ئامېرىكا فوكس تېلېۋىزىيەسىدە ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر رېستوران خوجايىنى : ئامېرىكا نېمىشقا بۇ قىرغىنچىلىقنى توختىتالمايدۇ؟

ئامېرىكا فوكس تېلېۋىزىيەسىدە: ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر رېستوران خوجايىنى « ئامېرىكا نېمىشقا بۇ قىرغىنچىلىقنى توختاتمايدۇ؟»دەپ سوئال قويدى

 

 ئامېرىكا فوكس تېلېۋىزىيەسىدە: ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر رېستوران خوجايىنى « ئامېرىكا نېمىشقا بۇ قىرغىنچىلىقنى توختاتمايدۇ؟»دەپ سوئال قويدى

 

 

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى،2022-يىلى،4-مارت

ئامېرىكىنىڭ ئىككى چوڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىدىن بىرى، جۇمھۇرىيەتچىلەرنى قوللايدىغان ئوڭ قانات مېدىيا  فوكس تېلېۋىزىيەسى يېقىندا ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا رېستوران تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دولان ئۇيغۇر رېستورانى خوجايىنى خەمىت كەرىمنى مەخسۇس زىيارەت قىلغان ۋە ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگەن. 

ئۇنىڭ تۈرمىگە تاشلانغان ئۇرۇق -تۇغقانلىرى ھەققىدىكى سۆزلىرى ئارقىلىق ئامېرىكا خەلقىنى تەسىرلەندۈرگەن ئالاقىدار فىلىم ۋە خەۋەردە يەنە دولان رېستورانى ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرغان.

خەمىت كەرىم مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمىدا مۇنداق دېگەن:

« خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. خىتاي ئۇيغۇر خەلقىنى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى ھۆرمەت قىلمايدۇ. مەن بۇ قېتىملىق بېيجىڭ ئولىمپىكىنى قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى دەپ قارايمەن. بۇ بىر نورمال ئولىمپىك ئەمەس، مەن خىتاينىڭ بېجىڭ ئولىمپىكىنى كۆرسەم، كۆز ئالدىمغا خىتاي تۈرمىگە تاشلىغان ئاكام،سىڭلىم ۋە مىللىتىم كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ ،ئانا ۋەتىنىم كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ تۈرمىلەر ۋە كامپىلاردىكى ،مەجبۇرىي ئەمگەكلەردىكى بەك ئېغىر كۈنلىرى كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ.» 

خەمىت دولان رېستورانى ھەققىدە  توختىلىپ مۇنداق دېگەن:

« مەن ئۆزۈمنىڭ شىركەتلىرىم ۋە سودىلىرىمنى ئانا ۋەتىنىمدە تاشلاپ كەلدىم. ئامېرىكىغا كېلىپ ھەممىنى يېڭىدىن باشلىدىم. ئىنگلىز تىلى ئۆگەندىم، ئامېرىكىدا يېڭى ھاياتىمنى باشلىدىم،2018-يىلى دولان رېستورانىنىڭ بىرىنچى دۇكىنىنى ۋاشىنگتوندا ئاچتىم.»


ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە مۇنداق دېدى:

«بېجىڭ ئولىمپىكى 1936-يىلدىكى ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ ئولىمپىكىگە ئوخشايدۇ. چۈنكى خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇرلارغا ئىرقى قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ. ئەينى چاغدا ئاكام ماڭا: » ساڭا ئامەت تىلەيمەن، بالىلىرىڭنى ئامېرىكىدا ياخشى مائارىپ بىلەن تەربىيەلىگىن»  دېگەن ئىدى، شۇنىڭدىن بىر ئاي كىيىن خىتاي مىنىڭ ئاكام ۋە ئاكامنىڭ ئايالىنى تۇتۇپ كەتتى. كىيىن ئاكامغا 20 يىل، ئاكامنىڭ ئايالىغا 7 يىل قاماق جازاسى بەردى. ئۇلارنىڭ ئۈچ بالىسىغا مىنىڭ ئاپام قارايدۇ. بىراق بۇ پەقەت بىرلا ئائىلىنىڭ گېپى، بىراق شەرقى تۈركىستاندا مىليونلىغان، مىلىيونلىىغان كىشىلەرگە ئاشۇنداق ئېغىر جازالار بېرىلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە پروفېسسورلار بار، يۇقىرى ئەمەلدارلار با،دىنى يېتەكچىلەر بار، ئۇتۇق قازانغان سودىگەرلەر بار، بۇنىڭ سەۋەبى بولسا بىز خىتايغا تۈپتىن ئوخشىمايدىغان بىر مىللەت.

ئامېرىكا بۇنى ئاللىقاچان ئىرقى قىرغىنچىلىق دېدى. بۇنىڭغىمۇ 2 يىل بولدى. بىراق ئىرقى قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتىدۇ. مىنىڭ ئاكام تۈرمىدە، ئاكامنىڭ ئايالى تۈرمىدە، مىليونلىغان كىشىلەر تۈرمىدە ۋە لاگېرلاردا ياكى ئەرزان ئەمگەك زاۋۇتلىرىدا، ئەمما نېمىشقا ئامېرىكا خىتاينى ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشتىن توختىتالمايدۇ؟ مەن ھەمىشە بۇ ھەقتە ئويلايمەن،زادى نېمىشقا؟سەن ئاللىقاچان بۇنى قىرغىنچىلىق دېدىڭ، بىراق سەن نېمىشقا بۇ قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن ھەقىقىي ھەرىكەت قوللانمايسەن؟ مەن بۇنى چۈشەنمەيمەن. مەن بۇنى ھەر كۈنى ئويلايمەن، چۈنكى ئانامنى سىغىندىم، قېرىنداشلىرىمنى،ئاچا-سىڭللىرىمنى سىغىندىم.يۇرتۇمنى،ۋەتىنىمنى سىغىندىم،مەن بۇ ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ تىز سۈرئەتتە توختىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن، ئۇيغۇر خەلقى بۇ دۇنيادا نورمال ياشىيالىشى كېرەك، چۈنكى بىز ئوخشاش ئىنسان.

مەزكۇر خەۋەر ئامېرىكا خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقى قىرغىنچىلىق بىلەن ئەيىبلەۋاتقان مەزگىلىدە خىتايغا قارشى جامائەت پىكىرى ھازىرلاش ئۈچۈن قايتا قايتا قويۇلغان.

خەۋەر ۋە ۋىدىئو ئۇلانمىسى ۋە ئەسلى مەنبەسى:

https://www.foxnews.com/world/dc-uyghur-restaurant-owner-this-olympic-is-genocide-olympics

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ۋاشىنگتوندىكى ئالما مەخسۇس سېتىش دۇكىنى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

شە مارت 5 , 2022
ۋاشىنگتوندىكى ئالما مەخسۇس سېتىش دۇكىنى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

You May Like