جەللى ئابدۇلمەلىك
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 6- فېۋرال
مۇز قاتلىمىنىڭ ۋە مۇز تاغلىرىنىڭ ئازىيىشى بىلەن شىمالىي قۇتۇپتىكى پائالىيىتچىلەر تەدرىجى كۆپىيىپ، كىشىلەرنىڭ بۇ رايوننىڭ كەلگۈسىگە بولغان قىزىقىشى ۋە ئەندىشىسىنى قوزغىدى.
ئامىرىكا قوشما شىتاتلىرى ئالياسكا شىتاتى سەۋەبلىك شىمالىي قۇتۇپ دۆلىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندا مۇھىم پايدا-مەنپەئەتلىرى بار. شىمالىي قۇتۇپتىكى باشقا يەتتە دۆلەت: كانادا، ئىسلاندىيە، نورۋېگىيە، شۋىتسىيە، فىنلاندىيە، دانىيە (گرېنلاندىيە) ۋە رۇسىيە.
شىمالىي قۇتۇپ كېڭىشى 1996- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، شىمالىي قۇتۇپتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان ئالدىنقى قاتاردىكى خەلقئارالىق مۇنبەر. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دېڭىز-ئوكيان قانۇنى ئەھدىنامىسى (UNCLOS) غا ئاساسەن، شىمالدىكى دېڭىز-ئوكيانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دېڭىز-ئوكيانلارغا مۇناسىۋەتلىك، ئەتراپلىق قانۇن-تۈزۈمى ئورناتتى.
ئۆتكەن ئون يىلدا شىمالىي قۇتۇپ مۇزلۇقلىرىنىڭ رېكورت سەۋىيەدە ئېرىشى، يەرشارى كېلىمات ئۆزگىرىشگە ۋە ئىلمىي، سىياسىي كۆز قاراشلارنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى.
شىمالىي قۇتۇپنىڭ گېئوپولىتىكىلىق مۇھىتى يېڭى چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتىنىڭ تەسىرىگە كۆرۈنەرلىك ئۇچرىدى. گەرچە شىمالىي قۇتۇپ مەسىلىسىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىق داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ رايون ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى گېئوپولىتىكىلىق رىقابەت دەپ قارالماقتا.
رۇسىيە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىمالىي قۇتۇپتىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقى ۋە ھەرىكىتىنى كۆپەيتتى. ئامېرىكا، كانادا ۋە سكاندىناۋىيە دۆلەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئۇ رايوندىكى ھەرىكىتى بىلەن ئىنكاس قايتۇردى.
خىتاينىڭ شىمالىي قۇتۇپتىكى دىپلوماتىك، ئىقتىسادىي ۋە ئىلمىي پائالىيەتلىرىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشى شىمالىي قۇتۇپ دۆلەتلىرى ۋە باشقا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەندىشىسىگە ئايلانماقتا.