ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان ئامېرىكا تېخنىكىسنى سېتىشنى چەكلەش ھەققىدىكى خېتى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان ئامېرىكا تېخنىكىسنى سېتىشنى چەكلەش ھەققىدىكى خېتى

تۈرى:سودا قانۇن-تۈزۈملىرى، شىنجاڭ

2018-يىلى 15-ماي

ۋاشنگتون ئالاھىدە رايونى —ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى جۇڭگو ئشلىرى بىتەرەپ مەمۇرى كومېتىتىنىڭ باشلىقى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىئو (جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى،فىلورىدا شتاتىدىن) ۋە مۇئاۋىن باشلىقى ،ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىس سىمس (جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى،يېڭى جېرسى شتاتىدىن) ئامېرىكا سودا ئشلىرى مېنتسرى ۋىلبۇر روسقا خەت يېزىپ ،ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ختتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرى ۋە ساقچىلىرى ئىشلىتىدىغان نازارەت ۋە جىنايەت كونتىرۇل تېخنىكىسنى ساتقانلىقىغا دائىر مەسلىلەرگە جاۋاب بىرىشنى سورىدى.

كومتىت رەھبەرلىرى ختتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر تېخنىكىلارنى ئىشلىتىپ،خىتاينىڭ غەربىدىكى ئېتنىك ئاز سانلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەرىكەت قىلىش،سۆزلەش ۋە دىنى ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكىنى قاتتىق چەكلىگەنلىكىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ختتاي ئامېرىكىدىكى ئەركىن ئاسيا رادىئوسى مۇخبىرلىرىنىڭ نەچچە ئونلىغان ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى ئۆز-ئىچىگە ئالغان 500مىڭدىن بىر مىليونغىچە ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئېتنىك ئاز سانلىقلارنى <<سياسى تەربىيەلەش مەركەزلىرى>>گە قامىغانىدى.

بۇ خەت يەنە سودا مىنستىرلىكى سانائەت ۋە بىخەتەرلىك ئىدارىسنىڭ ختتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرى ئىشلىتىۋاتقان ئۈسكۈنە ۋە تېخنىكلارنىڭ سېتىپ چىقىرىلىش جەريانىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى بىلىش، <<ئېكسپورت باشقۇرۇش قانۇنى>>تۇرۇقلۇق نازارەت قىلىش ۋە جىنايەت كونتىرۇل تېخنىكسىنىڭ خىتايغا سېتىلىشنى تەكشۈرۈش ئىمكانى ھەققىدە سۇئاللارنى سورىدى.

خەتنىڭ تولۇق تېكستى تۆۋەندىكىچە:   

                                                                

2018-يىلى.9-ماي

ۋىلبۇر روس ئەپەندى

سودا منىستىرلىكى مىنستىرى

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى سودا منىستىرلىكى

ھۈرمەتلىك ۋىلبۇر روس ئەپەندى!

بىز سىزگە ختتاي ھۆكۈمىتى ۋە كوممۇنستىك پارتىيەنىڭ تېخنىكىنى يوللۇق بولغان قانۇن ئىجرا قىلىش پائالىيەتلىرىدىن كۆرە،باستۇرۇش ۋە كونتىرۇل قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئەندىشە قىلىپ خەت يېزىۋاتىمىز.

ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ختتاي دائىرىلىرىگە ختتاي ساقچىلىرى ۋە بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ نازارەت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋاتقانلىقىغا ئائىت روشەن پاكىتلار بار.ئۇنىڭدىن باشقا، بىز سودا منىستىرلىكى سانائەت ۋە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ختتاي ساقچىلىرى  ۋە باشقا بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن شەخسلەرنى نازارەت قىلىش ۋە تۇتقۇن قىلىشقا ئشىلىتىلىشى مۇمكىن بولغان ئۈسكۈنە ۋە تېخنىكىلارنى سېتىش قىلمىشى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئىلىپ بارغان-بارمىغانلىقىنى بىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

بولۇپمۇ ختتاي ساقچىلىرى ۋە بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (ش ئۇ ئا ر ) ۋە باشقا جايلاردىكى ھەرىكەتلىرى كىشنى چوڭقۇر ئەندىشىگە سالىدۇ.ئۇلار قانۇن-تەرتىپ،شەخسى ھوقۇق،تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش ھوقۇقى،دىنى ئىبادەت ھوقۇقى قاتارلىق خەلقئارادا قوغدىلىدىغان ھوقۇقلارغا داۋاملىق تاجاۋۇز قىلماقتا ۋە قېين-قىستاققا ئىلىش ۋە مەجبۇرى قاماققا ئىلىشقا ئوخشاش خەلقئارالىق چەكلىمىلەرگە داۋاملىق خىلاپلىق قىلماقتا.

