دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر ئامېرىكىنىڭ خىتاي شارىنى ئېتىپ چۈشۈرمىگەنلىكىنى خىتايغا سېتىلغانلىق دەپ ئەيىبلىدى

تۇرسۇنجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 4-فېۋرال

خىتاينىڭ ئامېرىكا ئاسمىنىغا جاسۇسلۇق شارى ئەۋەتكەنلىكى ئامېرىكىدا كۈچلۈك نەپرەت پەيدا قىلماقتا. ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بەش كۈن ئىچىدە ھېچقانداق كەسكىن تەدبىر قوللانمىغانلىقى  ئوخشاشلا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچراۋاتىدۇ.

سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى مايىك پومپىيو، سابىق دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ئوبرايىن، دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئىككى كۈندىن بۇيان ئوڭچىللارنىڭ تېلېۋىزىيە قانىلى فوكس خەۋەر تېلېۋىزىيەسىدە بايدىن ھۆكۈمىتىنى قورقۇنچاقلىق، خىتايغا تەسلىم بولۇش، دۇنيادا ئامېرىكىنىڭ يۈزىنى چۈشۈرۈش بىلەن ئەيىبلىمەكتە.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نېمىشقا بۇ شارنى ئېتىپ چۈشۈرمىگەنلىكىگە ھازىرغىچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بەش بۇرجەكلىك بىنا بەرگەن جاۋاب بولسا:« پۇقرالىرىمىزنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن» دىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ جاۋاب مۇتەخەسسىسلەرنى رازى قىلالمىدى.

يىللاردىن بېرى، خىتاي ئامېرىكا تۇپراقلىرىدا جاسۇسلۇق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنداق ئاسمانغا جاسۇسلۇق شارى قويۇپ بېرىشى چوڭ ۋەقە ھېسابلىنىدۇ.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئامېرىكا سابىق پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە سابىق مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايىك پەنس خىتاينىڭ جاسۇسلۇق شارىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىش كېرەك دېدى

شە فېۋرال 4 , 2023
ئامېرىكا سابىق پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە سابىق مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايىك پەنس خىتاينىڭ جاسۇسلۇق شارىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىش كېرەك دېدى

You May Like