ئامېرىكا «ھاۋا بوشلۇقىنى ئېچىۋىتىش كېلىشىمى» دىن چېكىنىپ چىقتى

ئامېرىكا 22- نويابىر «ھاۋا بوشلۇقىنى ئېچىۋىتىش كېلىشىمى» (Open Skies Treaty) دىن رەسمىي چېكىنىپ چىققان بولۇپ، ترامپنىڭ تەختتىن چۈشۈش ئالدىدىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ب ب س، 2020- يىلى 29- نويابىر
تەرجىمىدە: بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 30- نويابىر

 

ئامېرىكا 22- نويابىر «ھاۋا بوشلۇقىنى ئېچىۋىتىش كېلىشىمى» (Open Skies Treaty) دىن رەسمىي چېكىنىپ چىققان بولۇپ، ترامپنىڭ تەختتىن چۈشۈش ئالدىدىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.

 

ئىتتىپاقداشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن ناھايىتى ئۈمىدسىزلەنگەن بولۇپ، كېلىشىمگە ئەزا بولمىغان خىتايمۇ ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جاۋ لىجيەن 23- چېسلا مۇخبىرلار يىغىنىدا: «ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەربىي ئىشەنچ ۋە ئاشكارىلىقنى بۇزۇپ، ئالاقىدار رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان سېلىپ، خەلقئارالىق قورال كونتروللۇق ۋە ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش مۇساپىسىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.» دېدى. ئۇ يەنە ئامېرىكىنىڭ «رۇسىيە قاتارلىق ئەھدىلەشكۈچى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سەمىمىيىتىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، دېئالوگ ئارقىلىق ئىختىلاپلارنى تۈگىتىش» نى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «ھە دېسىلا كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقىش بىر چوڭ دۆلەتتە بولۇشقا تېگىشلىك مۇئامىلە ۋە ئۇسۇل ئەمەس.» دەپ ئامېرىكىنى تەنقىد قىلدى.

 

«ھاۋا بوشلۇقىنى ئېچىۋىتىش كېلىشىمى» زادى قانداق كېلىشىم؟ خىتاي كېلىشىمگە ئىمزا قويمىغان دۆلەت تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىدۇ؟

 

«ھاۋا بوشلۇقىنى ئېچىۋىتىش كېلىشىمى» دېگەن نېمە؟

 

1992- يىلى 24- مارتتا ئىمزالانغان «ھاۋا بوشلۇقىنى ئېچىۋىتىش كېلىشىمى» ھەر بىر ئەھدىلەشكۈچى دۆلەت ھەربىي كۈچ ۋە پائالىيەتكە مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاش ئۈچۈن، 72 سائەت بۇرۇن قارشى تەرەپكە ئۇقتۇرۇپ قويۇپ، قارشى تەرەپنىڭ پۈتۈن زېمىنىدا قورالسىز رازۋېتكىلىق ئۇچۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇچۇش ۋەزىپىسى ئۆتەيدىغان ئايرۇپىلانغا چوقۇم زەمبىرەك، كۆرەشچى ئايرۇپىلان ۋە برونېۋىك قاتارلىق ھەربىي مۇئەسسەسەلەرنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان سېنزور ئورنىتىلىشى كېرەك.

 

گەرچە سۈنئىي ھەمراھ ئوخشاش، ھەتتا تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىيەلىسىمۇ، ئەھدىلەشكۈچى ھەممە دۆلەتلەرنىڭلا سۈنئىي ھەمراھ رازۋېتكا ئىقتىدارى يوق. بۇ كېلىشىمنىڭ مەقسىتى ئەھدىلەشكۈچى دۆلەتلەر ئارىسىدا ئۆزئارا ئۇچۇپ رازۋېتكا قىلىش، ئەھدىلەشكۈچى دۆلەتلەر ئارىسىدا ئىشەنچ ۋە تونۇش ھاسىل قىلىشتۇر.

 

بۇ كېلىشىم 1955- يىلى ئىيۇلدا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئېزىنخاۋېر (Eisenhower)  ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئارىسىدا قارشى تەرەپنىڭ زېمىن تەۋەلىكى ئاسمىنىدا رازۋېتكىلىق ئۇچۇشقا رۇخسەت قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىلا باشلانغان. موسكۋا ئەينى ۋاقىتتا بۇ تەكلىپ جاسوسلۇق ئۈچۈن كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدۇ دەپ قاراپ، رەت قىلغان ئىدى.