ش ئۇ ئار دا بولۇۋاتقان دەپسەندىچىلىكلەر ھۆكۈمەتنىڭ ئامېرىكىدا ياسالغانلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخنىكىلارنى ئۆز خەلقىنى سېتىلمىلىق باستۇرۇشقا ئشلىتىۋاتقانلىقىنىڭ كۈچلۈك پاكىتى.

ئىنسانى ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە نۇرغۇنلىغان تاراتقۇ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا،ش ئۇ ئا ر دائىرىلىرى يۈز پەرقلەندۈرۈش،كۆز سكاننېرلاش ۋە د ئەن ئاي تەكشۈرۈش،ئاۋاز نۇسخىلاش ۋە بارماق ئېزى ئىلىش قاتارلىق يۇقىرى بىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ۋاستىلىرى بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە باشقا ئېتنىك ئاز سانلىقلارنىڭ  ھەرىكەتلىرىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتمەكتە.

گەرچە مۆلچەر ئوخشىمىسىمۇ، زور كۆلەمدىكى نازارەت سېتىمىسىنىڭ 500 مىڭدىن بىر مىليونغىچە بولغان ئۇيغۇرلارنى <<سياسى تەربىيەلەش مەركەزلىرى>>دە  قاماش ۋە نازارەت قىلىشقا زور تۆھپە قوشقانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەر بار ،بۇ سان  داۋاملىق ئېشىۋاتقان بولۇپ،بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۇنيادا ئەڭ كۆپ قامالغان ئاز سانلىق مىللەت ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتىدۇر.ش ئۇ ئا ر دائىرىلىرى رايوندىكى ئاز سانلىقلارنىڭ دىنى-ئېتىقادى،سۆز قىلىش ئەركىنلىكى،ھەرىكەت قىلىش ئەركىنلىكىنى قاتتىق چەكلەش ئۈچۈن ئىشلەتمەكتە.

نىشانغا ئىلىنغان كىشىلەر ئارىسىدا ئەركىن ئاسيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ ئونلىغان ئائىلە ئەزالىرى بار بولۇپ،بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگە تەھدىت سىلىشنى مەقسەت قىلغان،شۇنداقلا ش ئۇ ئا ر دىكى يېقىنقى ۋەزىيەت تەرەققىياتىغا ئائىت ئەڭ ئۈنۈملۈك خەۋەر بىرىش ۋە تارقىتىش خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىشنى مەقسەت قىلغان.

يېقىندا،ئىنسانى ھوقۇقنى كۆزىتىش ۋە باشقا تەشكىلاتلار ماسساچۇسېتىس شتاتىغا جايلاشقان تېرمو فىشېر پەن-تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرى شركىتى (   )نىڭ ختتاي جامائەت خەۋپسىزلىك منىستىرلىكى ۋە ئۇنىڭ خىتايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىغا ئەمەلى قوللىنىدىغان بىئو سستېما گېن ئانالىز قىلغۇچى تۈرىدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچ  ئىقتىدارى بولغان دى ئەن ئاي تەرتىپلىگۈچ ئۈسكۈنىسىنى سېتپ بەرگەنلىكىنى ئېنىقلىدى.تورونتۇ ئۇنۋرستىتى پۇقرا تەجرىبىخانىسى ئامېرىكا شىركەتلىرى خىتايغا سېتىپ بەرگەن ئىنتېرنېت ئارقىلىق تۈرگە ئايرىش،تەكشۈرۈش،نازارەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە يۇمشاق دېتاللارنىڭ يەنە ھازىر ئامېرىكا تەرىپىدىن جازالىنىۋاتقان (سۈرىيە،روسيە،ۋىنزۇئىلا )قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بايقىدى.    

