ئامېرىكا كونگىرەس خىتاي ئىشلىرى كومېتىتىنىڭ 23 – ئىيۇل خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا يازغان ئوچۇق خېتى:

ئامېرىكا كونگىرەس خىتاي ئىشلىرى كومېتىتىنىڭ 23 – ئىيۇل خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا يازغان ئوچۇق خېتى:

 

«ئۇيغۇرلار يۈزلىنىۋاتقان ئېرقىي قىرغىنچىلىق سەۋەبىدىن، كېلەر يىلى فېۋرالدا ئۆتكۈزىلىدىغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى كېچىكتۈرۈشنى ۋە باشقا جايغا يۆتكەپ ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىمىز …

كومېتىتىمىزنىڭ سابىق رەئىسى ماركو روبىئو 2018- يىلى ئۆكتەبىردە سىلەرگە خەت يوللاپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى ۋاستە قىلىپ، شىنجاڭدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىتايغا بېسىم قىلىشىڭلارنى تەلەپ قىلغانىدى. تا بۈگۈنگىچە جاۋابىڭلارنى كۆرمىدۇق.

كۆرۈۋاتقىنىمىزدەك، توكيو ئولىمپىكى كېچىكتۈرۈلدى. ئەگەر ئولىمپىكنى ۋابا سەۋەپىدىن بىر يىل كېچىكتۈرۈشكە بولىدىكەن، ئۇنداقتا ئېرقىي قىرغىنچىلىق سەۋەبىدىنمۇ بىر يىل كېچىكتۈرۈشكە بولىدۇ.

بېيجىڭ ئولىمپىكى تەنھەرىكەتچىلەرنى ئۆز ۋىجدانى ۋە نام – شەرىپى بىلەن ئۆز كەسپى ھاياتى ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدىغان بىر قىيىن ئەھۋالغا قويىدۇ. بۇ ئۇلار ئۈچۈن بىر ئادالەتسىزلىك».

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەكرەم ئىلىك

 

Uyghur Reporter

Next Post

يەھۇدى ساخاۋەتچى ئەنگىلىيەدىكى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختات»تەشكىلاتىغا 125 مىڭ دوللار ئىئانە قىلدى.

دۈ ئاۋغۇست 2 , 2021
ئ‍سرائىلىيە ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، ئەنگىلىيە يەھۇدى ساخاۋەت تەشكىلاتى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختات»ناملىق ئۇيغۇر تەشكىلاتىغا 125 مىڭ دوللار (90مىڭ فوندى ستېرلىڭ)ياردەم قىلغان. ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختات تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە دىرىكتورى رەھىمە ماھمۇت مۇنداق دىگەن:

You May Like