۋە ئەقلى ئەمگكىمىزنى ئوغۇرلاپ ئىشلەتتى، بىز چوقۇم ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىنى توسۇشىمىز كېرەك  دېگەن.

ئۇ يەنە خىتاي تاۋارلىرىدىن ئېلىنىۋاتقان 250 مىرلىيارد دوللار قىممىتىدىكى 25% تاموژنا بېجىنى 30% ئۆستۈرىدىغانلىقىنى، بۇ قارارنىڭ 2019-يىلى 1- ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

بۇ قارارلار ئېلان قىلغاندىن كېيىن خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتى چۈشۈشكە باشلىغان.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ھىرا ئانا تىل مەكتىپى ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسى 

شە ئاۋغۇست 24 , 2019
ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار «ھىرا»دىگەن ئىسىم تىلغا ئېلىنسا لوقمانجاننى ئەسكە ئالىدۇ. شۇنداق، لوقمانجان كىشىلەرنىڭ ئېسىدە قالغۇدەك ئىشلارنى قىلغان، قىلىۋاتقان بىر ياش. لوقمانجان ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە قاراپ پىيادە يولغا چىققان كارۋان ئارىسىدىكى ياشقا ئەڭ چوڭ 77 ياشلىق ئابدۇللا ئاكىنىڭ ئوغلى. يىگىت دادىدىن يىگىت ئوغلان چىقىدۇ.

You May Like