بىز تۆۋەندىكى سۇئاللارغا جاۋاب ئىزدەيمىز:

1-

جىنايەت ،تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىشنى كونتىرۇل قىلىدىغان ئۈسكۈنە،يۇمشاق دېتال ،تېخنىكىلار <<ئېكسپورت قىلىشنى باشقۇرۇش قانۇنى>>ئاستىدا كونتىرۇل قىلىنىدىغان ئەھۋالدا،ئېكسپورت قىلغۇچى شىركەتنىڭ <<دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى>>غا ئېكسپورت قىلىش سالاھىيتىنى قانداق ئامىللار بەلگىلەيدۇ ؟

تىرمو فىشر شركىتى قانداق ئۇسۇل بىلەن ختتاي ھۆكۈمىتىگە مەھسۇلات سېتىش چەكلىمىسىدىن ھالقىپ كېتەلىدى ؟

2-   

ئېكسپورت قىلىشنى باشقۇرۇش قانۇنى 742.7،742.13،744.17 ماددىلىرى ۋە باشقا ماددىلىرى ئاستىدا يەنە قانداق مەھسۇلاتلار ختتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىغا سېتىپ چىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېجىردى ؟

3-

يېقىنقى خەۋەرلەر ۋە دوكلاتلارنىڭ تەسرى تۇرغان يەردە ،سىلەر ،تاشقى ئشلار منىستىرلىكى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان ئەھۋالدا،ختتاي ھەربى كۈچلىرى،ساقچىلارنىڭ پۇقرالارنى نازارەت قىلىش،تۇتقۇن قىلىش ،تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقان مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىشتا،سىلەر <<قوش مەقسەت ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان >>ئۇچۇر،يۇمشاق دېتال ۋە ئالاقە تېخنىكىلىرىنىڭ كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلىشى ھەققىدە  تېخىمۇ كۆپ نازارەت قىلىشقا بولغان زۆرۈرىيەتنى قانداق باھالايسلەر ؟

سىلەرچە ،پەن-تېخنىكىنىڭ تىز سۈرئەتلىك تەرەققىياتىغا ماسلىشىشى ئۈچۈن ،ئېكسپورت قىلىشنى كونتىرۇل قىلىش قانۇن-تۈزۈملىرىنى قايتا نازارەت قىلىدىغان،قاراپ چىقىدىغان يېڭى قانۇن ياكى يېڭى ئاپپاراتلارنى تەسس قىلىش كىرەكمۇ؟

دۆلەت ئىچىدىكى پۇقرالارنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىش ئېھتىمالى بولغان يۇمشاق دېتال ۋە تېخنىكىلار خىتاينىڭ بىۋاسىتە پۇقرالارغا ئشلىتىش ئېھتىماللىقى نۇقتسىدىن ،ئېكسپورت قىلىشنى كونتىرۇل قىلىنىشى كىرەكمۇ قانداق ؟

4-

ئېكسپورت كونتروللۇقىدىن باشقا،نۆۋەتتە ئەڭ ئاز بولغاندا، بىۋاسىتە شەخسلەرنى چەكلەيدىغان تېخنىكىلارنى شىنجاڭ جامائەت خەۋپسزلىكى ۋە باشقا مۇناسۋەتلىك ئورگانلارغا سېتىشنى چەكلەيدىغان باشقا ئۇسۇللار مۇھاكىمە قىلىنىۋاتامدۇ يوق ؟

ئامېرىكا شىركەتلىرى ختتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ ئائىلە-ئەزالىرىنى قاماش ياكى باستۇرۇشقا ياردەم بەرمەسلىكى كىرەك.بىز بۇ مەسىلىلەردە سىز ۋە سانائەت ۋە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇشنى ساقلايمىز ۋە سىلەر بىلەن ھەمكارلىشپ ئىشلەشنى خالايمىز!

ھۆرمەت بىلەن:

ماركۇ روبىئو

رەئىس

كىرس سمىس

بىرلەشمە رەئىس

مەنبە:ئ‍امېرىكا دۆلەت مەجلىسى جۇڭگو ئشلىرى بىتەرەپ مەمۇرى كومېتىتى تور بېكىتى https://www.cecc.gov/media-center/press-releases/chairs-ask-commerce-secretary-ross-about-sale-of-surveillance-technology 1-مەزكۇر بايانات ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ رۇخسىتى ۋە ھاۋالىسى بىلەن تەرجىمىگە تەييارلاۋاتقان يۈرۈشلۈك ھۆججەتلەرنىڭ بىر قسىمى بولۇپ،ئورۇنلارنىڭ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىش،ئېلېكتىرونلۇق ياكى باسما كىتاب قىلىش،ئاۋازلىق قىلىپ ئوقۇشى بىرەك سۇرۇشتۇرۇلىدۇ. 2-ئۇيغۇر ئاگىنىتلىقى تور بېكىتىمىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارادا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىلان قىلىنغان ھۆكۈمەت باياناتى،دىپلوماتىك ھۇججەت ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ھۇججەتلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئىلان قىلىۋاتىمىز ،بۇلارنى تەرجىمە قىلىشتىكى مەقسەت ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادا ئۆز مەسلىسنىڭ قايسى دەرىجىدە ئاڭلىنىۋاتقانلىقى  ،چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قانداق ھادىسلەرگە بەك دىققەت قىلىدىغانلىقى ،نىمىگە ئ‍شنىدىغانلىقى،ئ‍سپات توپلاش ئۇسۇلى ، دۆلەتلەر بىلەن ختتاي ئارسىدىكى مۇناسۋىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنى ،ئۇيغۇر خەلقى ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەرىكەت سۈپىتى ۋە  تەسىرى قاتارلىقلارنى  ئۆز ئەقلى بىلەن  بىۋاستە چۈشنىشگە تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەتتۇر،بۇنىڭدىن باشقا بۇ ھۇججەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە قانداق تەدبىر ياكى ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئىمكانى بارلىقى ھەققىدىمۇ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدۇ ،شۇنداقلا بۇلار بىزنىڭ ئ‍شەنچىمىزنى مەلۇم دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنى پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا سەۋەب بولىدۇ،ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىر پارچە ھۇججەت ياكى باياناتنى ھەرگىزمۇ تۇيۇقسز ياكى ئاددىيلاش شەكىلدە ئىلان قىلمايدۇ،تاراتقۇ خەۋەرلىرى ۋە ئاخبارات،ئىلمى دوكلات ،ۋەزىيەت ۋە پاكىت ،جامائەت پىكرىنى تەكشۇرۇش ۋە باھالاش ،مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق ئىلان قىلىدۇ ،ئىلان قىلىنغان باياناتلارمۇ بىر ئىككى قېتىم ئوقۇلۇپ،قىممىتى تۈگەيدىغان،ئۇنتۇلىدىغان ياكى ۋاقتى ئۆتىدىغان ئادەتتىكى خەۋەر ياكى ئوبزور ماقالىسغا ئوخشمايدۇ ،چۇنكى بۇ بايانات دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ ،ھەر قانداق خەلقئارالىق قائىدە ۋە سورۇنلاردا ،دىپلوماتىيە ئالاقىلىرىدا ،ئنسانى ھوقۇق مۇنبەرلىرىدە ،تەتقىقات ۋە تاراتقۇ خەۋەرلىرىدە ،مۇھىمى ختتاينىڭ ئالدىدا تېنىۋىلىش مۇمكىن بولمايدىغان بىر ھۇججەتكە ئايلىنىدۇ ! ئۆز نۆۋىتىدە بۇ ھۈججەتلەر   ختتاينىڭ  ئ‍نسانىيەتكە قارشى جىنايەتچى ئىكەنلىكى توغىرسدا كىينكىلەر ئۇچۇن قالدۇرغان مەڭگۈلۈك ئسپات بولۇپ قالىدۇ .ئۇيغۇرلار ئۆز داۋاسىغا ،ھەق -ھوقۇقىغا قانچە ھەقلىق بولسا ، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بۇ ھەق-ھوقۇقىنى بىلدۇرۇش مەسئۇلىيتى بار . قىرىنداشلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى تەشكىلاتلارغىلا تاشلاپ قويۇش بىلەن بولدى قىلماي ،ئۆز ئاۋازىنى ھۆكۇمەت ۋە تاراتقۇلار ئارقىلىق بىلدۇرۇپ ،ختتاينىڭ ئىرقى ۋە مىللى ،مەدەنى قىرغىنچىلىقىغا قارشى ھىچبولمىسا ئۆزى بىلىدىغانلىرىنى سۆزلەش بىلەن قارشى تۇرۇشنى ئۇمىد قىلىمىز ؛ تېخىمۇ كۆپ كىشلەرنىڭ كۆرۇپ پايدىلىنىشى ،ئويغىنىشى،ھەقىقەتنى ئاشكارلىشى ئۇچۇن تارقىتىپ قويۇشۇڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمىز ؛ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى .

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ۋاشىنگىتون پوچتىسى:جۇڭگونىڭ بىر مىللەت(ئۇيغۇر)نى ۋەيران قىلىش ھەرىكىتى

دۈ ماي 21 , 2018
دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق،تەسىرى ئەڭ زور ،شۇنداقلا كۆپ ئوقۇلىدىغان سياسى تاراتقۇلاردىن بىرى،« ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگىتون پوچتىسى » 20-ماي تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ،ناھايىتى ئۆتكۈر سۆزلەر بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقاتماقچى بولغانلىقىنى ئەيىپلىگەن. بۇئۇيغۇرلار ئۈچۈن تاراتقۇ ساھەسىدە ئاز كۆرۈلىدىغان بىر خوش خەۋەر بولۇپ،

You May Like