 

1989- يىلى مايدا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش بۇ تەكلىپنى قايتىدىن ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، سوۋېتنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى گورباچېۋنىڭ مۇئامىلىسى ئازراق بوشاپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ش ئا ئە ت (NATO) دۆلەتلىرى بىلەن سوۋېت باشچىلىقىدىكى ۋارشاۋا شەرتنامىسى دۆلەتلىرى 1990- يىلى فېۋرالدا بۇنى تۇنجى قېتىم مۇزاكىرە قىلغان.

 

1992- يىلى 24- مارت، رۇسىيە سوۋېتنىڭ ۋارسلىق قىلغۇچىسى بولۇش سۈپىتىدە ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن فىنلاندىيە پايتەختى خېلسىنكىدا «ھاۋا بوشلۇقىنى ئېچىۋىتىش كېلىشىمى» نى ئىمزالىغان. گەرچە ئامېرىكا، ئەنگىلىيە قاتارلىق ش ئا ئە ت دۆلەتلىرى ۋە بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىنىڭ پارلامېنتى بۇ كېلىشىمنى ناھايىتى تېزلا ماقۇللىغان بولسىمۇ، رۇسىيە دۆلەت دۇماسى پەقەت پۇتىن تەختكە چىققاندىن كېيىنلا ماقۇللىغان بولۇپ، 2002- يىلى 1- يانۋاردىن تارتىپ يولغا قويۇلغان.

 

بۇ كېلىشىمگە 34 دۆلەت ئىمزا قويغان بولۇپ، بۇلار ئامېرىكا، رۇسىيەدىن باشقا يەنە ئەنگىلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا قاتارلىق ش ئا ئە ت دۆلەتلىرى، بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە ۋارشاۋا شەرتنامىسى دۆلەتلىرى قاتارلىقلار.

 

«ھاۋا بوشلۇقىنى ئېچىۋىتىش كېلىشىمى» نىڭ مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى

 

كېلىشمگە ئاساسەن، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەر يىلى بەلگىلىك مىقداردىكى رازۋېتكىنى قوبۇل قىلىش مەجبۇرىيىتى بولۇپ، بۇ رازۋېتكا نورمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئوخشاشلا رازۋېتكا قىلغۇچى دۆلەتلەرنى ئوخشاش مىقداردا رازۋېتكا قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ.

 

رۇسىيە 2002- يىلى ئاۋغۇستتا تۇنجى قېتىملىق رازۋېتكىلىق ئۇچۇشنى باشلىغان بولۇپ، ئامېرىكا 2002- يىلى دېكابىردا باشلىغان. 2002- يىلىدىن 2019- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رازۋېتكىلىق ئۇچۇشى 1500 قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن.

 

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىدەك سۈنئىي ھەمراھ رازۋېتكا تېخنىكىسى بولغان دۆلەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، «ھاۋا بوشلۇقىنى ئېچىۋىتىش كېلىشىمى» نىڭ سىمۋوللۇق ئەھمىيىتى ئەمەلىي ئەھمىيىتىدىن چوڭ. شۇنداق بولسىمۇ، مەيلى سۈنئىي ھەمراھ رازۋېتكا تېخنىكىسى بولسۇن-بولمىسۇن، كېلىشىمدىكى ئىسمى جىسمىغا لايىق ئۆزئارا رازۋېتكا قىلىش – مەخپىي رازۋېتكا قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان جىددىيلىكتىن ساقلىنىپلا قالماستىن، يەنە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھەربىي ئاشكارىلىقىنى كۆرسىتىپ، دۈشمەنلىكنى يوقىتىپ، خاتا ھۆكۈمنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ھەربىي توقۇنۇشنىڭ خەتىرىنى ئازايتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بۇ كېلىشىم خەلقئارا ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش رامكىسى ئىچىدىكى مۇھىم تەشكىلىي قىسىم دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.

 

ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن بۇ كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقىدۇ؟

 

ئامېرىكا 2020- يىلى 22- ماي، رەسمىي ھالدا كېلىشىمنامىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە چېكىنىپ چىقىش قارارنامىسىنى ئۇقتۇرىدۇ. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ھاۋا بوشلۇقىنى ئېچىۋىتىش كېلىشىمى» نىڭ ئەزا دۆلىتى بولۇش ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئەمەس، ئەگەر رۇسىيە تەرەپ بۇ كېلىشىمنى قايتىدىن ئىجرا قىلمىسا، ئامېرىكا 6 ئايدىن كېيىن، يەنى 22- نويابىر بۇ كېلىشىمدىن رەسمىي چېكىنىپ چىقىدۇ.

