ئامېرىكا پىرىزدىنىتى تىرامپنىڭ رامىزانلىق تەبرىك سۆزى

‎بۇگۇن كەچلىك ئاينىڭ چېقىشى بىلەن تەڭ ،مەن ‎ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە دۇنيا بويلاپ رامىزان تۇتۇۋاتقان بارلىق مۇسۇلمانلارغا سالام يوللايمەن ۋە گۇزەل تىلەكلەرنى تىلەيمەن ؛ ‎رامىزان ئىيى مەزگىلىدە مۇسۇلمانلار ئىبادەت ۋە دۇئالىرى بىلەن قۇرئان كەرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھسالامغا نازىل بولغانلىقىنى تەبرىكلەيدۇ

‎بۇگۇن كەچلىك ئاينىڭ چېقىشى بىلەن تەڭ ،مەن ‎ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە دۇنيا بويلاپ رامىزان تۇتۇۋاتقان بارلىق مۇسۇلمانلارغا سالام يوللايمەن ۋە گۇزەل تىلەكلەرنى تىلەيمەن ؛ ‎رامىزان ئىيى مەزگىلىدە مۇسۇلمانلار ئىبادەت ۋە دۇئالىرى بىلەن قۇرئان كەرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھسالامغا نازىل بولغانلىقىنى تەبرىكلەيدۇ ؛نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمانلار بۇ ئاينى روزا تۇتۇش ، سەدىقە -ساخاۋەت قىلىش ،دۇئا -تىلاۋەت قىلىش ،قۇرئانى كەرىمنى ئوقۇش بىلەن خاتىرلەيدۇ. ‎رامىزان ئىيى كىشلەرنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە خۇدا ئاتا قىلغان نۇرغۇن ياخشىلىقلارغا مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنى يېڭىلاشنى مەقسەت قىلغان ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىدىغان بىر ۋاقىتتۇر! ‎بۇنداق مىننەتدارلىق ۋە ئويلىنىش روھى ئىچىدە رامىزان تۇتۇۋاتقان كىشلەر بىزنىڭ جامائەتلىرىمىزنى كۈچەيتەلەيدۇ ،مۇھتاج كىشلەرگە ياردەم قىلىدۇ ،پاك ھاياتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئۈلگە تىكلەپ بىرەلەيدۇ ؛ ‎رامىزان بىزگە مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكىلىقلارنىڭ دىنى ھايات مەزمۇنىغا قانچىلىك مول مەزمۇن قوشقانلىقىنى ئېسمىزگە سالىدۇ ؛

‎ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا ،بىز ھەمىمىز دىنى ئەركىنلىكنى ھېمايە قىلىدىغان ،دىنى ئىبادەتلەرنى ھۈرمەت قىلىدىغان بىر ئاساسى قانۇنغا مۇيەسسەر بولۇپ ياشاپ تۇرۇپتىمىز ؛بىزنىڭ ئاساسى قانۇنىمىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ۋىجدانى تەشەببۇسى بويىچە ھۆكۈمەتنىڭ دەخلىسى بولماستىن روزا تۇتۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ ،ئاساسى قانۇنىمىز يەنە بۇ ئارقىلىق بارلىق ئامېرىكىلىقلار ئۈچۈن ،ئنسان روھىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش ئۇچۇن ئوخشمىغان پۇرسەتلەر بىلەنمۇ تەمىن ئېتىدۇ ؛نۇرغۇن كىشلەر رامىزاننى قۇتلۇقلاش ئۈچۈن جەم بولدى ،مىلانىيا بىلەن مەن سلەرگە قوشۇلۇپ بىر مۇبارەك ئاي بولۇشىنى ئۇمىد قىلىمىز ،رامىزان مۇبارەك ! 2018.يىلى 15.ماي . ئۇيغۇر ئاگىنىتلىقى ئۈچۈن تەرجىمە قىلغۇچى تاھىر ئىمىن

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئامېرىكا خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومېتىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى باياناتى

جۈ ماي 18 , 2018
ئامېرىكا خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومېتىتى:ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان كۈنسايىن ئېشىۋاتقان زۇلۇمغا چوڭقۇر ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. <<ختتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان چەكلىمىلىرى -قورشاۋغا ئىلىنغان دىنى ۋە ئېتنىك ئاز سانلىق مىللەتنى ئاسسلماتسيە قىلىشقا ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەتتۇر>>.

You May Like