ئامېرىكا خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومېتىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى باياناتى

ئامېرىكا خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومېتىتى:ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان كۈنسايىن ئېشىۋاتقان زۇلۇمغا چوڭقۇر ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

<<ختتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان چەكلىمىلىرى -قورشاۋغا ئىلىنغان دىنى ۋە ئېتنىك ئاز سانلىق مىللەتنى ئاسسلماتسيە قىلىشقا ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەتتۇر>>.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئۈچۈن تەرجىمە قىلغۇچى:تايىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

جىددى تارقىتىلىدۇ ،

2018-يىلى ،14-ماي .

ئامېرىكا خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومېتىتى:ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان كۈنسايىن ئېشىۋاتقان زۇلۇمغا چوڭقۇر ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

<<ختتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان چەكلىمىلىرى -قورشاۋغا ئىلىنغان دىنى ۋە ئېتنىك ئاز سانلىق مىللەتنى ئاسسلماتسيە قىلىشقا ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەتتۇر>>.

ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونى،—ئامېرىكا خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومېتىتى ختتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان كۈنسايىن ئېشىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى ئەيىپلەيدۇ.

كۆپچىلىك ئاھالىسى ئۇيغۇرلار بولغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بارغانسرى ساقچى دۆلىتىگە ئوخشىماقتا.

ختتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارغانسرى يامانلىشىۋاتقان سىياسەتلىرى ۋە شەخسلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغىچە ئارلىشىدىغان بىخەتەرلىك كونتۇرۇللىقى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاساسى ھەق-تەلەپ ھوقۇقلىرى ،ئىنسانى ھوقۇقلىرىنى رەت قىلىپ،ئۇلارنىڭ دىنى ئىباەتلەرنى ئىجرا قىلىشغا ئارلاشماقتا ،2018-يىلى 15-مايدا باشلىنىدىغان مۇقەددەس رامىزان ئېيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىنى ئىبادەتلىرىگە دەخلى-تەرۈز قىلماقتا.

<<ختتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان چەكلىمىلىرى -قورشاۋغا ئىلىنغان دىنى ۋە ئېتنىك ئاز سانلىق مىللەتنى ئاسسلماتسيە قىلىشقا ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەتتۇر>>دەيدۇ ئامېرىكا خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومېتىتى رەئىسى دانيال مارك .<<كوممۇنىست پارتىيە كادىرلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە يەرلەشتۈرۈش،ساناقسىز بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى قانۇن سرتىدا <<قايتا تەربىيە لاگىرلىرى>>غا قاماش ئارقىلىق ختتاي ھۆكۈمىتى شنجاڭدا  پەقەت قورقۇنچ،گۇمان،ئىشەنچسىزلىك مەدەنىيتىنى ياراتتى .ئەمەلىيەتتە،ھۆكۈمەتنىڭ قىلمىشلىرى ئۆز تۇرمۇشنى خاتىرجەم ياشاپ ،دىنى ئېتىقادىغا ئەمەل قىلىپ كىلىۋاتقان  پۈتۈن بىر جەمئىيەتنى ۋەيران قىلىشتىن ئىبارەتتۇر>>.

ئۇزۇندىن بىرى ،ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ رامىزان ئايلىرىدا دېنى ئىبادەتلىرىنى چەكلەش -ئۇيغۇرلارنى روزا تۇتۇش ۋە ناماز ئوقۇشىنى چەكلەش-تىن باشقا يەنە ،ختتاي ھۆكۈمىتى قوراللىق تەكشۈرۈش پونكىتلىرى ،يۈز ۋە كۆز پەرقلەندۈرۈش يۇمشاق دىتاللىرى  ،يان تېلىفۇننى نازارەت قىلىش قاتارلىق شەخسكە قارىتىلغان  ھەم ئىلغار تېخنىكىلارغا تايانغان كۆپ تەرەپلىك نازارەت قارمىقىنى يولغا قويدى.ختتاي ھۆكۈمىتى يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشنى چەكلەش ئۈچۈن،مەكتەپلەردىن  ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەش،بالىلارنىڭ مەسچىتلەرگە بىرىشنى مەنئى قىلىش ،مۇسۇلمانچە ئىسىملارنى <<رادىكال>>دەپ قارا تىزىملىككە كىرگۈزۇش سياسەتلىرىنى ئىجرا قىلماقتا.

ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى داۋاملىق ئادىل بولمىغان سوت ھۆكۈملىرىگە،تۈرمىلەردە زوراۋانلارچە مۇئامىلىگە دۇچار بولماقتا.