 

6- ئىيۇل ئاۋسترىيە پايتەختى ۋيېنادا ئېچىلغان ۋىدېئو يىغىنىدا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى سىياسىتىگە مەسئۇل مۇئاۋىن ياردەمچى توماس دىنانو (Thomas Dinanno) ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى ھەرگىزمۇ يېنىكلىك قىلغانلىق ئەمەس، بەلكى «باشقا كېلىشىم تۈزگۈچى دۆلەتلەر بىلەن نەچچە ئايغا سوزۇلغان كەڭ كۆلەمدىكى پىكىرلىشىش، ھەر تەرەپلىمە ئويلىشىشتىن كېيىنكى قاراردۇر.» ئۇ يەنە رۇسىيەنى كېلىشىمدىكى ۋەدىلەرگە قايتا-قايتا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى، بۇلار:

 

  • «ئوتتۇرا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى» غا خىلاپلىق قىلىش؛
  • «خېلسىنكى كېلىشىمى» دىكى ۋەدىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، گرۇزىيە ۋە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش؛
  • «ياۋروپادىكى ئادەتتىكى قوراللىق كۈچلەر شەرتنامىسى» دا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشنى ۋاقىتلىق توختاتقانلىقىنى جاكارلاش؛
  • «ۋيېنا كېلىشىمى» نى تاللاپ تۇرۇپ ئىجرا قىلىش؛
  • ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر زېمىنىدا خىمىيىلىك قورال ئىشلىتىش؛
  • ساختا خەۋەر تارقىتىش قاتارلىق مۇقىملىقنى بۇزىدىغان ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش.

 

رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ ئەيىبلەشلىرىنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق دەپ رەت قىلدى.

 

ھەر ئىككى دۆلەت ئۆز قاراشلىرىنى ساقلاپ قالدى: ئامېرىكا رۇسىيەنى «ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەربىي ھازىرلىق كونترول رامكىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلشتا بىۋاستە مەسئۇلىيىتى بار.» دەپ تەنقىد قىلدى؛ رۇسىيە بولسا ئامېرىكىنىڭ كېلىشىمدىن چېكىنىشى «ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىگە پايدىسىز بولۇپلا قالماستىن، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگىمۇ پايدىسىز.» دەپ تەنقىد قىلدى.

 

خىتاي نېمىشقا بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلىدۇ؟

 

ئامېرىكىنىڭ بۇ كېلىشىمدىن چېكىنىشى ھەقىقەتەنمۇ ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان بولۇپ، گېرمانىيە ۋە فرانسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن ياۋروپا دۆلەتلىرى «ئىنتايىن ئەپسۇسلانغان» لىقىنى بىلدۈردى.

 

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئامېرىكا رەسمىي چېكىنگەندىن كېيىن بايانات بېرىپ، ئۆزىنىڭ بۇ كېلىشىمدىكى ۋەدىلىرىنى داۋاملىق ئادا قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. بىراق رۇسىيە تەرەپ، ئەگەر ئامېرىكا قاتناشمىسا، بۇ كېلىشىم داۋاملىق مەۋجۇت بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى يوقىتىدۇ، دەپ ئىپادە بىلدۈردى.

 

ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرى مۇخبىرى جوناسىن ماركۇس (Jonathan Marcus) بۇنى تەھلىل قىلىپ، مۇنداق دەپ قارىدى: ترامپ ھۆكۈمىتى «ھاۋا بوشلۇقىنى ئېچىۋىتىش كېلىشىمى» دىن ۋاز كەچكەندە، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدىكى ئاشكارىلىقى ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارالغان قورال كونتروللۇقى كېلىشىمىدىن ۋاز كېچىپلا قالماستىن، كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر ھازىرغىچە ئامېرىكا ئۈچۈن يەنىلا غايەت زور مەنپەئەتى بار دەپ قاراپ كەلگەن بىر كېلىشىمدىن ۋاز كەچتى.

 

«ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكىنىڭ كېلىشىمدىن چېكىنگەن ۋاقتى پۈتكۈل قورال كونترول سىستېمىسى يىمىرىلىپ، چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتىنىڭ يېڭى دەۋرى يېتىپ كەلگەن ۋاقىتقا توغرا كەلدى، بۇ كىشىنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالىدۇ.»

