ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئافراسياپ
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 19- يانۋار

چاقماق خەۋەر: ئامېرىكا دۆلىتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

        پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆزى ئامېرىكىغا تىكىلىپ تۇرىۋاتقان تارىخىي پەيتلەردە، ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈرىدىغان خەۋەردىن بىرسى كەلدى.

        ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى مايىك پومپيۇ ئۆزىنىڭ رەسمىي تۋىتتېر ھېسابىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا شەرقىي تۈركىستانلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىدى. ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، پرېزىدېنت سايلىمى داۋالغۇشىدا تۇرىۋاتقان ئامېرىكىنىڭ سىياسىي يۈزلىنىشى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلمەكتە ئىدى. 20- يانۋار ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم ئۆزگىرىشلەردىن بىرى بولىدۇ. مەۋجۇت ھاكىمىيەت بېشىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە بۇ قېتىمقى سايلامدا غەلىبە قىلغاندەك كۆرۈنىۋاتقان دېموكراتچىلار ئوتتۇرىسدا ھەل قىلغۇچ قارار ئېلىنىدۇ. مۇشۇنداق تارىخىي مىنۇتلاردا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپيونىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى ئېتراپ قىلىشى ئۇيغۇرلارنى خۇشال قىلىپ قالماي، مەۋھۇم ئۈمىد تۇيغۇلىرىغا چۆمدۈردى.         ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپيو ئىشخانىسدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈنىدە، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇنتۇلماس تارىخى بىر جاكارنامە ئېلان قىلدى. ئۇ تۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتتا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: «مەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ شىنجاڭدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە باشقا ئېتنىك ۋە دىنىي ئاز سانلىقلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەن دەپ بېكىتىشنى قارار قىلدىم.»

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ئانتونى بېلىنكىن:«دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي سىياسىتى توغرا!»

چا يانۋار 20 , 2021
ۋاشىنگتون كېلىۋاتقان پرېزىدېنت بايدىننىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئانتونى بىلىنكىن پەيشەنبە كۈنى دۆلەت مەجلىسنىڭ ۋەزىپە مۇقىملاش گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنغا قاتنىشىدىكەن. ئۇنىڭ ئالدىن ئاشكارىلانغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ھېچقانداق ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى ئىدىيەلەرنى مونوپۇل قىلىش ھوقۇقى يوق.

You May Like