ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ختاي رىقابەت كومېتىتى باشلىقى ئۆمەك تەشكىللەپ تەيۋەننى زىيارەت قىلدى. ختاي ھۆكۈمىتى نارازىلىق ئىپادىلىدى

ئەركىنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 26-فېۋرال

گاللاگىر ۋە ئۇ يتەكلەۋاتقان ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى «ختاي كومپارتىيسى بىلەن رىقابەتلىشش تاللانما كومېتىتى» ئەزالىرى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسى ۋە دىموكراتلار پارتىيسى ئەزالىرى تەيۋەن پايتەختى تەيبىينى زىيارەت قىلدى.

گاللاگىر تەيۋەن پىرەزدىنتى سەي يىڭۋىن ۋە ئۇنىڭ كابىنت ئەزالىرى، يېڭى سايلانغان لەي چىڭدى، تەيۋەن پارلامىنىت باشلىقى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەن.

گاللاگىر مۇنداق دىگەن:« بىزنىڭ زىيارەت قىلىشمىز -ختاي كومپارتىيسگە ئەگەر تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلساڭ، ئۇنىڭ ئىغىر ئاقىۋىتى بولىدۇ»دىگەن سىگنالنى بىرىشتىن ئىبارەت.»

ختاي تاشقى ئ‍شلار منسترلىكى بايانات ئ‍ىلان قىلىپ، گاللاگىرنىڭ زىيارىتىنى ئەيىپلىدى.

گاللاگىر ھازىرغىچە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسدە ختاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئەڭ سەزگۈر، ئەڭ قاتتىق قول مەجلىس ئەزاسى بولۇپ، ختاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت بېخەتەرلىكى، ئامېرىكا ئېقتسادى، ئامېرىكا تېخنىكىسىغا كەلتۈرىدىغان خيېىم-خەتەرلىرى، تەيۋەن-تېبەت، خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئۈستىدىكى جىنايەتلىرىنى كۈنتەرتىپكە ئىلىپ كىلىپ، كۆپ قېتىم گۇۋاھلىق بىرىش يېغىنى ئۆتكۈزگەن. تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرغان.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

قسقا: ختاي 2.5 مىلىيون تېجارەتنى تېزىملىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى، ۋەھالەنكى ئۇيغۇر كارخانىچىلىرى تۈرمىدە، ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرى تۈرمىدە؛

چا فېۋرال 28 , 2024
ئۇيغۇر تايمىزنىڭ ئىنگىلىزچە ئىلان قىلغان تەپسلى خەۋىرىدە، ختاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا ئىلان قىلغان بىر دوكلاتى ھەققىدە توختالغان. ختاينىڭ شنجاڭ خەۋەرلىرىدە دىيشچە، ختاي ئاتالمىش شنجاڭدا 2 مىلىيون 476 مىڭ شركەتنى قانۇنلۇق ئەنگە ئالغان.دوكلاتتا مەزكۇر تېجارەت ئىگىلىرىنىڭ مىللەت تەۋەلىكى تىلغا ئىلىنمىغان. ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئىلان قىلغان 2021-يىلى ئىلان قىلىنغان دوكلاتتا، ختاينىڭ ئۇيغۇر […]
شنجاڭ شركەت تېزىملاش

You May Like