 

ھالبۇكى، چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتىنىڭ يېڭى دەۋرى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچ بولغان خىتاينى تەبىئىيلا ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇسى «خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» گە ئېلان قىلىنغان باش ماقالىدە ئامېرىكىنى تەنقىد قىلىپ، مۇنداق دەپ يازدى: «ئامېرىكا ئۆزىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ھەربىي ئىشلار ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى دۇنيا تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە كەلتۈرىدىغان زىيىنى بىلەن كارى بولمىدى. <ھاۋا بوشلۇقىنى ئېچىۋىتىش كېلىشىمى> دىن باشقا، ئامېرىكا يەنە <ئىران يادرو كېلىشىمى> ۋە < ئوتتۇرا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى> قاتارلىق خەلقئارالىق قورال كونتروللۇق ئەھدىنامىلىرىدىكى ۋەدىلىرىدىنمۇ يۈز ئۆرۈدى.»

 

ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا 2002- يىلى «باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش شەرتنامىسى» دىن چېكىنىپ چىققان ۋە يېقىندا «ئىران يادرو مەسىلىسى ئومۇمىي كېلىشىمى»، «ئوتتۇرا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى» ۋە «ھاۋا بوشلۇقىنى ئېچىۋىتىش كېلىشىمى» دىن چېكىنگەندىن كېيىن، خەلقئارا قورال كونترول قىلىش قاتلىمىدا، رۇسىيە بىلەن تېخىچە ئىناۋەتلىك مۇددىتى بولغان، يادرو قوراللارنى چەكلەش شەرتنامىسىدىن ئەڭ ئاخىرىدا پەقەت «ئىستراتېگىيىلىك قوراللارنى كېمەيتىش يېڭى شەرتنامىسى» لا قالدى.

 

بۇ شەرتنامىنىڭ مۇددىتى كېلەر يىلى فېۋرالدا توشىدۇ، ئەمما ئامېرىكا ئەگەر خىتاي شەرتنامىگە قوشۇلمىسا، بۇ شەرتنامىنى ئۇزارتىشىنىڭ ئەھمىيىتى يوق، دەپ داۋاملىق چىڭ تۇرماقتا. بۇنىڭغا قارىتا، خىتاي ئامېرىكىنى «خىتاي ئامىلى» نى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق خەلقئارانىڭ دىققىتىنى بۇراپ، « ئىستراتېگىيىلىك قوراللارنى كېمەيتىش يېڭى شەرتنامىسى» دىن چېكىنىش ئۈچۈن باھانە ئىزدەۋاتىدۇ، دەپ تەنقىد قىلدى.

 

بۇ يىل ئىيۇلدا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى قورال كونترول بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى فۇ سوڭ (傅聪) خەلقئارالىق كۆپلىگەن ئورگانلارنىڭ سانلىرىنى نەقىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىدا ھازىر تەخمىنەن 5800 دانە يادرو ئوق بېشى بار بولۇپ، بۇ خىتايدىكى يادرو ئوق بېشىنىڭ تەخمىنەن 20 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ. ئەگەر ئامېرىكا يادرو قورال ئامبىرىنى خىتاينىڭ سەۋىيىسىگە كېمەيتسە، خىتاي ئامېرىكا-رۇسىيە سۆھبىتىگە قاتنىشىشنى خالايدۇ. «ئەمەلىيەتتە، بىز بۇنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلىمىز.»

 

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نويابىردا ئېچىلغان قوراللارنى كونترول قىلىش ۋە كېڭىيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەتقىقات يىغىنىدا، فۇ سوڭ ئامېرىكىنى يەنە «چوڭ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا تىزگىنلەشنى قوبۇل قىلماي، دەرىجىدىن تاشقىرى ھۆكۈمرانلىقتىكى بىر قۇتۇپلۇق دۇنيا بەرپا قىلىشنى كۆزلىدى.» دەپ تەنقىد قىلىپ، خەلقئارالىق قوراللارنى كونترول قىلىش ۋە ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش مۇساپىسىنىڭ قىيىن ئەھۋالغا قېلىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى ئامېرىكا دەپ كۆرسەتتى.

 

خەلقئارالىق پىكىرلەر

 

ئامېرىكا بۇ يىل مايدا «ھاۋا بوشلۇقىنى ئېچىۋىتىش كېلىشىمى» دىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان، بۇ مەسىلە داۋاملىق خەلقئارالىق تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلگەن ئىدى.

