ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئىشلەتكەن شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىدى

ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئىشلەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان-ت.) ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش شىركىتى (XPCC) نىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىدى.

يەلكىن
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 3- دېكابىر

 

ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئىشلەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان-ت.) ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش شىركىتى (XPCC) نىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىدى.

 

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكىنىڭ بارلىق ئامېرىكا پورتلىرىدىكى خادىملارغا XPCC دىن كەلگەن پاختا مەھسۇلاتلىرىنى يىغىۋېلىش يوليورۇقى بەرگەن.

 

باياناتتا «تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارەسىغا باغلىق سودا ئىدارىسى XPCC نىڭ <قولغا ئېلىنغان كىشىلەرنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش سەپسەتىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەجبۇرىي ئىشلېتىش ئۇسۇللىرى> بىلەن پاختا مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپ چىقىرىلىغانغانلىقى ھەققىدە، ئىشەنچلىك مەلۇماتلار بولغانلىقى ئۈچۈن، تاموژنىدىن ئۆتۈشىنى توختىتىش بۇيرۇقى (WRO) بېرىلدى، دېيىلدى.

 

ئېلان قىلىنغان بۇيرۇقىنىڭ پۈتۈنلەي ياكى بىر قىسمى بولغان، XPCC ۋە ئۇنىڭ تارماق شرىكەتلىرى، شۇنداقلا ئىچكى قۇرۇلۇشلىرى تەرىپىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باياناتتا: «XPCC نىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرىغا قويۇلغان بۇ WRO تۈزۈمى، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان-ت.) دا ئىشچىلارنى مەجبۇرىي ئىشلىتىپ ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارغا دائىر يېقىنى ئۈچ ئايدا يولغا قويغان ئالتىنچى قېتىملىق چەكلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.» دەپ بايان قىلىندى.

 

ئامېرىكا ئۇيغۇرلار بىلەن باشقا ئېتنىك ۋە دىنىي ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارشى زۇلۇمنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، ئامېرىكا شىركەتلىرىنى بۇ رايوندا تىجارەت قىلىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىدىن مەھسۇلات ئالماسلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

 

ئۆتكەن ئايلاردا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن ئامېرىكىغا پاختا ۋە پەمىدۇر ئىمپورت قىلىشنى چەكلەشنى پىلانلىغانلىقى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئەمما بەزى مىنىستىرلارنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن، بۇ چەكلەش پەقەت مەلۇم شىركەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىلىپ يېڭىدىن پىلانلانغان ئىدى.

 

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى ئۆتكەن ئايلاردا خىتاينىڭ پاختىنىڭ %30 نى ئىشلەپ چىقارغان خىتاي ھەربىي قىسىملىرى يېقىن مۇناسىۋىتى بولغان XPCC بىلەن بىۋاستە تىجارەت قىلىشنى چەكلىگەن ئىدى.

 

مەنبە: تۈركىيە ئاناتولىيە ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 3- دېكابىر

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

دوكتۇر ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ئىككى ئۇنۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە لېكسىيە بەردى

جۈ دېكابىر 4 , 2020
4- دېكابىر دوكتۇر ئابدۈشۈكۈر ئابدۇرېشىت شۋېتسارىيەنىڭ لوزان ئۇنۋېرسىتېتى ۋە جەنۋە ئۇنۋېرىسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە لېكسىيە بەردى.

You May Like