ئەردەم
2020-7-13
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
ئامېرىكانىڭ گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى پىتىر خۇكىستىرا ئەپەندى گوللاندىيە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، گوللاندىيە ئالكمار شەھرىدىكى گۈزەل مەنزىرەلىك بىر دالىدا گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشكىلى زىيارەتكە كەلدى. بۇ ئامېرىكا باش ئەلچىسىنىڭ تۇنجى قېتىم گوللاندىيە ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئوپچە مۇلاقەتتە بولۇشى ھېسابلىنىدۇ.
گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار باش ئەلچىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. گوللاندىيە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى باش ئەلچىگە يىزىلغان رەھمەت خېتىنى ئوقۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانۇن ماقۇللىغانلىقى ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالىغانلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە تەشەككۈر ئېيتىپ، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەرنىڭ قوللىنىشىغا ئۈمىدۋارلىقىنى ئىپادىلىدى. باش ئەلچى ئامېرىكىنىڭ قىممەت قاراشلىرى، كىشلىك ھوقۇق قاتارلىقلارنى قوغدايدىغانلىقى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ھەق-ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەشەككۈرنامىلەردىن كېيىن، باش ئەلچى ئابدۇرىھىم غىنى بىلەن يەكشەنبە كۈنى دام مەيدانىدا كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئابدۇرىھىم غىنىنى ماختىدى، ئابدۇرىھىم غىنىمۇ ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن 17 ئادەمنىڭ غايىب بولغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ پۇرسەتتە، كۈتۈۋېلىشقا كەلگەن ئۇيغۇرلار بىردەك قول كۆتۈرۈپ گۇۋاھلىق بىرىپ ئۆزلىرىنىڭمۇ كەم دېگەندە بىردىن ئۇرۇق-تۇغقىنى لاگىردا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى، 7-8 كىشى يازما ھالەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ياردەمدە بولۇشىنى كۆزلەپ ئىلتىماس خەتلىرىنى سۇندى.
ئۇندىن كېيىن بىر قانچە سۇئال-جاۋابلار بولۇندى، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنىڭ مۇمكىنچىلىكىگە دائىر سۇئالدىن باش ئەلچى ئۆزىنى قاچۇردى، يالتا يىغىنىغا ئائىت سۇئالغا ئۆزىنىڭ جاۋابكار ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارشى تېخىمۇ ئەمەلىي قەدەم ئېلىشىغا قارىتا ئىجرا قىلىنىۋاتقان بىر قانچە مىسالنى تىلغا ئالدى. سۆز ئاخىرىدا گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئېيتىشتى. باش ئەلچىنىڭ بىشىغا دوپپا، ئۇچىسىغا تون كەيگۈزۈلۈپ، شەرقىي تۈركىستان بايرىقى ئىزنەكلىرى ۋە گالاستۈكلىرىنى سوۋغا قىلدى. باش ئەلچى ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن مۇئامىلىسىگە كەمتەر ۋە دوستانىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلدى. خالىغانلار بىلەن رەسىمگە چۈشۈپ، خاتىرە قالدۇردى. نەقمەيدان تەپسىلاتىنى ھۈسەيىن تەجەللىي ۋە ئەخمەتجان پىدائىي فەيىسبۇك سەھىپىلىرىدىن كۆرگەيسىزلەر.
پائالىيەت 40 مىنۇت داۋاملاشقاندىن كېيىن، باش ئەلچى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن خوشلىشىپ، ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق فوندى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى ۋەكىللىرى بىلەن ئايرىم ئولتۇرۇپ، تاماق يېگەچ پاراڭلاشتى. ساھىپخاننىڭ ئۇيغۇرچە بىزەلگەن ئازادە ئۆيىدە، تۈرلۈك مەززىلىك ئۇيغۇرچە تاماق، پىشۇرۇقلار بىلەن كۆڭۈللۈك زىياپەت بولدى. ئۈمىد-تەكلىپلەر، پىكىر-مەسلىھەتلەر ئورتاقلىشىلدى. كەچ سائەت توققۇزلاردا جامائەت باش ئەلچىنى ئۇزاتقاندىن كېيىن، مېھمانلار تارقىدى.