ئامېرىكىدىكى خىتاي چاغىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 10 كىشى قازا قىلغان

ئامېرىكىدىكى خىتاي چاغىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 10 كىشى قازا قىلغان

  ئامېرىكىدىكى خىتاي چاغىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 10 كىشى قازا قىلغان

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 22-يانۋار

خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 21-يانۋار كەچ سائەت 10 ئەتراپىدا لوس ئانژېلېس شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى Monterey Park رايونىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان خىتايلارنىڭ چاغان بايرامنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 10  كىشى قازا قىلغان. 

خەۋەر قىلىنىشىچە، ۋەقە خىتايلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايوندىكى بىر كېچىلىك بەزمىخانىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، قاتىل ئاپتومات بىلەن بەزمىخانىدىكى كىشىلەرگە قاراپ ئوق چىقارغان. بەزى گۇۋاھچىلارنىڭ مۇخبىرغا دېيىشىچە قاتىلنىڭ خىتاي بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.

لوس ئانژېلېس ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قاتىل ۋەقە سادىر قىلغاندىن كېيىن  قېچىپ كەتكەن بولۇپ،ھازىرچە تېخى تۇتۇلمىغان.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

«فىرانسىيەدە ياشاش ۋە ئىگىلىك تىكلەش توغرىسىدا قېرىنداشلار سۆھبىتى» نامىدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

يە يانۋار 22 , 2023
«فىرانسىيەدە ياشاش ۋە ئىگىلىك تىكلەش توغرىسىدا قېرىنداشلار سۆھبىتى» نامىدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

You May Like