ئامېرىكا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق 5 مېدىيا ئورگىنىغا قارىتا يېڭى بەلگىلىمە چىقاردى

18-فېۋرال، ئامېرىكا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق 5 چوڭ مېدىيا ئورگىنىنىڭ ئامېرىكىدىكى تارماقلىرىغا «چەتئەل ئەلچىلىكى» گە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشقا باشلايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ خىزمەتچىلىرى ۋە ئامىرىكىدىكى مۈلۈكلىرىنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تىزىملىتىشى كېرەكلىكىنى ئېلان قىلدى.

  • ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
  • تەييارلىغۇچى: سەبرى
  • 2020-02-19

 

18-فېۋرال، ئامېرىكا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق 5 چوڭ مېدىيا ئورگىنىنىڭ ئامېرىكىدىكى تارماقلىرىغا «چەتئەل ئەلچىلىكى» گە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشقا باشلايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ خىزمەتچىلىرى ۋە ئامىرىكىدىكى مۈلۈكلىرىنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تىزىملىتىشى كېرەكلىكىنى ئېلان قىلدى.

 

بۇ بەش مېدىيا ئورگىنى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خىتاي خەلقئارا تىلىۋىزىيە قانىلى (CGTN)، خىتاي خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسى، خىتاي كۈندىلىك گېزىتى (China Daily)، خەلق گېزىتى خەلقئارا نۇسخىسىنىڭ ئامېرىكىدىكى باش ۋاكالەتچىسى خەيتىيەن تەرەققىيات شىركىتى قاتارلىقلار. بۇلارنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئورگىنىدىن خىزمەتچىلىرىنىڭ تىزىملىكى، ئىشقا ئېلىش، ئىشتىن بۇشۇتۇش قارارىنى چۇقۇم ئاشكارىلىشى، ئامرىكىدا ئىجارىگە ئالغان ياكى سېتىۋالغان ئۆي-جايلارنى ئامېىرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تىزىملىتىشى، ئۆي-جايلارنى ئىجارىگە ئېلىش ياكى سېتىۋېلىشتىن ئىلگىرى چۇقۇم تەستىق ئېلىشى تەلەپ قىلىنىدىكەن. بىر ئەمەلدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىلغان بۇ ئ‍ۇچۇرلارنى ئىستىخبارات ئورگىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەن ئورتاقلىشىدىكەن.

 

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىككى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قارار خىتاينىڭ مېدىياغا بولغان كونتروللىقىنى كۈچەيتكەنلىكى ۋە شى جىنپىڭنىڭ بولسا بۇ مېدىيا ئورگانلىرى ئارقىلىق كۈچەپ بېيجىڭنىڭ دېپىنى چالىدىغان تەشۋىقاتلارنى كەڭ تارقاتقانلىقى ئۈچۈن چىقىرىلغان. بىر ئەمەلدار مۇنداق دېدى: «تەشۋىقات مەزمۇنى ۋە تەھرىرلىككە بولغان كونتروللۇق شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كىيىن زور دەرىجىدە كۈچەيتىلدى. بۇ كىشىلەر ئەمەلىيەتتە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى تەشۋىقات ئورگىنىنىڭ ئامىرىكىدىكى ئادەملىرى.»

 

مەنبە: Reuters/美国之音 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ۋۇخەن ۋىرۇسىدا ئۇيغۇر كىرىزىسى

پە فېۋرال 20 , 2020
ۋۇخەن ۋىرۇسى(ئاڭلىسام خىتاي ئاتاشنى بۇنداق ياقتۇرمايدىكەن )توغرىسىدا بىر نەرسە يىزىشنى ئۈچ ھەپتىدىن بىرى ئويلىشىپ كەلگەن بولساممۇ، ۋاقتىمنىڭ ئالدىراشلىقى ۋە نېمىنى باش تېما قىلىشنى بىلىپ بولالماي ئۈچ ھەپتە ئۆتتى. ئارىلىقتا ۋىرۇس توغرىسىدا سۆزلىگەنلەر، يازغانلارمۇ كۆپ بولدى، دىيىشكە تىگىلشلىكى دىيىلدى، يىزىشىمنىڭ ھاجىتى يوقكەن دەپمۇ ئويلۇدۇم. بىراق ھەر كۈنى سەھەر، ئاخشامدا كاللامدىكى بۇ تۈگۈننى يىشىش ئۈچۈن كۆپلەپ ماتىرىيال ئىزدەشتىن توختىيالمىدىم، ئاخىرى ئۇچراتقان ماتىرىياللار ئاساسىدا بۇ يازمىنى تەييارلىدىم.

You May Like