 

سىنگاپور «بىرلەشمە ئەتتىگەنلىك گېزىتى» مايدا باش ماقالە ئېلان قىلىپ: «يېڭى بىر نۆۋەت يادرو قوراللار ھازىرلىق مۇسابىقىسىدىن پۈتۈن يەرشارىنى ئاگاھلاندۇرغان»، ھەمدە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى رىقابەتنىڭ ھەربىي ئىشلارغا كېڭەيگەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

 

«بىرلەشمە ئاگېنتلىق» (Associated Press) خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئامېرىكىنى تەنقىد قىلغان ۋاقىتتىكى تەنقىد قىلغۇچىنىڭ پىكىرلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بېيجىڭ باشقا ئاساسلىق دۆلەتلەرنى قوراللارنى كونترول قىلىش كېلىشىمى تۈزۈشكە دەۋەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، <ئوتتۇرا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى> نى ئۆز ئىچىگە ئالغان، مۇشۇ خىلدىكى ھەر قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشلارغا قاتنىشىشنى رەت قىلىپ كەلمەكتە. خىتاي رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىر بىرىگە قۇرغان چەكلىمىلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلماقتا، شۇنداقلا ئوتتۇرا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىق قوراللارنى چەكلىمىسىز ھالدا تەرەققىي قىلدۇرماقتا، تەيۋەن، ھىندىستان چېگراسى، جەنۇبىي دېڭىز ۋە ئاسىيانىڭ باشقا قىزىق نۇقتا رايونلىرىدا توقۇنۇش يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، ھەربىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتمەكتە.»

 

«دېپلومات» ژۇرنىلىدىكى بىر ماقالىدە: «بۇرۇن ترامپ ھۆكۈمىتى <ئىستراتېگىيىلىك قوراللارنى كېمەيتىش يېڭى شەرتنامىسى> غا خىتاينى قوشۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. كۆپلىگەن ئانالىزچىلار ئامېرىكا ۋە رۇسىيە يادرو قورال ئامبىرىنىڭ كۆلىمى بىلەن خىتاينىڭ يادرو قورال ئامبىرىنىڭ كۆلىمىدىكى زور پەرقنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۈچ تەرەپنىڭ يېڭى شەرتنامە تەكلىپى ئەمەلگە ئاشمايدۇ دەپ قارىغان.» دەپ يېزىلغان.

 

«ۋال كوچىسى ژۇرنىلى» (Wall Street Journal) ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ «ھاۋا بوشلۇقىنى ئېچىۋىتىش كېلىشىمى» دىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى خەۋەر قىلغاندىن سىرت، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كېلىشىمدە ئىشلەتكەن رازۋېتكا ئايرۇپىلانلىرىنى ۋەيران قىلىۋەتمەكچى ئىكەنلىكىنى، بۇنداق بولغاندا يېڭى پرېزىدېنت ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ، بۇ كېلىشىمگە قايتا كىرىش مەقسىتى بولسىمۇ، ئىجرا قىلىش قىيىنچىلىقىنىڭ چوڭ بولىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. رۇسىيە «خەۋەر گېزىتى» (Izvestia) مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پەرىزىنى نەقىل قىلىپ: «ئەگەر رۇسىيەمۇ كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقسا، ئۇنداقتا پەقەت ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە كانادالا كېلىشىمدە قالىدۇ، ھالبۇكى بۇ دۆلەتلەر بىربىرىنىڭ ھەربىي پائالىيەتلىرىنى كۆزىتىشكە قىزىقمايدۇ. بىراق ھازىر بۇ كېلىشىمنى دەپنە قلىۋىتىشكە سەل بالدۇرلۇق قىلىدۇ. ئەھدىلەشكۈچى دۆلەتلەرنىڭ باشقا ئامال-چارىسى بولمىسا، ئۇنداقتا ئاۋال قولىدىكى مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلسۇن.» دەپ خەۋەر بەردى.

 

مەنبە:
https://www.bbc.com/zhongwen/simp/world-55057500

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ئالما، نايىك ۋە كوكاكولا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنى»غا قارشى دەۋەت قىلماقتا

دۈ نويابىر 30 , 2020
نيۇيورك تايمىز گېزىتىنىڭ 30- نويابىردىكى خەۋىرىدە يېزىلىشىچە، ئالما شىركىتىدىن كېيىن، نايىك ۋە كوكاكولا شىركەتلىرىمۇ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا قارشى سىياسىيونلار بىلەن سۆزلەشمەكتە ئىكەن.

You May Like