ئامېرىكا ب د ت نىڭ تېررورىزم ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارىنى شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتكەنلىكىنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون سۇللىۋان (John J. Sullivan) بۈگۈن ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس (António Guterres) بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ب د ت تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋىلادېمىر ۋورونكوۋ ( Vladimir Voronkov) نىڭ خىتايدىكى شىنجاڭنى (شەرقىي تۈركىستان-ت) زىيارەت قىلماقچى بولغانلىقىدىن ئەندىشە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019-يىلى 17- ئىيۇن

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون سۇللىۋان (John J. Sullivan) بۈگۈن ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس (António Guterres) بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

 

ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون سۇللىۋان (John J. Sullivan) بۈگۈن ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس (António Guterres) بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ب د ت تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋىلادېمىر ۋورونكوۋ ( Vladimir Voronkov) نىڭ خىتايدىكى شىنجاڭنى (شەرقىي تۈركىستان-ت) زىيارەت قىلماقچى بولغانلىقىدىن ئەندىشە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى، شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستان-ت) ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا بولغان ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى كۆزدە تۇتقاندا، بۇ زىيارەت قەتئىي مۇۋاپىق ئەمەس. بېيجىڭ داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرىنى ئورۇنلۇق بولغان تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشقا بولغان تىرىشچانلىقىمىز دەپ سۈپەتلەۋاتىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس؛ ئۇ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى، بۇ يالغان داۋراڭلارغا ئىشەنچ بېرىپ قۇۋۋەتلەش بىلەن، ب د ت نىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشقا مەسئۇل ئەمەلدارى ب د ت نىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى ئابرويى ۋە ياخشى نامىنى زىيانغا ئۇچرىتىۋاتىدۇ. مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇققا مەسئۇل ئەمەلدارىنىڭ كۆزىتىش ۋە توسقۇنلۇققا ئۇچرىمىغان ھالدا شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستان-ت) بارلىق لاگېرلارغا بېرىشىنى ۋە قاماققا ئېلىنغۇچىلار بىلەن ئۇچرىشىشىنى تەشەببۇس قىلدى.  

 

مەنبە:

https://china.usembassy-china.org.cn/zh/deputy-secretary-sullivan-spoke-by-phone-today-with-united-nations-secretary-general-antonio-guterres/

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئامېرىكا مەبلەغ باشقۇرغۇچى :بىز قاتىل چوشقىلار-ختاي كومپارتىيسى بىلەن ئالاقىمىزنى تەلتۆكۇس ئۈزۈشىمىز كىرەك

پە ئىيۇن 20 , 2019
خەۋەر قىلىشچە ،ئۇ «ھۆكۈم »ژۇرنىلىدا ئىلان قىلىنغان ختتاينىڭ مەھبۇسلار نىڭ ئىچ ئەزالىرىنى ئىلىۋىلىش ئۈچۈن ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى ،ھەتتا بەزىلىرىنى تىرىك تۇرغۇزۇپ ئىچ ئەزالىرىنى ئىلىۋالىدىغانلىقىنى ئوقۇغاندىن كىين مۇنداق يازغان :«بۇ نى ئوقۇغاندىن كىين كۆڭلۇم ئىلىشقۇدەك دەرىجىدە مىنى ناھايتى قاتتىق بىئارام قىلدى ،بىز ختتاي

You May Like