ئامېرىكا خەلىقئارا دىننى ئەركىنلىك كومىتىتى دىلشات پەرھات ئاتاماننىڭ تىز قويۇلۇپ بېرىلىشىنى تەشەببۇس قىلدى

7 -ئاينىڭ 2-كۈنى ئامېرىكا خەلىقئارا دىننى ئەركىنلىك كومىتىتى دىلشات پەرھات ئاتاماننىڭ تىزدىن قويۇلۇپ بېرلىشى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

تەييارلىغۇچى: سايئوغلى

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

2019.07.02

 

7 –ئاينىڭ 2-كۈنى ئامېرىكا خەلىقئارا دىننى ئەركىنلىك كومىتىتى دىلشات پەرھات ئاتاماننىڭ تىزدىن قويۇلۇپ بېرلىشى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

دىلشات پەرھات ئاتامان  «دىيارىم » تور بىكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپ 2009- يىلى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە 27 يېشىدا تۇتۇلغان بولۇپ بەش يىللىق قاماق جازاسىدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن.  2018 ـ يىلى ئىيۇندا سەۋەپسىز قايتا تۇتۇلغان.

دىلشات پەرھات ئاتامان خىتاي ھۈكۈمىتى تەرپىدىن جازا لاگىرلىغا سولانغان مىلىيۇنلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ بىرىدۇر .

ئامېرىكا خەلىقئارا دىننى ئەركىنلىك كومىتىتىدىن تېنزىن دورجى گۈلمىرە ئىمىن ئۈچۈنمۇ  بايانات بەردى.

گۈلمىرە ئىمىن بىر تور بىكەت قۇرغۇچىسى بولۇپ 10يىل بورۇن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

تېنزىن دورجى خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ جازا لاگىرىنى توختۇتۇشقا ۋە تۇتقۇنلارنى خورلاشنى توختۇتۇش چاقىرقىنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ كومىتىتىنىڭ 2019-يىللىق دوكىلاتىدا ئامېرىكا ھۈكۈمىتىنىڭ ماگېنىسكى قانۇننى يۈرگۈزۈشنى چاقىرىق قىلغان .

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

سۈرىيەدە ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن جىھادچى : قەلبىم ئۆلگەن ئىدى

چا ئىيۇل 3 , 2019
•خىتايدىن تۈركىيەگە، تۈركىيەدىن سۈرىيەگە كىرىش

You May Like