ئامېرىكا ئاۋازى: مىكروسوفت بىلەن خىتاي دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتى ئارىسىدىكى ھەمكارلىق ئەندىشە قوزغىماقتا

ئامېرىكىنىڭ پەن-تېخنىكا ماگناتى مىكروسوفت شىركىتى بىلەن خىتاي دۆلەت مۇداپىئە پەن – تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ( 中国国防科技大学) سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىغا قارىتا، ھەر قايسى ساھەدىكىلەر ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكا بىلەن كۆزىتىش تېخنىكىسىنى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىشماقتا.

ئامېرىكا ئاۋازى خىتايچە تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019- يىلى 12- ئاپرېل

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-04-13

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

ئامېرىكىنىڭ پەن-تېخنىكا ماگناتى مىكروسوفت شىركىتى بىلەن خىتاي دۆلەت مۇداپىئە پەن – تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ( 中国国防科技大学) سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىغا قارىتا، ھەر قايسى ساھەدىكىلەر ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكا بىلەن كۆزىتىش تېخنىكىسىنى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىشماقتا.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ جۈمە كۈنىدىكى (4- ئاينىڭ 12- كۈنى) خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، مىكروسوفىتنىڭ بېيجىڭدا تەسىس قىلغان ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى بۇلتۇر خىتاي دۆلەت مۇداپىئە پەن – تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىملىرى بىلەن بىرلىكتە ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ ئۈچ پارچە ئىلمىي ماقالە يازغان، ماقالە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارغا ئالاقىدار بىر يۈرۈش تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مەسىلەن ئادەم يۈزىنى پەرقلەندۈرۈش ، ئەسۋاب بىلەن ئوقۇش، كومپيۇتېر ئارقىلىق توردىكى تېكىستلەرنى يېشىش ۋە چۈشىنىش قاتارلىقلار. خىتاي دۆلەت مۇداپىئە پەن – تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىغا بىۋاسىتە قارايدۇ.

گېرمانىيەدىكى مېركاتور خىتاي تەتقىقات ئىنىستىتوتى تەتقىقاتچىسى خېلېنا لېگاردا (Helena Legarda) فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن، « بۇ ماقالىلەردە ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان يېڭى ئۇسۇل ۋە تېخنىكىلار خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستان-ت) ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇشقا قوللىنىش ئېھتىماللىقى بەك يۇقىرى…بۇ يۇقىرى تېخنىكىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىككى خىل ئىشلىتىلىدۇ، بۇلارنى ھەربىي ئىشلاردىمۇ قوللىنىشقا بولىدىغان بولۇپ، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئازادلىق ئارمىيىنىڭ 2049- يىلىدا دۇنيا بۇيىچە ئالدىنقى قاتاردىكى ئارمىيەگە ئايلىنىش نىشانىغا يېقىنلاشتۇرىدۇ.» 

مىكروسوفت شىركىتىنىڭ باياناتچىسى فرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ سۈرۈشتۈرۈشىگە قايتۇرغان ئىلخەتتە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن، « مىكروسوفت شىركىتىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى داڭلىق تەتقىقاتچى، مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىرلىكتە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشى پەن- تېخنىكىغا بولغان چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ…تەتقىقات ئامېرىكا ۋە شۇ يەرنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كېلىدۇ.»  بۇ باياناتچىنىڭ دېيىشىچە، ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ ئاشكارا ئېلان قىلىنىشى تەتقىقاتنىڭ « ئاشكارىلىقىغا» كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بولۇپ، ھەر بىر ئادەمنىڭ تەتقىقاتتىن مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن ئىكەن.

ب د ت مۇتەخەسسىسلەر گورۇپپىسىنىڭ سىتاتېستىكىسىغا كۆرە، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەربىيىلەش لاگىرىغا (جازا لاگىرى) قامالغان. شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرېزىسىغا بولغان دىققەتنىڭ ئۈلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي بىلەن سودا ئالاقىسى بولغان كۆپلىگەن ئامېرىكا شىركەتلىرى ئېغىر بېسىم ھېس قىلىشقا باشلىغان. بۇ يىل 2- ئايدا، ئامېرىكا بىئو-تېخنىكا شىركىتى سرمو فىشېر خىتايغا ئۇيغۇرلارنىڭ گېن ماتېرىياللىرى ئامبىرى قۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىشنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ جاكارلىشىچە، شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستان-ت) قانداقتۇر ئاتالمىش قايتا تەربىيىلەش لاگىرى مەۋجۇت ئەمەس بولۇپ، بۇ ئۇيغۇلارنىڭ قاتناشقىنى « كەسپىي تەربىيىلەش مەركىزى» ئىكەن، ھەمدە قاتناشقۇچىلار «ئۆز ئىختىيارى» بىلەن قاتناشقان.

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز. 

 مەنبە:

https://www.voachinese.com/a/Microsofts-AI-research-with-Chinese-military-university-fuels-concerns-20190412/4873232.html?utm_source=dlvr.it&utm_medium=twitter

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئۆمەربەكنىڭ ھەسرەتلىك نىداسى

يە ئاپرېل 14 , 2019
بۇندىن كىيىن بىزنىڭ ئاتا ئانىمىز، ئۇرۇق تۇققانلار، ساۋاقداشلار، دۇسىت بۇرادەرلەر، خۇلۇم خۇشىنلار ئاستا -ئاستا يۈرەك كىسەل، جىگەر كىسەللىرى، يۇقۇلما كىسەللىكلەر بىلەن ئاغرىپ مىيىت بىرىلمەستىن تىرىگىمىز غايىپ بولغاندەك ئۈلىگىمىزمۇ ئەمدى ئاستا ياكى كۆيدۈرىلىدۇ ياكى يۇشۇرۇن كۆمۈپ تاشلىندۇ!

You May Like