ئامېرىكا ئاۋازى خىتايچە تورى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2020-يىلى 27- فېۋرال
خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
2020-02-27
چارشەنبە كۈنى، ۋاشىنگىتونغا جايلاشقان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» ئاگاھلاندۇرۇپ، شىنجاڭدىكى (ش ت) «قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرى» نىڭ ناچار تازىلىق ئەھۋالى، كورونا ۋىروسىنىڭ تارقىلىشىنى تېزلەشتۈرۈپ، <ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپمەك> دېگەندەك ئىش بولىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
2-ئاينىڭ 26-كۈنى، ۋاشىنگىتونغا جايلاشقان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا كورونا ۋىروسىنىڭ شىنجاڭدىكى (ش ت) «قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرى» دا تارقىلىشى مۇمكىنچىلىكىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نى تاقاشقا مۇراجىئەت قىلدى.
ئىلگىرى لاگېرغا قامالغان مىھرىگۈل تۇرسۇننىڭ دېيىشىچە، لاگېرنىڭ تازىلىق شارائىتى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، قاماقتىكى كۆپ كىشىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىدىن مەسىلە كۆرۈلگەن. ئەگەردە كورونا ۋىروسى لاگېرلاردا تارقىلىپ قالسا، ئەھۋالنى كونترول قىلىش ئىنتايىن مۈشكۈل ئىكەن.
مىھرىگۈل تۇرسۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى:« لاگېردا كۆپ كىشى ئاغرىق ئىدى، لېكىن بىز داۋالىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدۇق. ھالبۇكى ھازىر كورونا ۋىروسى پەيدا بولدى، مەن لاگېر ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىن ئىنتايىن ئەنسىرەيمەن. مەن لاگىردىكىلەر باشتىن كەچۈرىۋاتقان بارچە ئىشقا قايغۇرىمەن.»
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى دوختۇرخانىدا ئىشلەيدىغان سەمىرە ئىمىنجان «قايتا تەربىيىلەش لاگېرى» دىكى دادىسىنىڭ ئەھۋالىدىن ئەندىشىلەنمەكتە. ئۇنىڭ دېيىشىچە، تارىخ پەنلىرى پروفېسسورى ۋە كىتاب سودىگىرى بولمىش دادىسىنىڭ ئاتالمىش « كەسپىي تەبىيىلەشكە» ئېھتىياجى يوق ئىكەن.
سەمىرە ئىمىنجان مۇنۇلارنى بىلدۈردى :« كورونا ۋىروسىنىڭ لاگېرلاردا تارقىلىشى ئېھتىمالى بەك يۇقىرى. بۇنداق ناچار مۇھىت، يەيدىغان يېمەكلىكلەر ياخشى ئەمەس بىر شارائىتتا ۋىروسنىڭ يامرىشى چوقۇم تىز بولىدۇ. شۇڭلاشقا مىنىڭ ئەڭ ئەندىشە قىلىدىغىنىم ۋىروسنىڭ كەڭ كۆلەملىك تارقىلىشى، ئاندىن مىنىڭ دادام، ئۇنىڭ سالامەتلىكى، ئۇ قانداقلا بولمىسۇن 60 ياشتىن ھالقىدى…ناھەق لاگېرغا قامالدى، مەن ئۇنىڭ بەرداشلىق بېرەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەيمەن.»
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى قۇززات ئالتاي خىتاي ھۆكۈمىتىنى كورونا ۋىروسىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئوچۇق ئاشكارىلاشقا چاقىردى. ئۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كورونا ۋىروسىغا قارشى تۇرۇشتا كۆرسەتكەن ئىپادىسىدىن ئۈمىتسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى :« ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتنىڭ باش ئەمەلدارى تېدروس ئادھانوم (Tedros Adhanom) دۇنيانىڭ تېخىمۇ ساغلام قىلماي، بەئەينى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ باياناتچىسىغا ئايلىنىپ قالدى. ئۇ ئەسلى كىشىلەرنىڭ نەزىرىنى كورونا ۋىروسىغا ياكى ۋىروسنىڭ تارقىلىشىغا زەربە بېرىشكە قارىتالايتتى، لېكىن ئۇ ھەر قانداق پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە شى جىنپىڭنى ماختاپ يۈردى. تېدروس ئادھانومنىڭ ئەسلى خىزمىتى بولسا كىشىلەرنىڭ ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىدى، قانداقتۇر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى بولۇش ئەمەس.»
قۇززات ئالتاينىڭ كۆرسىتىشىچە، لاگېرلاردىكى ئەھۋاللارلا كىشىنى ئەندىشىلەندۈرۈپ قالماستىن، خىتاي تۈرمىلىرىمۇ كورونا ۋىروسى تارقىلىدىغان ماكانغا ئايلىنىپ قالغان، 500 دىن ئوشۇق كىشى تۈرمىدە يۇقۇملانغان.
جەۋھەر ئىلھامنىڭ دېيىشىچە، كورونا ۋىروسىنىڭ تارقىلىشى ئۇنىڭ تۈرمىگە قامالغان دادىسى ئىلھام توختىنىڭ سالامەتلىكىگە بولغان ئەندىشىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن.
جەۋھەر ئىلھام مۇنۇلارنى بىلدۈردى :« مەن 2017- يىلىدىن بېرى دادام توغرۇلۇق ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىدىم. مەن ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىمەن، مەن ئەمەلىيەتتە ھەتتا ئۇنىڭ ھازىر ھايات ياكى ئەمەسلىكىنىمۇ بىلمەيمەن. مىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ ئۈمىدىم بولسا، دادام قامالغان تۈرمە، ھەمدە باشقا ئۇيغۇرلار قامالغان تۈرمىلەر ۋە لاگېرلارنىڭ شارائىتىنىڭ نىسبەتەن ئېيتقاندا ياخشىراق بولىشى، لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققانلار تىلغا ئالغان ئۇ شارائىتلارنىڭ قايتا تەكرارلانماسلىقى، ئەڭ ياخشىسى بۇ لاگېرلارنىڭ تاقىلىپ، بۇ بىگۇناھ تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرنىڭ قۇيۇپ بېرىلىشى، ھەمدە ئۆز ئۆيلىرىدە ۋىروسقا قارشى تەدبىر ئېلىشى.»
«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» ئامېرىكا پۇخرالىرىغا ئۆز تەۋەلىكىدىكى سايلام رايونىنىڭ كونگرېس ئەزالىرى ۋە ئاق سارايغا خەت يېزىپ، شىنجاڭدىكى (ش ت) كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا بولغان ئەندىشىلىرىنى بىلدۈرۈشكە، «ماگنېتىسكىي قانۇنى» ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى تەلەپ قىلىشقا مۇراجىئەت قىلدى.
مەنبە: ئامېرىكا ئاۋازى