ئۆتكەن يىلى،ئامېرىكا خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومېتىتى مۇئاۋىن رەئىسى ساندىرا جوللى <<مەزكۇر كومېتىتىنىڭ <<دىنى مەھبۇسلار ۋىجدان پىروجىكتى >>تۈرى بويىچە ،ئۇيغۇر مۇسۇلمان گۈلمىرە ئىمىن ھەققىدە دەۋاگەرلىك خىزمىتى ئىشلىگەن بولۇپ،2010-يىلى خىتايدىكى بىر سوت مەھكىمىسى گۈلمىرە خانىمغا ئۇ ئىنكار قىلىۋاتقان ئەيىبلەش- 2009-يىلى ئىيۇلدىكى ئۈرۈمچى نامايىشنى تەشكىللەش دىگەن ئەيىلەش بويىچە ،مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانىدى.

رەئىس مارك مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ :

<<ئامېرىكا خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومېتىتى ئامېرىكا تاشقى ئشلار منتىسرلىكىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا خاتا مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىغا دىققەت بىرىشكە چاقىرىدۇ ۋە پۈتۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى دىنى ئەركىنلىك ھوقۇقىغا دەخلى تەرۈز قىلىشقا چېتىشلىق خىتاينىڭ رايون ۋە دۆلەت ئەمەلدارلىرى ۋە ئاپپاراتلىرىنى جازالىشىغا كۈچلۈك ئىلھام بىرىدۇ>>

يەرشارى ماگېنتسكى ئىنسانى ھوقۇق مەسئۇلىيەت قانۇنى،خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك قانۇنى ۋە باشقا نشانلىق ۋاستىلەر ھۆكۈمىتىمىزگە مەزكۇر دەپسەندىچىلىككە قارشى كۆرەش قىلىش ھوقۇقى ۋە ئىقتىدارىنى بىرىدۇ،شۇڭا بىز بۇ ئۇسۇللارنى قوللىنىشىمىز كىرەك .>>

2017-يىلى ئامېرىكا تاشقى ئشلار منىستىرلىكى خىتايدىكى دىنى ئەركىنلىكنى   ئىزچىل  سېتىلمىلىق ۋە ئاشكارا دەپسەندە قىلىشقا يول قويغانلىقى ئۈچۈن 1998-يىلى تۈزۈپ ئىلان قىلىنغان <<خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك قانۇنى >>غا ئاساسەن خىتاينى  <<ئالاھىدە ئەندىشە قوزغايدىغان دۆلەت >>دەپ ئىلان قىلدى ، ئامېرىكا خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومېتىتى تاشقى ئشلار منستىرلىكىنىمۇ 2018-يىلىمۇ شۇنداق ئىلان قىلىشقا تەۋسىيە قىلىمىز.

خىتاي 1999-يىلىدىن بىرى ئىزچىل <<ئالاھىدە ئەندىشە قوزغايدىغان دۆلەت >>دەپ ئىلان قىلىنىپ كەلمەكتە.

تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر ئۈچۈن ،ئامېرىكا خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومېتىتى نىڭ 2018-يىللىق دوكلاتى ختتاي بابىنى كۆرۈڭ !

قوشۇمچە :

ئامېرىكا خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومېتىتى -بىر مۇستەقىل،بىتەرەپ بولغان ئامېرىكا فېدېرال ھۆكۈمىتى كومېتىتى بولۇپ،دۇنيادىكى ئوخشاش تۈردىكى كومتىتىلار ئىچىدىكى تۇنجى بىرىدۇ.ئامېرىكا خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومتىتى دىنى ئەركىنلىك دەپسەندىچىلىكىكىگە ئائىت ئەھۋاللار ۋە پاكىتلارنى تەكشۇرۇپ ،ئامېرىكا پرىزدېنتى ،تاشقى ئشلار منىستىرلىكى ۋە دۆلەت مەجلىسىگە ئالاقىدار سياسى مەسلىھەت بىرىدۇ.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومېتىتى خادىملىرى ئامېرىكا پرىزدىنتى ۋە دۆلەت مەجلىسدىكى ئىككى پارتىيە رەھبەرلىرى تەرىپىدىن تەيىنلىنىدۇ.

<<مەزكۇر يازما ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ رۇخسىتى ۋە ھاۋالىسى بىلەن تەرجىمىگە تەييارلاۋاتقان يۈرۈشلۈك ھۆججەتلەرنىڭ بىر قسىمى بولۇپ،ئورۇنلارنىڭ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىش،ئېلېكتىرونلۇق ياكى باسما كىتاب قىلىش،ئاۋازلىق قىلىپ ئوقۇشى بىرەك سۇرۇشتۇرۇلىدۇ.>>

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان ئامېرىكا تېخنىكىسنى سېتىشنى چەكلەش ھەققىدىكى خېتى

يە ماي 20 , 2018
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان ئامېرىكا تېخنىكىسنى سېتىشنى چەكلەش ھەققىدىكى خېتى

You May Like