ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، ئافراسياپ، ۋاشنگىتون
8-سىنتەبىر
رويتىر ئاگېنىتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى تاموژنا ۋە چىگرا قوغداش ئىدارسى بۈگۈن چۇشتىن كىين بۇيرۇق ئىلان قىلىپ، بېسۋىلىنغان ئۇيغۇر ۋەتىنى (شەرقي تۈركستان-ئۇيغۇرستان)دا ئىشلەنگەن ھەر قانداق مەھسۇلاتلارنى كىرگۈزۈشنى چەكلىمەكچى ئىكەن.
بۇ مەھسۇلاتلار ختتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قۇل ئورنىدا ئىشلىتىۋاتقانلىقى خەلقئارا تاراتقۇلاردا كۇچلۇك تەسر قوزغىغاندىن كىين ئىلىپ بارغان يەنە بىر چوڭ كەسكىن ھەرىكەت بولۇپ، چەكلىنىدىغان مەھسۇلاتلار توقۇلما بويۇملار، پاختا مەھسۇلاتلىرى، يېمەكلىك قاتارلىقلارغا چېتىلىدىكەن.
بۇ ئامېرىكىدىكى ختتاي بىلەن ھەمكارلىشۋاتقان شركەتلەر ئۈچۈنمۇ چوڭ زەربە ھسابلىنىدىكەن!