ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئۇيغۇر قانۇن لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇشقا تەييارلانماقتا

ئامېرىكا ، خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە قارشى مەۋقەسىنى قاتتىقلاشتۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ. كېڭەش پالاتاسى جۇمھۇرىيەتچى كۆپلۈك رەھبىرى مىچ مەكانىل ، ترامپ ھۆكۈمىتىگە بۇ ھەقتە چاقىرىق قىلغان بىر قانۇن لايىھەسىنىڭ يېقىندا تەستىقتىن ئۆتۈشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا ئاۋازى تۈركچە تورى

 

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2020.يىلى 7.ماي

 

تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇسالام ئۇيغۇر ۋولقانىي

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

2020-05-07

 

ئامېرىكا ، خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە قارشى مەۋقەسىنى  قاتتىقلاشتۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ. كېڭەش پالاتاسى جۇمھۇرىيەتچى كۆپلۈك رەھبىرى مىچ مەكانىل ، ترامپ ھۆكۈمىتىگە بۇ ھەقتە چاقىرىق قىلغان بىر قانۇن لايىھەسىنىڭ يېقىندا تەستىقتىن ئۆتۈشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.  

 

مىچ مەكانىل ، جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبيو سۇنغان ھەر ئىككى پارتىيەدىن قوللاشقا ئېرىشكەن بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ، پرېزىدېنت دونالد ترامپقا، “بېسىم سىياسىتىنىڭ جاۋاپكارلىرىغا قارشى نىشانغا دائىر جازالارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى “ ھەققىدە چاقىرىق قىلغانلىقىنى قەيىت قىلدى. 

 

كېڭەش پالاتاسى ئومۇمىي مەجلىسىگە خىتاپ قىلغان  جۇمھۇرىيەتچى مەكانىل ، “ كېڭەش پالاتاسىنىڭ پات يېقىندا پالاتا ئەزاسى رۇبيو’نىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھۇقۇقلىرى سىياسىتى قانۇنىنى  تەستىقتىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قەدەم بېسىشىنى كۈتۈۋاتىمەن “ دېدى.

 

Mitch McConnell

 

رۇبيونىڭ قوشۇنىدىن بېرىلگەن باياناتتىمۇ لاھىيەنىڭ ئورتاق ئاۋاز بىلەن پات يېقىندا تەستىقتىن ئۆتۈشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقلىرى بىلدۈرۈلدى بىراق ئېنىق كۈن بېكىتىلمىدى. ئۈشبۇ قانۇن لايىھەسى پەقەت ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس خىتايدىكى پۈتۈن مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

 

رويتېرس ئاگېنتلىقىغا ئۇچۇر بەرگەن بىر مەنبەگە ئاساسلانغاندا ، ئاۋازغا قويۇش كېلەر ھەپتە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن ئەمما كېچىكتۈرۈلۈش ئېھتىمالىمۇ بار ئىكەن. 

 

بېيجىڭ  بولسا ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان قانۇن لايىھەلىرىنى قوبۇل قىلىش تەشەببۇسلىرىنى، ئامېرىكىنىڭ يامان نىيەتلىك ھۇجۇمى ۋە خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالغانلىق دەپ باھالىماقتا. 

 

ئامېرىكا ۋەكىللەر مەجلىسى بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان بېسىم سىياسەتلىرى تۈپەيلىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلارغا جازا ئىجرا قىلىنىشى نىشانلانغان قانۇن لايىھەسىنى قوبۇل قىلغانىدى. 

 

قانۇن لايىھەسى كېڭەش پالاتاسىدىمۇ قوبۇل قىلىنغان ئەھۋالدا ، بولغۇسى پەرقلەر ئۈستىدە بىرلىككە كېلىشى ئۈچۈن ۋەكىللەر مەجلىسىگە قايتا يوللىنىدۇ. ئاخىرقى ئاۋازغا قويۇشتىن كېيىن ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى ئۈچۈن پرېزىدېنت دونالد ترامپ’نىڭ ئىمزالىشىغا سۇنۇلىدۇ. 

 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ شىنجاڭ رايونىدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە. 

 

خىتاي بولسا لاگېرلارنىڭ تەربىيەلەش مەقسەت قىلىنغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارغا ناچار مۇئامىلە قىلمىغانلىقلىرىنى بايان قىلىشماقتا.

 

ئەسلىي مەنبە: https://www.amerikaninsesi.com/a/abd-senatosu-uygur-tasarisini-oylamaya-hazirlaniyor/5410618.html

UT-Uyghur Reporter 13

Next Post

”خىتاينىڭ ياۋايى غەربى“ - كرىستىئان تايلېر

سە ماي 12 , 2020
1949- يىلى 20- ئۆكتەبىر ئاتالمىش «خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسى» نىڭ تۇنجى قوشۇنى ئۈرۈمچىگە كىرگەندە، يەرلىك خەلقلەر مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا بىرئاز خۇرسەن بولغان ئىدى.

You May Like