ئامېرىكا بىلەن ختاي ئوتتۇرىسىدا ۋاقىتلىق سودا كېلىشىمى تەپسلاتى نىمىلەردىن ئىبارەت؟

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى تەرجىمە خەۋىرى
جەنۋە، 2025-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى

بۈگۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ختاي ئوتتۇرىسىدا يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە دۇنيا ئىقتىسادىنى لەرزىگە سالغان سودا ئۇرۇشىنى پەسەيتىشكە قارىتىلغان مۇھىم سودا كېلىشىمى ئېلان قىلىندى. جەنۋەدە ئىككى كۈن داۋاملاشقان مۇزاكىرەدىن كېيىن، ھەر ئىككى دۆلەت ئۆزئارا يۇقىرى باج كېسىمىنى 90 كۈنلۈك ۋاقىتلىق پەسەيتىشكە قوشۇلدى.

كېلىشىمنىڭ ئاساسلىق تەپسىلاتلىرى:

– ئامېرىكا ختاي مەھسۇلاتلىرىغا سېلىنغان باجنى 145% دىن 30% غا چۈشۈرىدۇ.
– ختاي ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا قويۇلغان باجنى 125% دىن 10% غا تۆۋەنلىتىدۇ.
– بۇ تەدبىرلەر 2025-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ ۋە دەسلەپتە 90 كۈن داۋاملىشىدۇ.
– ختاي 2025-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ ئامېرىكاغا قارشى قوللانغان چەكلەش خاراكتىرلىك تەدبىرلەرنى توختىتىدۇ ياكى بىكار قىلىدۇ، مەسىلەن، نۇرغۇن ئامېرىكا شىركەتلىرىنى «ئىشەنچسىز ئورۇن» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش ۋە نادىر يەر مېتاللىرىنىڭ ئېكسپورتىنى چەكلەش.
– ھەر ئىككى تەرەپ سودا ۋە ئىقتىساد مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن «داۋاملىق مەسلىھەت مېخانىزمى» قۇرۇشنى قارار قىلدى، بۇ مېخانىزم ئارقىلىق ھەر ئىككى دۆلەت دائىمىي ياكى ۋاقىتلىق مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ.

مۇزاكىرە رەھبەرلىرى:
ئامېرىكا تەرەپتىن مالىيە مىنىستىرى سكوت بېسسېنت (Scott Bessent) ۋە سودا ۋەكىلى جامىسون گرېر (Jamieson Greer) مۇزاكىرەگە رەھبەرلىك قىلدى. تىرامپ مەزكۇر كىلىشىمنى ئىجابى ۋە پايدىلىق دەپ ماختىدى.
ختاي تەرەپتىن بولسا، دۆلەت مۇئاۋىن باش مىنىستىرى خې لىفېڭ (He Lifeng) باشچىلىق قىلدى. خې لىفېڭ مۇزاكىرە ھەققىدە «ئوچۇق، چوڭقۇر ۋە قۇرۇلۇشچان» دەپ باھا بېرىپ، «ھەر ئىككى تەرەپ مۇھىم كېلىشىمگە ئېرىشتى» دېدى.

**ئىقتىسادىي تەسىرلىرى**:
نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى ۋە س ئەن ئەن خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ كېلىشىم دۇنيا ئىقتىسادىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. يېقىنقى ئايلاردا، ئامېرىكانىڭ ختاي مەھسۇلاتلىرىغا يۇقىرى باج سېلىشى ۋە ختاينىڭ قارشى تەدبىرلىرى بىلەن دۇنيا تەمىنلەش زەنجىرى ۋە مالىيە بازىرى قالايمىقانلىشىپ كەتكەن ئىدى. باجلارنىڭ تۆۋەنلىتىلىشى بىلەن، دۇنيا بازىرىدا دەرھال ئاكتىپ ئىنكاس كۆرۈلدى – ئامېرىكا پاي ھەمبەھىر بازىرىدا زور كۆتۈرۈلۈش بولدى، مەسىلەن، S&P 500 كۆرسەتكۈچى تەخمىنەن 3% ئۆستى.

**ئامېرىكا-ختاي سودا مەسىلىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى**:

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ 2025-يىلى 4-ئايدا ختاي مەھسۇلاتلىرىغا 145% باج قويۇش ئارقىلىق سودا ئۇرۇشى جاكارلىغان بولۇپ، بۇ ختاي بىلەن سودا تەڭپۇڭسىزلىقى ۋە فېنتانىل كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان. ختاي بۇنىڭغا 125% لىك قارشى باج بىلەن جاۋاب قايتۇردى. بۇ تىرگىنىش دۇنيا ئىقتىسادىغا زور زىيان يەتكۈزدى،ختاينىڭ ئامېرىكىغا ئېكسپورتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى، مەسىلەن، 2025-يىلى 4-ئايدا ختاينىڭ ئامېرىكىغا ئېكسپورتى 21% تۆۋەنلىگەن.

**فېنتانىل مەسىلىسى**:
كېلىشىمنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەرىپى فېنتانىل كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا قارىتىلغان. ئامېرىكا ختاينى فېنتانىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكسپورت قىلىشتا يېتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتمىدى دەپ ئەيىبلىگەن. بۇ كېلىشىم بويىچە، ھەر ئىككى دۆلەت فېنتانىل ۋە باشقا خىمىيىلىك ماددىلارنىڭ قانۇنسىز يۆتكىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن ھەمكارلىشىدۇ، ئەمما ترامپنىڭ 20% فېنتانىلغا مۇناسىۋەتلىك باجلىرى كۈچتە قالىدۇ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

دانىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس ختاينى ئۇيغۇرلار سەۋەبلىك تەنقىد قىلغانلىقى ئۈچۈن قازاقستانغا كىرىشى چەكلەنگەن

دۈ ماي 12 , 2025
12-ئاپرېل، 2025 ئۇيغۇر تەتقىقاتى توغرىسىدىكى كەڭ كۆلەملىك تەتقىقاتلىرى بىلەن تونۇلغان دانىيەلىك ئانتروپولوگ، دوكتور رۇنە ستېنبېرگ، ئىلگىرى بۇ دۆلەتكە كۆپ قېتىم بېرىپ كەلگەن بولسىمۇ، 12-ئاپرېلدا قازاقىستانغا كىرىشتىن چەكلەندى. گلوبال ۋويسېسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ۋەقە قىرغىزىستان بىلەن قازاقىستان ئارىسىدىكى قورداي-دوستلۇق قۇرۇقلۇق چېگرا ئۆتكىلىدە يۈز بەرگەن. ستېنبېرگنىڭ ئېيتىشىچە، قازاق چېگرا خادىملىرى چەكلەش سەۋەبى […]
دانىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس

You May Like